ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 644 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مۇشۇ مۇنبەرگە كىرسەملا بىر سۇئال كاللامغا كىرۋالاتتى،ئۇ بولسىمۇ مۇنبەردىكى پىشقەدەم كونا ئەزالار ھازىر نىمىشقا مۇنبەردە يوق؟مانا مۇشۇ سۇئالنى دائىم ئويلايتىم ھەم ھەيرانمۇ قالاتتىم چۇنكى بۇ مۇنبەرگە چىقىپ كونۇپ قالغان ئادەم ئۇچۇن مۇنبەرنى تاشلاش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس،مەن چېغىمدا تىزىملاتقىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ بۇ مۇنبەرگە شۇنداق كۇنۇپ قالدىم مۇنبەر بەزى ۋاقىتلاردا تاقىلىپ قالسا ئىچىم پۇشۇپ كېتىدۇ،مەن چېغىمدا مۇشۇنداق بۇلىۋاتسام نەچچە يىللىق كونا ئەزالار نىمىشقا مۇنبەردىن چىكىنىدىغاندۇ دەپ ياكى مۇنبەرگە كىرمەيدىغاندۇ دەپ ئويلايتىم،ئەمما ئوتكەن ئايدىكى ئەزا چەكلەش ئۇقتۇرىشىدىن كىيىن،مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ قېتىملىق مۇنبەر ئىنقىلابىدىن كىيىن بۇ ئىشلارغا ئانچە ھەيران قالمايدىغان بولدۇم…بۇ مۇنبەردە ھەقىقەتەن بەزىبىر تەڭپۇڭسىزلىق بار بۇنداق دىسەم باشقۇرغۇچىلارنى ئەيىپلىگىنىم ئەمەس ئەلۋەتتە ئۇلارغىمۇ ئاسان ئەمەس مۇنبەر تەرەققىياتى ئۇچۇن نۇرغۇن توھپىلەرنى قۇشۇپ كىلىۋاتىدۇ…شۇنداقتىمۇ بەزى مەسىلىلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇت،كونا ئەزالارنىڭ چىكىنىشى توغۇرلۇق ئوزەمنىڭ كوز قارىشىنى ئوتتۇرىغان قۇيۇپ باقاي…مىنىڭچە كونا ئەزالارنىڭ مۇنبەرگە چىقماسلىقى بىر نەچچە بالىلارنىڭ مۇنبەردە جېدەل ئوينىشى سەۋەبىدىن ئەمەس بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ چىكىنىشىغا سەۋەپچى بولالمايدۇ ،بەزى بىر ئورۇنسىز چەكلەش مۇنبەردىكى تاڭپۇڭسىزلىق ئۇلارنى مۇنبەردىن يىراقلاشتۇرغان بۇلىشى مۇمكىن ،يېقىندا يۇز بەرگەن ئىزلارغا قارىساق نۇرغۇن ئەزالار چەكلىنىپ كەتتى سەۋەبى نېمە يەنە شۇ جېدەل ،پەرۋەر بىلەن ئۆركىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان چەكلىنىشى باشقا ئەزالارنىڭ كاللىسىدىن ئوتمىدى شۇ سەۋەپلىك مۇنبەر بىر مەزگىل ياغ قازىنىدەك قايناپ كەتتى…مۇنبەرداشلارغا ئايان بىر تۇرك مىللەتلىرى قىزىق قان كېلىمىز شۇنداق بولغانىكەن ئۇرۇش جېدەل بۇلۇپ تۇرىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرى بۇ توغۇرلۇق يېڭىچە ئىسلاھات ئېلىپ بارمىدى،جېدەل چىقارسا چەكلەپلا ئىشنى تۇگەتتى…چەكلەش جەريانىدا بەرى تاڭپۇڭسىزلىقلار كۇرۇلمىدى ئەمەس كۇرۇلدى بۇنىڭغا باشقا ئەزالارمۇ قاراپ تۇرمىدى،بەزىللىرىنىڭ مۇنبەردىن كوڭلى سۇۋۇپ كۆپ كىرمەس بولدى،بەزىللىرى كاللىسىدىن ئوتكۇزەلمەي جېدەل چىقىرىپ ئۇلارمۇ مەڭگۇلۇك چەكلەندى…شۇنىڭ بىلەن مۇنبەردە بىر مەزگىللىك تىنىشلىق ھۆكۇم سۇردى،ئەمما بۇ تىنىشلىقمۇ ئۇزۇنغا بارماسلىقى مۇمكىن ،چەكلەش بىلەنلا ئىش ھەل بولغان بولسا بۇ مۇنبەر تۇزۇلۇپ كەتكەن بولغان بولاتتى…چەكلەشنىڭ ئېلىپ كەلگەن پايدىسى بولسا مۇنبەر بىر مەزگىللىك تىنىشلاندى ئەمما بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىقى قالمىدى ،نۇرغۇن ئەزالارنىڭ مۇنبەردىن كوڭلى سۇۋۇپ كەتتى مانا بۇ مىنىڭ ھېس قىلغانلىرىم يەنە نۇرغۇن گەپلىرى بارتى ھازىرچە مۇشۇ يەردە توختىتىپ تۇراي …… |
|