ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4273 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سانلىق -مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا گىرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنىڭ مۇداپىيەسى ياۋرۇپا قىتئەسىدىكى 5چوڭ بىرلەشمە ئىچىدە 1-ئۇرۇندا تۇرغان. ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ سەركىسى يۇۋىنتىس كوماندىسىنىڭ مۇداپىيەسى 2-ئۇرۇندا، ئىسپانىيە زەردارى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مۇداپىيەسى 3-ئۇرۇندا تۇرغان.
بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە مۇسابىقىدە ۋولفىسبۇرگ كوماندىسىغا 4-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرغاندىن باشقا ،بۇ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئۇلارنىڭ مۇداپىيەسى ئەسلىدىكى ياخشى ھالىتىگە قايىتقان، ھازىرغىچە ئوينالغان 5مەيدان مۇسابىقىدە گو سۇمبولنىڭ قۇشۇنى پەقەتلا 2توپ كەتكۈزگەن، بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىىنىڭ بۇ پەسىلدە كەتكۈزگەن توپ سانى ئوتتورىچە ھەرمەيداندا پەقەتلا 0.46 توپ بولغان. نويىر بۇ پەسىل گىرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە جەمئى 24مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئاران 11توپ كەتكۈزگەن.
ئوخشاشلا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى تاغىل ئات قۇشۇنى يۇۋىنتىس كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇداپىيەسىمۇ قالتىس بولغان. بۇففۇننىڭ بۇ پەسىلدە كەتكۈزگەن توپ سانى ئوتتورىچە ھەرمەيداندا پەقەتلا 0.54 توپ بولغان.26مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە تاغىل ئات قۇشۇنى پەقەت 14 توپ كەتكۈزگەن.
بارسېلونا كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇداپىيەسى يۇقارقى ئىككى كوماندىدىن قالسىلا پۈتۈن ياۋرۇپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە ئىچىدە 3-ئۇرۇندا تۇرغان.بارسېلونا ئالدىنقى ھەپتە 6-1 نەتىجە بىلەن بالكانو كوماندىسىنى قىرغىن قىلغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ بۇ پەسىلدە كەتكۈزگەن توپ سانى ئوتتورىچە ھەرمەيداندا پەقەتلا 0.62 توپ بولغان. بارسېلونا ۋارتارى بىراۋۇ بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ، 14 مەيدان مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ ئىستىمال قىلمىغان.
ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە نىسپەتەن جەنۇبى ئامپىتۇن كوماندىسى مۇداپىيەسى ئەڭ ياخشى كوماندا بۇلۇپ تاللانغان.بەش چوڭ بىرلەشمىگە نىسپەتەن 4-ئۇرۇندا تۇرغان.بۇ پەسىلدە كەتكۈزگەن توپ سانى ئوتتورىچە ھەرمەيداندا 0.71توپ بولغان.
ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى رىم كوماندىسى 5-ئۇرۇندا تۇرغان.بۇ پەسىلدە كەتكۈزگەن توپ سانى ئوتتورىچە ھەرمەيداندا 0.73توپ بولغان.
فىرانسىيە بىرلەشمىسىگە نىسپەتەن موناگۇ كوماندىسى مۇداپىيەسى ئەڭ ياخشى كوماندا بۇلۇپ تاللانغان.بۇ پەسىلدە كەتكۈزگەن توپ سانى ئوتتورىچە ھەرمەيداندا 0.74توپ بولغان.بەش چوڭ بىرلەشمىگە نىسپەتەن 6-ئۇرۇندا تۇرغان.
بەش چوڭ بىرلەشمە ئىچىدە مۇداپىيەسى ئەڭ ناچار كوماندىلار: گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىن فىرانكىفورد كوماندىسى. 24مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 49توپ كەتكۈزگەن ،بۇ پەسىلدە كەتكۈزگەن توپ سانى ئوتتورىچە ھەرمەيداندا 2.04توپ بولغان.
پارما كوماندىسى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى مۇداپىيەسى ئەڭ ناچار كوماندا بۇلۇپ تاللانغان. ،بۇ پەسىلدە كەتكۈزگەن توپ سانى ئوتتورىچە ھەرمەيداندا 1.96توپ بولغان.
ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە نىسپەتەن بالكانو كوماندىسى بىلەن لەيۋەنت كوماندىسى مۇداپىيەسى ئەڭ ناچار كوماندا بولغان.
فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىن تۇلۇس كوماندىسى مۇداپىيەسى ئەڭ ناچار كوماندا بولغان.
ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىن ئايال پادىشاھ باغچا كوماندىسى مۇداپىيەسى ئەڭ ناچار كوماندا بولغان.
|
|