elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1212|ئىنكاس: 47

ئۇيۇشما لوڭقىسىدىكى قوش قىزىللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 20:53  

مۇنبەردىكى ‹‹ جانۇزاي ›› تەۋسىيىسى


ئىنگىلاتتىكى قوش قىزىللار رىقابىتى



bbbbb.jpg
0.jpg

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ھازىرغىچە ئىنگلاند بىرلەشمىسىدىكى قىزىل ئالۋاستى مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن قورال ياراق زاۋۇتى ئارسىنال كۇلۇبىنىڭ ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردىكى قانلىق ئېلىشىشلىرى ھەر بىر مەستانىلەرنىڭ مەڭگۈ ئەسلەيدىغان مۇسابىقىللىرىدىن بولۇپ كەلدى . بولۇپمۇ بۇ ئىككى كۇلۇبنىڭ ئىنگىلاد بىرلەشمە لوڭقىسىدىكى كەسكىن  تۇتۇشىشلىرى ۋە مۇسابىقىدىكى ھېچ كىم ئويلاپ باقمىغان  نەتىجىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى  ئىنگىلاد مەستانىللىرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك .
بەلكىم مۇنبەرداشلار قانداق ھەيران قالارلىق نەتىجىلەر بولغىيدى دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن . بۈگۈن بىز بۇ تېمىمىزدا ئىنگىلاتتىكى ئىككى لۈكچەكنىڭ  يېقنىقى زامان بىرلەشمە  لوڭقىسىدىكى كەسكىن مۇسابىقىلەرنى  سۆزلەش ئارقىلىق ئۇشبۇ ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنى سۆزلەپ ئۆتىمىز .
ئاۋۋال بىز تارىخنى  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىغا قايتۇرايلى . . .

u=3672152179,666661883&fm=11&gp=0.jpg.png
1997222.jpg
1 .  1979- يىلى 5- ئاي
‹‹بەش مىنۇتلۇق مۇسابىقە ›› ساندىرلاند ( ئارسىنال كۇلۇبىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى توپچىسى ) نىڭ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا قىزىل ئالۋاستىنى بوغۇزلاپ تاشلىشى .
1979 -5 ئايدا ئىنگىلاد بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسنىڭ  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئارسىنال كۇلۇبى ئالدىنقى يېرىم مەيداندىلا فىرانكىلىن ۋە تاربوتىنىڭ بىردىن توپ ئۇرشى بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئۆتۈۋاتىدۇ . بۇ قاتمال ھالەتمۇ مۇسابىقىنىڭ 85- مىنۇتىغىچە داۋام قىلغان بولۇپ  مانچېستېر بىرلەشمىسى تاكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە مۇسابىقىدىكى قاتمال ھالەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ . ئارسىنال مەستانىللىرىمۇ ئۆز كۇلۇبىنىڭ مۇتلەق غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ئولتۇرشىدۇ . ئەمما 86 مىنۇتقا كەلگەندە مانچېستېر توپچىسى گودىن مەگلايىن ۋارتار ئالدىدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەپچىللىك بىلەن بىر توپ كىرگۈزىدۇ . 87 مىنۇت بولغاندا مەگىرلوي يەنە بىر توپ ئۇرۇپ قىسقىغىنا نومۇر پەرىقىنى تەڭلەشتۈرىدۇ . ھەش -پەش دېگۈچە قىسقىغىنا ئىككى مىنۇتتىلا يۈز بەرگەن ئىشلارنى قوبۇل قىلالمىغان ئارسىنال مەستانىللىرى نېمىش بولىۋاتقىننىمۇ ئاڭقىرالماي جىممىدە بولۇپ قالىدۇ .مانچېستېر مەستانىللىرى بولسا نۇقتا توپ جېڭىگە كىرىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىپ بەھرامان ئولتۇرۇشقان ئىدى . بىراق بۇ مەيدان كاتتا ئويۇن تېخى ئاخرلىشمىغان ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا مۇسابىقە تۈگەشكە پەقەت نەچچە سېكۇنت ۋاقىتتا ئارسىنال ھۇجۇمچىسى لىيام بىرادى سول تەرەتىن توغرىسىغا پاس تاشلايدۇ . توپقا ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ئالەن ساندىرلاند توپنى ۋاراتا تۈرۈكىگە  سوقۇپ كىرگۈزۈپ ئارسىنالنىڭ غەلبىسىگە يول ئاچىدۇ . بىر مىنۇت پەقەتلا بىر مىنۇت بەرداشلىق بېرۋەتكەن بولسا نۇقتا توپ جېڭىدە بەلكىم  مانچېستېر بىرلەشمىسى چىمپىيون بولغان بولاتتى . مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى بەش مىنۇتىدا بىر - بىرىدىن قالتىس ئۈچ توپ كىرىپ شۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ‹‹كولمىناتسىيىسى ›› ۋە ‹‹ يېشىمى ›› چىققاچقا بۇ تارىختا ‹‹ بەش مىنۇتلۇق مۇسابىقە ›› دەپ ئاتالدى .

مۇسابىقە ۋىدىيوسى



2. ۋىۋاسنىڭ ۋىللا  ( ئاستون ۋىللانىڭ مۇسابىقە مەيدانى )  باغچىسىنى قىزىلغا بويىشى .
201503082256431070.jpg.png
v vvv.jpg
1999- يىلى 4 -ئاينىڭ 14 - كۈنى  مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن ئارسىنال كۇلۇبى  ئاستونۋىللا كۇلۇبىنىڭ ۋىللا باغچىسى مەيدانىدا  ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىسىنى ئوينىدى . بۇ مەيدان مۇسابىقە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئۈچ شاھ بولۇشىدىكى مۇھىم مۇسابىقە بولۇپ ئازراقمۇ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشكە بولمايتتى .  ئارسىنال كۇلۇبى بولسا  شۇ يىلى بىرلەشمىدىكى نەتىجىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلكى سەۋەبىدىن ئۇيۇشما لوڭقىسىغا ئېرىشىپ ئۆزىگە ئازراق تەسەللى تېپىشنى ئويلىغان بولغاچقا بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە بارلىق كۈچىنى چىقىرىشى كېرەك ئىدى  .  مۇسابىقىدە باشلىنىپ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا شۇ ۋاقىتتىكى ئىنگلاند گۆھىرى بىكھام بىر توپ ئۇرۇپ قىزىل ئالۋاستىلار ئەۋزەل ئورۇنغا ئۆتۈۋاتىدۇ . كىيىنكى يېرىم مەيداندا ئارسىنال كۇلۇبىنىڭ گولاندىيەلىك ھۇجۇمچىسى بىرىگامپ ( ئىسمى شۇنداقراقكەن ) ئەۋزەل ئورۇندىن  توپنى ۋاراتارغا كۈچەپ تىپىدۇ . توپ قېيىپ مانچېستېر ئەزاسىغا تېگىپ خائىن توپ بولۇپ كىرىپ كېتىدۇ . نەتىجە تەڭلىشىپ مۇسابىقە  ۋاقىت قوشۇپ ئويناش ھالىتىگە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئارسىنال ماھىرى ۋىۋاس يان يولدىن ھۇجۇم ھالىتىدە كېتىۋاتقاندا  مانچېستېر ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ۋىللىيام كىئانى  پۇت سالىدۇ . پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ۋىۋاس ھېچقانداق سۈركىلىش بولمىغان ئەھۋالدا  يالغاندىن يىقىلىدۇ .  باش رېپېر كۆرۈش سىزىقىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىككىلەنمەيلا سېرىق كارتا چىقىرىدۇ . ئالدىنقى يېرىم مەيداندا بىر تال سېرىق كارتا ئىستېمال قىلۋالغان ۋىللىيام  ‹‹ ئىككى سېرىق ،  بىرقىزىل ››   بولۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلىدۇ .


نەيزە ۋە قالقان
Img372601501.jpg
xumuqir.jpg
xxxx.jpg
مانچېستېر بىرلەشمە كۇلۇبى ئامالسىز 10 ئادەم بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي 12 نومۇرلۇق ماھىرنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى بىلەن ئارسىنال نۇقتا توپقا ئېرىشىپ  ئالدنىقى مەيداندا بىر توپ ئۇرغان ئارسىنال ماھىرى  بىرىگامپ نۇقتا توپ ئۇرۇشقا تەييارلىنىدۇ . مەيداندىكى بارلىق ئارسىنال مەستانىللىرى  ئۆز كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا چەكسىز ئىشىنىپ  ئالقش سادالىرى بىلەن بىرىگامپقا مەدەت بېرىدۇ . ئەپسۇس كىممۇ ئويلىغان دەيسىز ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق ۋارتار شۇمۇچىر بىرگامىپ ئورغان توپنى توسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ . دېمەككى دانىيەلىك داڭلىق ۋارتار شۇمۇچىر بۇ قېتىم  گوللاندىيەلىك  قاتىل ھوجۇمچىنى بىرگامىپنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلغان ئىدى .

قەھرىماننىڭ مەيدانغا كېلىشى
gggggg.jpg
gggggnnn.jpg
مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئازلا قالغان ۋاقىتتا قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىققان ۋىلىش چولپىنى گىگىس قارشى تەرەپنىڭ توپىنى تارتىۋېلىپ ئوتتۇرا مەيداندىن بۆسۈپ كىرگەنچە ئارسىنالنىڭ تۆپ ماھىرىنى ئالداپ ئۆتۈپ ۋارتانىڭ ئۆلۈك بۇلۇڭىغا توپنى ئۇتۇپ كىرگۈزىدۇ . مەيدان گۈلدىراس ئالقش سادالىرىغا تولدى . غەلىبە ئالۋاستىلارغا مەنسۇپ بولدى . گىگىسنىڭ بۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك توپى ئۇيۇشما لوڭقىسىدىكى ئەڭ قالتىس كىرگەن توپلاردىن ئورۇن ئالدى . شۇ يىلى مانچېستېر بىرلەشمىسى 92- يىلنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئۈچ شاھ بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى .
ئارسىنال مەشقاۋۇلى ۋېنگىر بۇ مەيدان مۇسابىقىنى ئەسلىگىنىدە مۇنداق دەيدۇ . ‹‹ بىز لوڭقىغا بىرلا قەدەم قالغان ، ئەگەردە بىرىگامپ نۇقتا توپنى ئۇرىۋەتكەن بولسىلا بىز چېپىيونلىققا تېخىمۇ يېقىنلىشالايتۇق ، 10 ئادەملىك مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۇ مەيدان مۇسابىقىنى ناھايىتى ياخشى ئويناپ تۈگەتتى . گىگىس ئۇ توپنى بەكلا قالتىس ئۇرىۋەتتى . . . ››


3. 2003- يىلى 2-ئاينىڭ 15- كۈنى
g2.jpg
g3.jpg
قەھرىماننىڭ خاتالىقى
ئىككى قىزىل قوشۇن ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ 5 - ئايلانمىسىدا يەنە بىر قېتىم ئۇچۇرشۇپ قالدى . قىزىزىقارلىق يېرى شۇكى بۇ قېتممۇ ئالدىنقى قېتىمقى قەھرىمان گىگىس قىزىق نۇقتا بولدى . ئالدىنقى قېتىملىقىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى بۇ قېتىم قەھرىمان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئۆز مەھەلىسىدە زەمبىرەكچىلەرنىڭ  بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچۇرىدى . زەمبىرەكچىلەر 2-0 نەتىجە بىلەن ئالۋاستى قوشۇننى مەغلۇپ قىلىپ سەككىز كۈچلۈككە كىرىپ كەتتى .
aaaa.jpg

hhhhh.jpg

ئۇچقۇر ئاياق ۋەقەسى
2d89e430b8c231362efa42afe9fbccfba3691822.jpg
fffff.jpg
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مانچېستېر باش مەشقاۋۇلى فۇرگىسىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ توپچىلارنى قاتتىق تىللاپ كەتتى . بىكھامنىڭ مۇداپىئەدىكى بىخەستىلىكى سەۋەپىك توختالغاندا ئىككىسى تاكاللىشىپ قالدى . ئاچچىقىنى باسالمىغان فۇرگىسىن يەردىكى ئاياقنى بىكھامغا قارىتىپ تېپىدۇ . ئاياق ئۇدۇل بېرىپ بىكھامنىڭ سول مۈرىسىگە تېگىپ يېنىك يارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇ سەۋەبلىك ئۇستاز شاگىرت مۇناسىۋىتىگە دەز كېتىپ پەسىل ئاخىرىدا فۇ بوۋاي بۇ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسىنى خان مادىرىدتقا سېلىۋېتىدۇ . بۇ ۋەقە خېلى بىر ۋاقىتلارغۇچە تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ .
( بۇ مەيدان مۇسابىقە فىلىمىنى تاپالمىدىم . )

4. تەڭداشسىز زەمبىرەك  ۋە  قۇدرەتلىك ئالۋاستى

alwaastii.jpg
2003-2004-مۇسابىقە پەسلىدىكى ئارسىنالنى بىز قۇدرەتلىك زەمبىرەككە ئوخشاتماي تۇرالمايمىز . ‹‹49 مەيدان ئۇدا يېڭىش ›› ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىدەك رىقابەت كەسكىن جايدا بۇنداق شانلىق نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئاسان نەتىجە ئەمەس ئەلۋەتتە .
شۇ ۋاقىتتىكى ئالۋاستى قوشۇن مانچىستىرمۇ رونالدۇ ، رونى قاتارلىق ياش ماھىرلارنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن خېلى مەزمۇت بولۇپ قالغان ئىدى .
2004- يىلى 4- ئايدا بۇ ئىككى  قوشۇن بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ  يېرىم ھەل قىلغۇچتا يەنە بىر قېتىم  ئۇچىراشتى   چېمپىيونلۇققا ئاساس سېلىپ بولغان ئارسىنال ئۇيۇشما لوڭقىسىنى ئېلىپ ئۈچ شاھ بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان . ئەپسۇس سىلكولىسنىڭ بىر توپى بىلەن زەمبىرەكچىلەرنىڭ بۇ خىيالى پەقەتلا چۈش بولۇپ قالدى خالاس . ( ئەسكەرتىش ئارسىنالنىڭ ئۇدا يېڭىش رېكورتى 49 مەيدان بۇ نەتىجىنى 2003- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياراتقان 2004- يىلى 10- ئايدا مانچېستېر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 2:0 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ بۇ رىۋايىتى توختاپ قالغان ، لېكىن ماۋۇ مۇسابىقىدە مانچىستىرنى يەڭگەن دەپ يېزىلىپتۇ .شۇڭا بىلىدىغانلارنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .  )
aaaa.jpg
bbnh.jpg

5. نۇقتا توپ جېڭى
zzb.jpg
20051.jpg
2005- يىلى ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋىنبولى پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى . 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلا تەرەپ تەڭلىشىپ قېلىپ نۇقتا توپ جېڭىگە كىرىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا نۇقتا توپ تەپكۈچى ئالدىنقى قېتىملىق قەھرىمان سىكولىس بولۇپ ئۇنىڭ تەپكەن توپىنى گېرمانىيەلىك ۋارتار لەيمان ئۇرۇپ چىقىرىۋېتىپ ئارسىنالنى غەلىبىگە باشلايدۇ . لەيمەن ئاخىرقى نۇقتا توپنى توسۇۋېلىپ ئارسىنالنىڭ ئۇيۇشما لوڭقىسىغا ئېرشىشتىكى قەھرىمانىغا ئايلىنىدۇ

ۋىررانىڭ  ئارسىنالدىن ئايرىلىشى

wewew.jpg
www.jpg
شۇ مەيدان مۇسابىقە ئارسىنالنىڭ داڭلىق توپچىسى ۋىررانىڭ ئارسىنال ئۈچۈن ئوينىغان ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقى بولۇپ ۋىررا شەرەپ بىلەن  كۇلۇپتىن ئايرىلىپ ئىتالىيە يۇۋېنتىس كۇلۇبىغا قېتىلىدۇ .
مۇسابىقە فىلىمى


6. 2008- يىلى 2- ئاي  ئارسىنالنىڭ قارا چۈشى
tursun.gif
بۇ قېتىملىق ئۇچۇرشۇرشىشتا رونى ، نانى لارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى ۋە فىلەيچىنىڭ 2 توپ ئۇرۇشى بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۆز مەيدانىدا  ئارسىنالنى قىرغىن قىلىدۇ .  بۇ مۇسابىقىدە ئارسىنال كۇلۇبى تۆت توپ ئىستېمال قىلىۋالغاندىن باشقا ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ئەيبۇئەي قىزىل كارتا ئىستېمال قىلىپ مەيداندىن ئايرىلىدۇ . بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەت ئارسىنال كۇلۇبىنىڭ ئۇيۇشما لوڭقىسىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى بولۇپ قالىدۇ .
2008-يىلىنى مانچىستىر يىلى دىسەك ھەرگىز ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ . شۇ يىللىق ئېرىشكەن شەرەپلىرى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا قىسقارتىلدى .

nnnn.jpg
njhnh.jpg
mjmjm.jpg

7. 2011-يىلى 3- ئاي  ‹‹ ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى ››
aaaa.jpg
asasa.jpg mmmm.jpg
بۇ مۇسابىقە ئوينىلىشتن نەچچە كۈن بۇرۇن مانچېستېر بىرلەشمىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بارسېلونا تەرىپىدىن شاللىنىدۇ . بىرلەشمىدە ئاستونۋىللا تەرىپىدىن يېڭىلىپ بىرلەشمە لوڭقىدىن مەھرۇم بولىدۇ .  قايتا - قايتا مەغلۇپ بولغان مانچېستېر بىرلەشمىسى ئاخىرى ئاچچىقىنى ئارسىنالدىن ئالىدۇ . مۇسابىقىدە  فابىئو 1 توپ ،رۇني 1 توپ ئۇرۇپ  ئارسىنالنى شاللاپ  4 كۈچلۈككە كىرىدۇ .

بۇ مۇسابىقىنىڭ فىلىمى مۇنبەردىمۇ باركەن .
/forum.php?m ... 9%D9%86%D8%A7%D9%84


ئەسكەرتىش : بۇ پەقەت ئىككى كۇلۇبنىڭ ئۇيۇشما لوڭقىسىدىكى كىلاسسىك مۇسابىقىللىرى باشقا ھەر خىل مۇسابىقىلەردىقى ئۇچۇرىشىشلىرى كىرگۈزىلمىدى .
.


بوۋاي

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 7مۇنبەر پۇلى +350 تۆھپە +12 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
باقاۋۇل + 50 قالتىس!
تۈمەن + 50 + 10 + 10 + 10 + 3 قالتىس!
جانۇزاي + 50 قالتىس!
missi2 + 50 قوللاش!
ئارىف + 50 قوللاش!
ھەمراھ + 50 + 2
januzay + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ،يەنە نادىر تىمىدىن بىرنى پۈتكۈزۈپسىز،لىكىن سىزنىڭ بىر تەرپىڭىز مىنى بەك قايىل قىلدى،بىر ئىشنى قىلسىڭىز ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدىكەنسىز،رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئىسىل تېما . يامان بوۋايدە ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بىرىدىن قالتىس كوماندىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىما بوپتۇ، بەك پەيزى مۇسابىقىلەر ئىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل نادىر تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋايكا، تېمىلار بىر-بىرىدىن قالتىس چىقىپ كېتىۋاتىدا؟ قانداق نەرسە قوزغىتىپ قويدى سىزنىڭ ئىلھاملىرىڭىزنى؟ قېرىغاندا بىرەر ساھىپجامال مومايغا يولۇقۇپ قالمىغانسىز ھە بۇنچە بولۇپ كەتكۈدەك؟ (چاقچاق ھە)
ماۋۇ تېمىدىن ئوق-دورا زاۋۇتى بىلەن قىزىل ئالۋاستىلارنىڭ قانچىلىك قان رەقىپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن، تېمىڭىزغا رەھمەت!
كىچىككىنە تەكلىپ: كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلغاندا يەنىمۇ ئىزدىنىڭ، ئىمكانقەدەر خاتا تەلەپپۇز قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەنىلا ئېنگىلىزچە تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىڭ، ئاندىن ئىملاغىمۇ كۆزەينەكنىڭ يۇقىرى گىرادۇسلىقىنى تاقاپ ئولتۇرۇپ ئەڭ زور دەرىجىدە دىققەت قىلىڭ! تەكلىپىم تۈگدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىرەر ماتىريالنى تەۋسىيە قىلسام يۇقىرى سەۋەيلىك تەرجىمە قىلىپ يېزىۋەتمەمسىز؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 21:36
بوۋايكا، تېمىلار بىر-بىرىدىن قالتىس چىقىپ كېتىۋاتىدا؟ ...

نەدىكى ساھىپجامال   سىلىگە يارىغان بولسا بىزنىڭ ھاردۇق چىقتى . ھېلىقىنىڭغا چۈشسە گاچچىدە ئۇرماملا تامغىنى شۇنچە دىققەت قىلىپ ئىملا تەھرىرلىگۈچكە سالساممۇ يەنە بارمىكەن ئىملا خاتالىقى . خەپ زىرەكچاق ماڭا جا ئىملا تەھرىرلىگۈچنى بېرىپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 21:37
مەنمۇ بىرەر ماتىريالنى تەۋسىيە قىلسام يۇقىرى سەۋەيلىك ...

ئوۋۋۋ . بەك ئۇزۇن ئەمەستۇ  . سەۋىيە چەكلىك يۇقىرى سەۋىيدە چىقىرالماسلىقىم مۇمكىن . ئارال بىر ئەۋەتسىلە قېنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي  قېرىغاندا    قالتىس  بۇلۇپ  كىتىپ  باردىغۇ  .  ئىككى  قىزىلنىڭ  شانلىق  دەۋىرلەرنى  باشتىن كەچۇرۇپتىكەن  لىكىن  يېقىنقى  نەچچە  يىلدا  نەتىچىسى  كۇڭۇلدىكىدەك   ئەمەس  بۇلارنىڭ  ئىپادىسىنىڭ  چىكىنىشى  ئېنگىلاد  بىرلەشمىسىگە  كۇپ  تەسىر  قىلدى   تىزراق  ئەسلىنى  تېپىشنى   ئۇمۇت  قىلمەن  ...ئىسىل  تىما   نادىر  تىما   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 21:41
ئوۋۋۋ . بەك ئۇزۇن ئەمەستۇ  . سەۋىيە چەكلىك يۇقىرى سەۋىي ...

مەن ئەتىلەردە بالدۇرراق ئەۋەتىپ بېرەي، بولمىسا تەرجىمە قىلىمەن دەپ كېچىچە ئۇيقۇسىز قالمىسىلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 13:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش