ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 54 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 17:22
جۇڭگو A دەرىجىلىك بىرلەشمىسى باشلىنىدىغانغا تۆت كۈن قالدى، بۈگۈن پۇتبولچىمىز ئۆتكۈر ھەسەن توپ تېپىدىغان خېبىي خۇشيا بەخت كوماندىسى تاراتقۇلار كۆرۈشۈش يىغىنى ئېلىپ باردى.
خېبىي خۇشيا بەخت كوماندىسىنىڭ بۇ يىللىق نىشانى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئۆرلەش بولۇپ، كۇلۇب سابىق رېئال مادرىت ۋە بارسىلونا ترېنىرى ئانتىچ، سېربىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى مىلىياش قاتارلىق داڭلىق سەردارلارنى كوماندىغا قوشىۋالدى، 14-چېسلا كوماندا 1-ئايلانمىدا بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنۋىرسىتىتى كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.
تۈنۈگۈن مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى نېغمەتمۇ توپچىمىز ئۆتكۈرگە مەدەت بەرگىلى كەلدى. ئۆتكۈر بۇ مۇسابىقە پەسلى داۋاملىق 3-نومۇرنى كېيىپ كوماندىنىڭ ئارقا سەپتىكى كوزۇرلىق توپچىسى بولۇپ ئوينايدۇ. سالونىمىز ئۇنىڭ خەۋەرلىرىنى دەل ۋاقتىدا تارقىتىدۇ.
خېبىي خۇشيا بەخت كوماندىسىنىڭ بۇ يىللىق مۇكاپات تۈزۈمىمۇ ئالاھىدە، بىرلەشمىدە بىر مەيدان ئۇتسا بىر مىليون يۈەن، ئەگەردە ئالدىنقى ئۈچ ئايلانمىدا ئۈدا ئۈچ مەيدان ئۇتسا سەككىز مىليون يۈەن مۇكاپات تارقىتىدۇ، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇكاپات سوممىسى، ئاخىرىدا بىز ئۆتكۈرنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇتۇق قازىنىپ كوماندا بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئۆرلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
|
|