ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2956 |
تۆھپىسى: سەر |
|
چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3.45 ئۆتكەندە مادرىد كوماندىسى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى شارىك04 كۇلۇبى بىلەن موسابىقىلىشىدۇ ،ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەنچىلوتى تۇۋەندىكىلەر ئۈستىدە توختالدى:

بىز توپ ئويناش ئوسۇلىمىزنى ئۆزگەرىتمەيمىز ، بۇ خىل ئۇسۇل ۋە سەپ شەكلى بىزنى تېخىمۇ كۆپ توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ ئەمەلى كۈچى ناھايىتىمۇ زور ، بىز چوقۇم ئىپادىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ ياخشى نەتىجىگە ئىرشىشىمىز كېرەك ، رەقىبىمىزنىڭ كىم بولۇشىدىن قەنتى نەزەر ئىپادىمىز چوقۇم ياخشى بولىدۇ، ئۆتكەن پەسىلدە بىز گېرمان كۇلۇپلىرىنى تولۇق مەغلۇپ قىلدۇق، بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا شۇنداق بولىدۇ.
قىدىرا ۋە مودىرىچ تىزىملىككە كىردى، ئۇلارغا مەلۇم ۋاقىت مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بىرىمىز ، رامۇس يەكشەنبە كۈنى مەيدانغا چىقالىشى مۇمكىن،مودىرىچ يارىلانغان بولغاچقا مۇسابىقىدە 30 مىنۇت مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن.
ب ب س گۇرۇپپىسىغا قارتا: ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان، ئۇلار تولۇق مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن ، مەن ئۇلارغا ئىشىنىمەن ، ئۇلار كوماندىغا ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشقان،يېقىندا ئۇلار بىر ئاز قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتى، بۇ ئەھۋالدىن ساقلىنىش تەس،بۇ خىل ئەھۋالغا يالغۇز ئۇلارلا ئۇچرىغان ئەمەس،يېقىندىن بىرى ئۇلارنىڭ توپ كىرگۇزىشى ئازلاپ كەتتى ، سەۋەبى باشقىلار ئۇلارغا ئۈنۈملۈك ياردەم بىرەلمەيۋاتدۇ،ئۇلار ئاۋۋالقىدەكلا توپ ئويناش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرىتمەيدۇ،ئۇلار تېخىمۇ كۆپ توپ كىرگۇزەلەيدۇ،تېخىمۇ كۆپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
كىروس ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بەزىلەر ئۇنى ھېرىپ قالدى، چارچاپ كەتتى دىيىشىدىكەن، بۇنداق ئىش يوق ، بىزنىڭ مۇسابىقىلىرىمىز ئۇنچە كۆپ ئەمەس ، ئۇنىڭ سالامەتلىگىدىمۇ مەسىلە يوق،كوماندىمىزنىڭ يېقىنقى مەسىلىسى دەل تاكتىكىدىكى مەسىلە،كارتا سانى توشۇپ موسابىقىدىن توختىسا باشقا گەپ ، بولمىسا ئۇ ئارام ئىلىشقا موھتاج ئەمەس.دېدى.
بىلنىڭ ناچار ئىپادىسىگە قارتا: ئەگەر راسلا مۇشۇنداق ئىش بولسا مەن پۈتكۈل كوماندىنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشسام بولىدۇ، كىرىستىيانو ، بىنزىما، ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى، بارلىق ئەزالارنى ئەسكەرتىپ تۇرشۇم كېرەك ،ئەگەر بىل ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنىڭ بۇرۇنقىدەك ياخشى بولمىغانلىقىنى ھېس قىلسىلا چوقۇم تىرىشىپ ئۆزگەرتىدۇ.
خىسەي مەيدانغا چىققاندا بىز 433 نى 442 غا ئۆزگەرتىپ قىلىشىمىز مۇمكىن ، شۇنداق قىلغاندا بىزگە ئىككى قاناتتىن بوشلۇق ئىچىلىدۇ، بىراق بۇنداق قىلىشىمىز كوماندا سىسىتمىسىنى توغرىلاش ئۇچۇن ئەمەس. كوماندا ئۇچۇن بىر قېتىم سەپ شەكلىنى ئۆزگەرتىشىمىز مۇمكىن. دېدى
ئۇنىڭدىن باشقا مادرىد يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى ، مەغلۇپ بولۇشتىكى مەسئۇلىيەتنىڭ %100 ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەنبە : 直播首页>足球新闻> |
|