ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 901 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 13:34
ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ سائەت 10:00 دا 2014-2015-يىللىق ئېنگىلانىد ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ 4/1 تاللاش مۇسابىقىسىدە لىۋىرپول كومانسى ساھىبخان مەيداندا قارا سەرگەردانلار( بىلاكبۇرىن روۋرىس(Blackburn Rovers) كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالماي 0-0 تەڭلىشىپ قالدى. كولى تورىنىڭ كىرگۈزگەن بىر توپ رىپىر تەرپىدىن ئىناۋەتسىز قىلۋېتىلدى.
ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە 2014-2015-يىللىق ئېنگىلانىد ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ 4/1 تاللاش مۇسابىقىسىدە مانچىستىر بىرلەشمە كوماندىسى كونا تىرانفورت مەيدانىدا ئارسىنال كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. نەتىجىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى ساھىبخان مەيداندا 1-2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئارسىنال كوماندىسىدىن مونرىئال ئاۋال بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەن بولسىمۇ، مانچىستىردىن رونىينىڭ بىر توپ قايتۇرۋالدى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 66-مىنۇتىدا ئارسىنالدىن ۋېلبىك بىر توپ ئۇرۇپ، غەلبىگە ئاساس سالدى. مۇسابىقىنىڭ 76-مىنۇتىدا دىمارىيا چەكلەنگەن رايۇننىڭ ئالدىدا رامسىيگە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ قويغانلىقتىن سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا قايىل بولمىغان دىمارىيا رىپىرى تەرپىدىن 2-سېرىق كارتىنى ئىستىمال قىلىپ، 10 سىكونىتنىڭ ئىچىدە قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن ئايرىلدى. نەتىجىدە ئارسىنال كوماندىسى مېھمان مەيداندا مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى مەغلىپ قىلدى.
|
|