ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 891 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 02:30
3-ئاينىڭ 9-كۈنى 2014-2015-مۇسابىقە پەسىللىك ئامىرىكا كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيەلىك ئالتۇن توپ ساھبى كاكا باشچىلىقىدىكى ئورلانىدو شەھەر كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئىسپانىيەلىك قاپاق بالا ۋېللانىڭ باشچىلىقىدىكى نېۋيورك شەھەر كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. بۇ ئىككى چولپان ئۆزىنىڭ ئامىرىكا بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ياخشى بولغان ئىپادىسى بىلەن باشلىۋالدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ھەر ئىككى تەرەپ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ ئەمما ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالماي ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئورلاندو شەھەر كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ھۇجۇمى ئۈنۈملۈك بولماي قالدى. 76 مىنۇت بولغاندا نېۋيورك شەھەر كوماندىسى قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايۇن ئەتىراپىدا ياخشى ماسلىشىپ، ۋىللانىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن سەپدىشى مېكىس چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ۋاقتى توشۇپ، 4 مىنۇت قۇشۇپ بېرىلدى. مۇسابىقىنىڭ 91-مىنۇتىغا بارغاندا ئورلاندو شەھەر كوماندىسىغا چەكلەنگەن رايۇن سىزىقى سىرتىدىن ئىختىيارى توپ پۇرسىتى كەلدى ۋە بۇ توپنى كاكا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، كوماندىسى قۇتقۇزۇپ، قىممەتلىك 1 نومۇرغا ئېرىشتۈردى.
|
|