ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 542 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-9 22:14
خان مادىرىد كۇلۇبى ئالدىنقى كۈنى بىلباۋ ئاتلىتكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن پۈتۈن دۇنيادىكى مادىرىد مەستانىللىرى مۇئاۋىن كاپىتان راموسنىڭ ئارقا مۇداپىيەدە كەم بولسا بولمايدىغان ماھىر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتى .
ماركا گېزىتىنىڭ ئەڭ يېڭى خوش خەۋرىگە قارىغاندا ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە خان مادىرىد كوماندىسىنىڭ تۆمۈر بىكى راموس مەشىق مەيدانىغا قايتىپ كىلىپ ئەسلىگە كىلىش مەشىقى قىلىشقا باشلىغان . مەشىق جەريانىدا راموسنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ باشقا ئەزالار بىلەن قوشۇلۇپ بىر قەدەر سالمىقى ئېغىر مەشىقلارنىمۇ قىلغان . يارلانغىلى 3 ھەپتىدىن ئاشقان راموسنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ناھايىتى تىز بولۇپ ھەر ۋاقىت مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەييارلىنىپ بولغان ھەپتىنىڭ 2 كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان شارىك 04 كۈلۈبى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسنىڭ ئىككىنچى ئۇچۇرشىشىدا مەيدانغا چىقشى مۇمكىن ئىكەن . خۇشاللىنارلىقى شۇكى مەشىق مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن راموس ناۋادا بۇ مۇسابىقىگە قاتناشمىغان تەقدىرىدىمۇ ، 3- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسىغا قاتنىششى ئېنىق ئىكەن . ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا راموس ھەپتە ئاخىردىكى مۇسابىقىگە قاتناشمايدىغان بىر تۈركۈم توپچىلار بىلەن بىللە ئايرىم تېخنىكا مەشىقى قىلغان . رونالدو ، پى پى ، مارسىلو قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالار مەيداننىڭ ئەتىراپىدا ئاستا سۈرەتتە يۈگۈرگەن . ئۇلاردىن باشقا يەنە بىر تۈركۈم ماھىرلار كۇلۇبنىڭ مەشىق زالىدا كۈچ مەشىقى ئېلىپ بارغان . باش ۋارتار كوماندا كاپىتانى كاپىتان كاشلىياش ، ئىككىنچى ۋارتار ناۋاس ئالاھىدە ئىنكاس مەشىقى قىلغان . شارىك 04 كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىدە مادىرىد ناھايىتى پايدىلىق ئورۇندا شۇڭا بۇ مۇسابىقىدە ئالاھدە ئەھۋال بولمىسلا پى پى بىلەن ۋارانى ئوتتۇرا بىك خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسىدىن تولۇق چىقىپ كىتەلەيدۇ . ئەھۋالدىن قارىغاندا مەستانىلەر راموسنىڭ دىربىدا تولۇق ئىپادىسى بىلەن چىقالماي قېلىشىدىن ئەنسىرمىسىمۇ بولغۇدەك .
ئەسكەرتىش ئالدىنقى ھەپتە مەن مۇدىرىچنىڭ ساقايغانلىقىنى تېما قىلىپ يېزىپ چىققان ئەمما نۇرغۇن مەستانىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن شۇڭا بۈگۈن شۇ كۈندىكى ئىسپاتنى ئېلىپ كەلدىم .
ماۋۇ مۇدىرىچنىڭ مەشىق قىلىۋاتقان ۋىدىيو كۆرنىشى مادىرىد مەستانللىرى كۆرۈپ باقاسىلەر .
http://sports.qq.com/a/20150305/070711.htm |
|