elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2111|ئىنكاس: 84

خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولماسلىقتىكى سەۋەپل...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 17:08  

                  201503090833361153.jpg

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ  يېقىنقى مەزگىللەردە ،ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىكى 10 چوڭ سەۋەپنى ئاشكارلىدى

بۇ يىللىق ئىسپانىيە  A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنقى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىسىدە خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىدى،ئەكسىچە بارسېلونا كوماندىسى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە ئىزچىل ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ 4نۇمۇر پەرق تىن بىراقلا بىرلەشمىنىڭ سەركىلىك ئورنىغا چىقىۋالدى.ئۇنداقتا خانلىق مادىرىد كوماندىسىدا زادى قانداق مەسىللەر بار؟ ‹‹دۇنيا تەنتەربىيە گىزىتى›› ئاق كىيىملىك قۇشۇننىڭ 10چوڭ خاتالىقىنى خۇلاسىلاپ چىققان. رونالدونىڭ ئالتۇن توپنى ئېلىپ بۇلۇپ مىجەزىنىڭ ئۇسال بۇلۇپ قېلىشى،مەيدان سىرتىدىكى يېغىلىش، سورونلارنىڭ كۆپ بۇلۇشى قاتارلىق مەسىللەر ئاساسى ئۇرۇندا تۇرغان.


       U7880P6T12D7291679F44DT20140814123354.jpg

1.مەيدانغا چىققان توپچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ خۇراپ كىتىشى

ئەنچىلودى ماھىرلارنى ئالماشتۇرۇپ مەيدانغا چىقىرىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان تېرنىر.رونالدو ،كىروسلار دەك جان -جەھلى بىلەن بىرلىپ مۇسابىقە ئوينايدىغان بۇنداق ماھىر ئەلۋەتتە ھەر مەيدان مۇسابىقىدە تۇلۇق مەيدانغا چىقىشقا مۇناسىپ، ئەمما بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاچقا بۇ ئىككىسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى،ھازىر بۇ ماتۇرلارنىڭمۇ بەدەن -قۇۋىتى خىرىسقا ئۇچىردى. ئەلۋەتتە بۇلارنى ھېچ بولمىغاندا مۇسابىقىنىڭ مەلۈم بۈلەكلىرىدە باشقا ئەزالارغا ئالماشتۇررۇش كىرەك ئىدى. كىچىك پۇرچاق، خىسەي دىگەندەك ئەزالارغا پۇرسەت بىرلىشى كىرەك ئىدى.


      u=205591069,3854798155&fm=21&gp=0.jpg

2. كوماندىدىكى رولى بىرقەدەر مۇھىم بولغان ماھىرلارنىڭ يارلىنىشى

بۇ پەسىل باشلىنىپ ھازىرغىچە خانلىق مادىرىد كوماندىسىدىن جەمئى 11 نەپەر ماھىر ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارلاندى. خامىس ، مۇدىرىچ ،رامۇس قاتارلىقلارنىڭ كوماندىدا بولماسلىقى كوماندىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى، بېل ھەم رونالدولارمۇ ھازىرغىچە تۇلۇق ئەسلىگە كىلىپ بۇلالمىغان.


      77747f9d2803241a701f3d1325cd3050.jpg

3. ھەرخىل يىغىلىش سۇرۇنلىرنىڭ داۋاملىشىشى

مادىرىد دىربىسىدا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ،رونالدو ئۈزۈنىڭ 30 ياشقا كىرگەنلىك تۇغۇلغان كۈنۈنى ئۆتكۈزۈپ ئاخباراتچىلارنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچۇردى، كاسيلاس مۇخبىر قىز دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىنى ئۇيۇشتۇرغان، يەنە تېخى يېقىندىلا خانلىق مادىرىد توپچىلىرى كوللىكتىپ يىغىلىش قىلغان ،رامۇس ،خىسەي قاتارلىقلار ئەتىگەن سائەت 5كىچە ئوينىغان، ئالدىنقى ھەپتە يادار خامىس ،ئۈزۈنىڭ ياردارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئۇنتۇپ كىچىلىك بەزمىخانىدا ئەتتىگەن سائەت 3كىچە يايراپ يۈرگەن.


    W020140704376388384863.jpg

4.ئەنچىلودىنىڭ جاھىللىقى

ئەنچىلودى كۈندىن كۈنگە جاھىللىق قىلۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئادەم ئالماشتۇرشى ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ،ئۇ دائىم 3-3-4 سەپ شەكلىگە ئېسلىۋالىدۇ،ئۇنىڭ كىچىكىپ ئادەم ئالماشتۇردىغان قىلمىشى باشقىلارنىڭ تەنقىدلەش ئوبىكتىغا ئايلاندى.

5.ئاجىزلىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشى

بۇ يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئوينالغان يېقىنقى 7مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادىرىد كوماندىسى 3مەيدان ئۇتۇپ بىر مەيدان تەڭلىشىپ 3مەيدان مەغلۇپ بولدى.ئېلىشقا تىگىشلىك 21نۇمۇردىن پەقەت 10 نۇمۇر ئالالىدى،ئەكسىچە بارسېلونا كوماندىسى بۇ 7مەيدان مۇسابىقىدە 18نۇمۇرغا ئىرىشتى.

6.رونالدونىڭ ئالتۇن توپنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن چىكىنىپ كىتىشى

رونالدو بۇ قېتىمقى  ئالتۇن توپنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسى ۋە مىجەزىدە روشەن ئۆزگۈرۈش بولدى، بىرلەشمىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىن كىيىن رونالدو مېسسىدىن 12 توپنى ئارتۇق كىرگۈزگەن،ئەمما ھازىرغا كەلگەندە مېسسى 30 توپ كىرگۈزۈپ رونالدو بىلەن تەڭلىشىۋالدى، رونالدونىڭ مەيداندىكى ئۇمۇمى ھالىتى بۇرۇنقىدىن كۆپ چىكىنىپ كەتكەن. مەيداندا ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ سەپداشلىرىدىن نارازى بۇلۇش كەيپىياتى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.

7.كىروس نىڭ بەدەن- قۇۋىتى نىڭ تۆۋەنلىشى

ئۇزۇن مۇددەت ھېرىپ -چارچاش ئاستىدا توپ تەپكەن كىروستا سەل چىكىنىش ئالامەتلىرى كۈرۈلدى.بۇ قېتىم بىلباۋ رىقابەت كوماندىسى بولغان مۇسابىقىدە كىروس 9 قېتىم خاتالىق سادىر قىلىپ بۇپەسىل ئەڭ كۆپ خاتالىق سادىر قىلغان توپچىغا ئايلاندى، كىروسنىڭ ئىپادىسى خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ ئۇمۇمى ئىپادىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

8.  4-3-3 سەپ شەكلىنىڭ مەغلۇپ بۇلىشى

مۇدىچ،خامىس لار يوق ئەھۋال ئاستىدا ،ئەنچىلودى تەۋەككۇل قىلىپ قاراملارچە 3-3-4  سەپ شەكلىنى قايتا-قايتا ئىشلىتىرۋەردى، بۇ تاكتىكا خانلىق مادىرىد ھۇجۇم كۈچۈگە نەپ ئېلىپ كىلەلمىدى،BBC ھۇجۇم گۇرىپىسى مۇداپىيەگە پىسەنىت قىلمىغاچقا ،ئوتتورا مەيدانغا بەك ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى.

9.BBC ھۇجۇم گۇرىپىسىنىڭ  ئۇمۇميۈزلۈك  كۈچ بىرەلمەسلىگى

2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان رونالدو 7توپ كىرگۈزدى،بېنزىما 5توپ،بېل 3توپ كىرگۈزدى، بۇ نەتىجىلەر بارا-بارا چېنىپ قالدى.ھۇجۇمدىكى 3 ماھىر ئىچىدە بىرەرسىنىڭمۇ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى يۇقىرى كۈتۈرۈلمىدى. ئەكسىچە بارسېلونانىڭ ھۇجۇم گۇرىپىسى جانلىنىپ كەتتى.

10.توپچىلارنىڭ مۇسابىقىگە بولغان پۇزۇتسىيەسى

ھازىر مەيداندا خانلىق مادىرىد توپچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە بولغان پۇزۇتسىيەسى ئايدىڭ ئەمەس، مۇسابىقىنى بېرلىپ ئوينايدىغان، ماسلىشىش ، پۇرسەت يارتىشقا بولغان كۆز قارشى ياخشى ئەمەس.جۈملىدىن يىڭىش ئىشەنچىسى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە سۇسلىشىپ كەتكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ب ب س غا ئارتىپتىمۇ نىمە مەسئۇلىيەتنى ۋالۇنسىيەدىن باشلاپ يەنە دىسەم يەنە شۇ گەپ ئىشەنمىسەڭلا شۇنۇڭدىن باشلانغان مۇسابىقىلەرنى كۈرۈپ بېقىڭلا، رونالدوغا بولغان مۇداپىيە ئىنتايىن چىڭىدى يەنى رونالدونىڭ پۇتىغا توپ چۈشكەن ھامان ئەتراپىدا ئىككى ئادەم بار ئۇنۇڭغا قۇشۇلۇپلا رونالدو بىلەن بىنزىما ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇقنىمۇ ھەرقانداق كۇماندا ئىتىۋاتىدۇ، بىلنى مۇداپىيە قىلماقنىڭ ئاسانلىقىنى ھەرقانداق كۇماندا بىلىپ كەتكىلى تۇردى چۈنكى ئۇنۇڭدا توپنى ئالداپ ئېلىپ ماڭغىدەك تېخنىكا يوق بىلنى ئۆتكۈزۋەتمىسىلا ئۇنى مۇداپىيە قىلمىسىمۇ توپنى قارشى تەرەپ بىكلىرىغا پاس بىرۋاتىدۇ، 433سەپ شەكلى ئىشلەتكەن ھەممە مۇسابىقىدە بۇلۇپمۇ يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان مادرىد بىلەن ئوينىغان كۇماندىلار 451 ياكى 4231 سەپ شەكلى ئىشلىىۋاتىدۇ بۇلۇپمۇ مادرىدنى ئۇتۋالغان كۇماندىلار ئاساسەن شۇ سەپ شەلىنى ئىشلەتتى بۇنۇڭدا ب ب س پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئېلىندى ئوتتۇر مەيدانچىلار پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ، مادرىدنىڭ مۇسابىقىسىنى رونالدونى دەپ كۈرىۋاتقانلار بەلكىم بۇنى مەڭگۈ ھىس قىلالماسلىقى مۇمكىن
تىمىدا يەنە بىر گەپ باركەن ب ب س نىڭ كۈچ بەرمەسلىكى دىگەن گەپ بۇنۇڭغا كەلگەندە قارشى تەرەپنىڭ قانداق تاكتىكا بىلەن مەيدانغا چۈشۈۋاتقانلىقى بىلگەندە بىلىپ يەتكىلى بۇلىدۇ بۇ مەسئۇلىيەتنى تپچىلارغا ئارتىشقا مەن قارشى ئارتىش توغرا كەلسە ئۇلارنىڭ بەزى ۋاقىتتىكى شەخسىيەتچىلىكلىرىگە ئارتىش كىرەك، بىلنى زورمۇ زور مەيدانغا چۈشۈرۋاتقىنىغا زاپاس ئەزالارنى ئاسارئەتىقە قىلىۋىتىۋاتقان تىرنىرغا قاراپ ھەيرانلا قېلىۋاتىمەن

تىرنىرنىڭ ۋاختى توشتى .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
isyanqi + 50

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەلكىم ئەن دوكتۇرنىڭ دۈشمەننى بىخۇتلاشتۇرۇش ھېلىسى بولۇشى مۇمكىن، بارسا بىلەن نۇمۇر پەرقى بەك چوڭ بولمىغاندىكىن، تۈلكىدەك يالغان يېڭىلگەن قىياپەتكە كىرىۋىلىپ، ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىپ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بارلىق قالتىس توپچىلىرىنى يىغىپ، تۈگىلىۋالغان كۆزەينەكلىك يىلانغا ئوخشاش تۇيقىسىز، دەھشەت بىر ھۇجۇم قىلسا،235سەپ شەكلىنى قوللۇنۇپ  بوراندەك بېسىپ كەلسە بارسانىڭمۇ  ئاجىز ئوتتۇرا مەيدىنى بۆسىلىپ كېتەرمىكىن. شۇڭا مادىرىتنىڭ ھازىرقى ھالىتى بەك خەتەرلىك  يىقىلغان بولۇپ ئۈستىگە چىقىۋىلىش، ئاۋال خوش، ئاندىن مۇش دېگەندەك ئىش بولمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا بارساچىلار كۆرەڭلەپ كەتمەي، مادىرىتچىلار ئۈمدسىزلەنمەي، چۈجىنى كۈزدە سانىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنۇش دۇشمەنلەرنىڭ تېزراق بۇرۇنقى ئىپادىسنى تېپىپ، كېلىش ئالدىدا تۇرۋاتقان ئىسپان دېربىسدا ياخشى نەتىجگە ئېرىششنى ئۈمۈت قىلمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما توقۇنۇشى كېلىپ چىقماس ھە ؟؟؟ سۈرئەت !!!~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز ، مەن تېرنېردىن كۆرۈمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 17:09
تېما توقۇنۇشى كېلىپ چىقماس ھە ؟؟؟  سۈرئەت !!!~

ھې ھې ، ئۆتكەندە مەن ئىككى تىما يېزىپ سېلنىڭ كەينىڭلىدە قاپتىكەنمە، بۇ قېتىم سىلە زىيان تارتقان ئوخشايسىلە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز ، مەن تېرنېردىن كۆرۈمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتالمىغاندىكىن نىمە دەپ تىللىساق ھەق ما گۇيلىغا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بۇ ئەندۇكتۇر پەقەت باشقىلارغا پۇرسەت بەرمەيدىكەن.خىسەي بەك ئىسىراپ بۇپكىتىپ بارىدۇ.بۇ بالىدا ئۇمۇت چوڭ ئىدى ھەي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغىپ ئېيتقاندا 8-9-پىكىرلەر دەل جايىدا بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىف يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 17:14
ھې ھې ، ئۆتكەندە مەن ئىككى تىما يېزىپ سېلنىڭ كەينىڭلى ...

قېرىغان ئوخشايمەن ... ياش ۋاقتىمدىمىغۇ چاغلىقتىم !!!~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 17:19
قېرىغان ئوخشايمەن ... ياش ۋاقتىمدىمىغۇ چاغلىقتىم !!!~[s:21 ...

مەن تەستىق كۈتمەيمەن شۇ. مۇشۇ بىر ئارتۇقچىلىق بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈن تاغ ئايلانسا ، بىركۈن باغ ئايلىنار دىگىنى شۇ بولسا كىرەك.

دۈشمەنلەرنىڭ مۇشۇنداق چۈشكۈن پەيتىدىن پايدىلىنىپ تىخىمۇ ئالغا بارسىلونا !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 13:17

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش