elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1205|ئىنكاس: 20

ۋەلى 90 مىنۇت،مىرئەخمەتجان زاپاس،جيەنيې 1:3 ئۇتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋەلى 90 مىنۇت،مىرئەخمەتجان زاپاس،جيەنيې 1:3 ئۇتتى
بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى 17:45 ئۆتكەندە،2015-يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 1-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ساھىبخان خېنەن جيەنيې بىلەن تيەنجىن تەيدا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.
خېنەن جيەنيېدىكى ئىككى توپچىمىزدىن ۋەلى ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشۈپ 90 مىنۇت تولۇق ئوينىدى،ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى،83-مىنۇتتا ئۇ قارشى تەرەپ تەپكەن توپنى ۋاراتارنىڭ سىزىقى ئالدىدىن چىقىرىۋەتتى!بۇ يىل 14-نومۇرنى كىيگەن مىرئەخمەت بولسا زاپاس تىزىملىكتە،لېكىن مەيدانغا چۈشمىدى.
مۇسابىقىنىڭ 11-مىنۇتىدا،خېنەن جيەنيېنىڭ 10-نومۇرلۇق برازىلىيەلىك ھۇجۇمچىسى ئىۋو جيەنيېنىڭ  بۇ پەسىللىك رەسمىي مۇسابىقىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 0:1 قىلدى،28-مىنۇتتا،تەيدادىكى جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىدىكى توپچى جوۋخەيبىڭ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.63-مىنۇتتا جيەنيېنىڭ 9-نومۇرلۇق فىلىپپىنلىق ھۇجۇمچىسى خاۋىر جيەنيېنى يەنە بىر قېتىم ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى،ئۇ كېيىنكى يېرىم باشلىنىشتا مەيدانغا ئالمىشىپ چۈشكەن.قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ 5-مىنۇتىدا خاۋىر يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1:3 كە مۇقىملاشتۇردى.
تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان جياڭسۇ شۈنتيەن بىلەن شاڭخەي شاڭگاڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە،بۇ مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئۈچ توپچىمىزنىڭ بىرى بولغان بارى مۇسابىقە تىزىملىكىگە كىرمىدى.شۇنداق بولغاندا 1-ئايلانمىدا ۋەلىلا مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
مۇسابىقىنىڭ كۆرۈنىشى تۆۋەندە بېرىلدى:
789_1453416_365989.jpg
789_1453438_502820.jpg
789_1453444_569388.jpg
117042384.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 23:06:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارى بىلەن مىرەخمەت بۇيىل تىرىشىپ ئوينىسا بولىتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 23:07:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىنىڭ ئەمدى  مەيدانغا  چىقىس  پۇرسىتى  كۇپ  بولماسلىغى  مۇنكىن ئالدىنقى  پەسىلدىكى  ئىپادىسىدىن يىلپىزلار  رازى  بولغان  بولسا  سېتىۋالغان  بولاتتى شۇنتىيەنمۇ  تاتىشمايتى ، ئىپادىسى  چىكىنىپ  كەتتى ئەمدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 23:09:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى دەپ يازسىڭىز ياخشىراق بولامىكى ... بۇرۇندىن تارتىپ شۇنداق ئاتاپ كىلىۋاتىمىز !   بارى بۇرۇنقى كوماندىسىغا قايتىپ كىتىپتۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 23:10:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسەن ئابدۇۋەلى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 23:29:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىلىڭلا ئاساسلىق ئورۇن ئۈچۈن ئالغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 23:43:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋەلى 88مىنۇت ئوينىدى، دىمەك ئاساسلىق ئەزا بولۇپ ئويناپ ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇندىدى، بىر سېرىق كارتىغا ئېرىشتى، ئۇندىن باشقا  قاپقىسىغا كىرىپ كېتەيلا دەپ قالغان توپنى تېپىپ چىقىرۋىتىپ كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى ساقلاپ قىلىشقا تۆھپە قوشتى.
مىرەھمەتجان، بارى قاتارلىق ئىنىلىرىمىزنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كوماندىسىغا كۈچ قوشىشىغا تىلەكداشمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 23:44:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا ئەزىمەتلەر !!!!! !!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-9 00:02:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ توپنى چىقىرۋېتىپ نەتىجە تەڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغاندىكىن كىيىنكى توپ چۈشمەي تۈگىسىمۇ بولاتتى ئەسلى، بارلىق ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ توپ مەيدانىغا قايتىپ كىلىشىنى، ئابدۇۋەلىنىڭ توپ ئۇرىشىنى تىلەيمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-9 00:08:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قايسى بىرلەشمىلەردە كىم-كىملەر ئويناۋاتىدۇ بىزنىڭ ئەزىمەتلەردىن؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-9 00:43:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارى بۇرۇنقى كوماندىسىغا يەنە قايتىپتۇدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-9 01:08:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش خەۋەر          قەشقەر يىڭىشەھەر ناھيىسى2015-يىلى3-ئاينىڭ14-كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك«تەۋەرۈك»لوڭقىسىنى تالىشىش بەش كىشىلىك زال ئىچى دوسلۇق پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى,بۇقىتىمقى مۇسابىقىنى يىڭى شەھەر «تەۋەرۈك»چاي تائاملىرى بىلەن«ئۆزساراي»پۇتبۇل كۇلۇبى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن,بۇقىتىملىق مۇسابىقە جەمئى ئىككى گورۇپپا بويىچە ئىلىپ بىرىلدۇ,يەنى چوڭلار گورۇپپىسى 35ياشلىقلار ۋە 35ياشتىن يۇقرى بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ,ياشلار گورۇپپىسى 35ياشتىن تۆۋەن بولغانلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ,بۇقىتىمقى مۇسابىقىدە چوڭلار گورۇپپىسىدىن1-2-3-4-گىچە,ياشلار گورۇپپىسىدىن1-2-3-4-گىچە جەمئى سەككىز كوماندا لوڭقا ۋە نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار بىر كوماندىدا ئون نەپەر تەنھەركەتچى خادىم,بىر نەپەر تىرېنىر,بىر نەپەر مەسئۇل خادىم جەمئى 12نەپەر كىشى قاتناشسا بولىدۇ,تىزىملىتىش ھەققى 1000يۈەن,كوماندىلار تىزىملاتقاندا كوللىكتىپ چۈشكەن رەسىم,سۇغۇرتىغا قاتناشقانلىق ئىسپاتى ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بىللە ئىلىپ كىلىپ تىزىملىتىدۇ.تىزىملىتىش ۋاقتى:2015-يىلى3-ئاينىڭ7-كۈنىدىن12-كۈنىگىچە.تىزىملىتىش ئاددىرسى:يىڭى شەھەر ناھيىسى«ئۆز ساراي»پۇتبۇل كۇلۇبى ئىچىدە(يىڭى شەھەر ناھيىلىك1-ئوتتۇرا بىلەن دەرۋازا ئادى ئوتترسىدا)          ئالاقىلاشقۇچى:«تەۋەرۈك»چاي تائاملىرىنىڭ مەسئۇلى ھۈسەنجان ياسىن تىلېفۇن:13279988455          «ئۆزساراي»پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر ئابدۇراخمان تىلېفۇن:13579343344        «ئۆزساراي»پۇتبۇل كۇلۇبى تىلېفۇن:0998-6571117
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش