elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 446|ئىنكاس: 23

پارما كۇلۇبى تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kapsizbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 23:04  


پارما كۇلۇبىنىڭ قىسقىچە تارىخى
پارما كۇلۇبى ئىتالىيەدىكى يەتتە ئاچا-سىڭىلنىڭ بىرى ، كۇلۇبنىڭ ساھىبخان مەيدانى تاردىنى پارما شەھرىنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان ، بۇ كۇلۇب ياۋرۇپادا ئۆز بىرلەشمىسىدىكى  قوشماق مىلەن ، يۇۋىنتۇستىن قالسىلا ئەڭ كۆپ شان-شەرەپكە ئىرىشكەن .  يىقىندىن بۇيان كۇلۇب قەرزگە بوغۇلۇپ قىلىش سەۋەبىدىن ۋەيران بولىشى مۇمكىن دىگەندەك خەۋەرلەر كۆپىيىپ قالدى ، ئۇنداقتا پارما كۇلۇبى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى .

كۇلۇب ئىسمى : پارما پۇتبول كۇلۇبى
خەنزۇچە ئاتىلىشى :  帕尔玛足球俱乐部
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى  :Parma Football Clubspa
تەۋەلىكى : ئىتالىيە
تەنھەرىكەت تۈرى : پۇتبول
تەۋە بىرلەشمىسى : ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى :1913-يىلى
ساھىبخان مەيدانى : تاردىنى پۇتبول مەيدانى
مەيدان سىغىمچانلىقىنى : 27906 ئادەم
كۇلۇب خوجايىنى : توماس گىلاردىنۇ
ئىرىشكەن شان-شەرەپلىرى : ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونى 1995 ، 1999 يىللىرى ، ياۋروپا غالىبلار لوڭقىسى چىمپىيۇنى 1991-1992 يىلى ، ئىتالىيە لوڭقىسى چېمپىيونى 1999 ، 1999 ، 2002 يىللىرى ، ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى 1999 - يىلى
كۇلۇب تارىخىدىكى داڭلىق شەخسلەر :ئەنچىلوتى ،  كىرىسپو ، ئورتىگا ، بىلوڭ ، ئادرىيانۇ ، ساباستىن فىرىي ، تۇرام ، باگگىيۇ ، سىمونىي بارۇنى ، بىنارىۋۇ ، بونىرا ، بۇففىن ، كانۋارۇ ، دىۋايۈ ، ئىنزاگى ، زولا ،گىلاردىنۇ قاتارلىقلار .

پارما كۇلۇبى 1913-يىلى ۋىردى پۇتبول كۇلۇبى دېگەن نامدا قۇرۇلغان ، 1969 - يىلى پارمىنسى كۇلۇبى بىلەن بىرلىشىپ كۇلۇب نامىنى پارما كۇلۇبىغا ئۆزگەرتكەن ، ھەمدە ئۇزۇن مەزگىل ب ھەم س دەرىجىلىك بىرلەشمىدە مۇسابىقە ئوينىغان ، 1989-1990- يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ياخشى بولغان ئىپادىسى بىلەن ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە ئۆرلىگەن . شۇ يىلى يەرلىك سۈتچىلىك كەسىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پارمالات گورۇھى %45 پاي چېكىنى سىتىۋىلىشى بىلەن كۇلۇبنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئىشىپ ، داڭلىق ماھىرلارنى قوشىۋىلىش نەتىجىسىدە تۇنجى يىلى ئىتالىيە لوڭقىسى چېمپىيونى بولدى . بىرلەشمىدە ئالتىنجى بولۇپ ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشتى . 1993-يىلى ياۋروپا غالىبلار لوڭقىسى چېمپىيونى ، 1995-يىلى ، 1999-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونى بولۇپ كۇلۇبنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۈردى . بۇ 10 يىللىق نەتىجىسى كۇلۇبنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ قالدى ، 1995-يىلى يوۋىنتۇس بىلەن ئوخشاش ئۈچ تۈردىكى مۇسابىقىدە  ھەل قىلغۇچقا كىردى .

2003-يىلى پارمالات گورۇھى ۋەيران بولۇپ خوجايىنى تۈرمىگە كىرىپ قالدى ، ئىقتىسادىي  كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن كۇلۇب نەتىجىسى تەدرىجىي چىكىنىشكە باشلىدى ، 2004-2005-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە دەرىجە چۈشۈش سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلىپ ئاران دەرىجە ساقلاپ قالدى ، ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىدا تۆت كۈچلۈككە كىرىش جىڭىدە مۇسكىۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى كوماندىسى تەرپىدىن شاللىنىپ كەتتى ، بۇ قىتىملىق شاللىنىش ياۋرۇپا مۇسابىقىىلىرىگە ئەڭ ئاخىرقى قاتنىشىشى بولۇپ قالدى ھەم ئۇدا 15 يىللىق ياۋروپا سەھنىسىدىكى مۇسابىقىسىمۇ ئاخىرلاشتى . 2008-يىلى دەرىجە چۈشۈپ كىتىپ بىر يىلدىن كىيىن يەنە دەرىجە ئۆرلەپ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلدى .

بۇ پەسىل باشلانغاندىن بۇيان ئىپادىسى ياخشى بولماي دەرىجە چۈشۈش رايۇنىغا كىرىپ قالدى ،  ئەمدىلىكتە ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى ، ھەم كۇلوب ۋەيران بولىشى مۇمكىن دىگەن خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىدى .  ئىتالىيە پۇتبول بىرلەشمىسى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا قانداق قىلىپ پارما كۇلۇبىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ پارما كۇلۇبىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىن ئۆتىۋىلىشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پىلانى تۈزۈپ چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى، بىراق بۇ كۇلۇبنىڭ ئىستىقبالىغا ئانچە ئىشىنىپ كېتەلمىگەن باشقا كۇلۇبلارنىڭ پۇل چىقىرىپ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى تەسكە توختىشى مۇمكىن . ھازىر پارما كۇلۇبىنىڭ ئىشخانىسى ئاللىبۇرۇن قۇرۇقدىلىپ قالغان، ئارىيەت ئېلىنغان بارلىق كومپىيۇتېرلار يىغىپ كېتىلگەن. كىيىم يۇيۇش شىركىتىمۇ مۇلازىمىتىنى توختاتقان، كوماندا ئەزالىرى مەشىقتىن كېيىن ئۆزلىرى كىيىم يۇيۇشقا مەجبۇر بولغان. كۇلۇبنىڭ قەرزى كۆپ بولغانلىقتىن، كۇلۇبقا تەۋە نۇرغۇنلىغان مۇقىم مۈلۈكلەر مۇسادىرە قىلىنىپ، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا تەييار قىلىنغان. ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ پارما كۇلۇبىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنىگە بېكىتىلگەن.

ئىلگىركى ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن ياۋرۇپا سەھنىلىرىدە چاقناپ كىلىۋاتقان  كىچىك دۇنيا لوڭقىسى دەپ نام ئالغان ئىتالىيە بىرلەشمىسى،  چولپانلار بۇ يەردىكى كۇلوبلاردا توپ تىپىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ، كۆپلىگەن مەستانىلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋاتقان ھالەتتىن بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەندە  ئىتالىيەنىڭ ئىقتىسادىي كىرزىسى تۈپەيلىدىن بۇرۇنقىدەك ئىپادىسنى تاپالماي قالماقتا ،  مەستانىلەر قوشماق مىلەن ،يۇۋىنتۇس ، ناپۇلى ،رىم قاتارلىق زەردارلارنىڭ ياخشى ئىپادىسىنى تىپىلىشىنى ئارزۇ قىلىشماقتا ھەم ئۆز كۇلوبى ئۈچۈن ھەررا توۋلاشماقتا .




پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-8 22:20:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kapsizbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 23:05  

ئورگىنال ساقلاشنى باسسام يوللىنىپ كەتتى . باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىماي تۇرساڭلا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 23:31:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۆگىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 23:40  

بۇ پەسىلدىن كىيىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە مۇسابىقە ئوينىشى چەكلىنىشى مۇمكىنكەن ، قەرزى 100 مىليون ياۋرۇ ئەتراپىدا . بۇ كۇلۇپ ئەمدى ئىشتىن سىرتقى بوپ كىتىشى مۇمكىن ھەتتا توپچىلىرى چاپىنىنى مۈرىسىگە ئارتىپ كىتىپ قالسا پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى دىگەن گەپ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 23:35:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارمانىڭ مەيدانى كىچىككەن,ئاران يىگىرمە نەچچە مىڭ ئادەم پاتسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-9 00:10:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورگىنال ساقلاشنى باسسام يوللىنىپ كىتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ يىزىپ ئاخىردا ئىملا خاتالىقى سادىر قىلىپ قويۇپتىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-9 00:46:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي پارما كولۇبىغا كەلگەن كۈن باشقا كولۇپقا كەلمىگەي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-9 01:18:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيەدىكى قايسى ئاچا سىڭىللار ئۇ؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-9 09:06:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 09:30  
7RoNALDo يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 01:18
ئىتالىيەدىكى قايسى ئاچا سىڭىللار ئۇ؟؟؟


مىلەن،  خەلقئارا مىلەن،  يۇۋېنتىس،  رىم،  پارما ، ناپلىس ، فىلورىنسا  قاتارلىقلار.   ئوخشاش بىر دەۋىردە كۈچۈيىپ ياۋرۇپادىن توپا چاڭ چىقىرۋەتكەنلەر.  . .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-9 09:47:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي   پۇل  دىگەن   يامان   نەرسە   جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-9 09:57:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 10:02  

ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قاراپ ئىچىم ئاغرىيدۇ… يىرتىق توپنى ئاران  تېپىپ يۈرىدىغان ،ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيىدىغان چاغلىرىمىز مانا  كىچىلىرى ئۇخلىماي دىگۈدەك رىمغا ھۇررا توۋلاپ چىقىپتىكەنمىز…    ۋاقىت نېمىدىگەن تېز ئۆتكەن ھە .... بىر دەمدىلا 100 يىللىق كۇلۇبتىن بىرسى ۋەيران بولغىلى تەييار بولدى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-9 09:58:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى پارماغا 100 مىليون قەرىز بېرىپ  ئۇلارنىڭ بۇ ئۆتكەلدىن سالامەت ئۆتىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدىغان بوپتىكەنتۇققۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-9 11:11:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارمانىڭ ئاۋۇ سېرىق ،كۆك بالداق كىيمىنى كىيىپ  شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە توپ تىپىپ كەتكەن چاغلىرىمزە.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 08:10

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش