elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1357|ئىنكاس: 40

گۇئاردىئولا مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدىكى 11 يولۋاس !!!~

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

   ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !!!~

    1.jpg

   گۇئاردىئولا گەرچە ئەمدىلا ئىككى كوماندىغا مەشقاۋۇل بولغان بولسىمۇ ، مەيلى بارسىلونا كوماندىسىدا بولسۇن ۋە مەيلى بايرېن مىيونخېن كوماندىسىدا بولسۇن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر توپچىلارنى بايقىدى ۋە ھەمكارلاشتى . تۆۋەندە بۇ سېھىرىگەر مەشقاۋۇل يېتەكلىگەن 11 مۇنەۋۋەر توپچىدىن تۈزۈلگەن سەپ شەكلىنى سىلەرگە سۇنماقچىمەن !!~

    قاپقىچى    :     نويېر   (   بايرېن مىيونخېن   )

2.jpg

   نويېر گەرچە ‹‹ ئالتۇن توپ ›› ساھىبى بولالمىغان بولسىمۇ ، شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى ، ئۇ ھازىرقى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى . نويېرنىڭ ئىنتايىن چەبدەس ۋە سەزگۈر . ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۇنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك ، شۇنداقلا مەيداندىكى ھەرىكەت دائىرىسىمۇ باشقا قاپقىچىلارغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر چوڭ . ئۇنىڭ مۇداپىيە سېپىدىكى تەشكىللەش ئالاھىدىلىكى كىشىنى قايىل قىلىدۇ .

  ئوڭ  قانات مۇداپىيىچى    :     لام   (   بايرېن مىيونخېن   )

3.jpg   

   گۇئاردىئولا مەشقاۋۇللۇقىدىكى ئوڭ قانات مۇداپىيىچى نامزاتىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغىنى گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە بايرېن مىيونخېن كوماندىسى سەركىسى لام .  لام مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ۋە مەيلى كۇلۇبتا بولسۇن ئۆزىنىڭ ئېسىل ئىپادىسى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلىپ كەلدى . ئۇ يان يولدىكى قوش بىسلىق خەنجەر . ئۇ ئوڭ قانات مۇداپىيە سېپىدە دۇنياۋى سەۋىيىسىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي ، گۇئاردىئولانىڭ ئۆزگەرتىشىدىكى ئارقا بەلدىكى ئېسىل ئىپادىسىمۇ ، ئۇنىڭ كۆپ قىرلىق جەڭچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى .

   ئوتتۇرا مۇداپىيىچى     :     پۇيول   (   بارسىلونا   )

4.jpg      

   بارسىلونا ئۈچۈن ئېيىتقاندا ، پۇيول بارسىلونانىڭ شۇ دەۋرىنىڭ ئابىدىسى . بارسىلونا شىرىنىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ، بارسىلونا مۇداپىيە سېپىگە نىسبەتەن چوڭ يوقىتىش بولدى . پۇيول بولسا بارسىلونانىڭ مۇداپىيە تۈۋرۈكى بولۇپلا قالماي روھى تۈۋرۈكى ئىدى . گۇئاردىئولانىڭ مەشقاۋۇللىقى ئاستىدا ، پۇيول سەبداشلىرى بىلەن ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى غەلبىلىك تاماملاپ ، ئالتە لوڭقا ساھىبى بولدى ، شۇنداقلا پۇتبول تارىخ سەھنىسىگە ئۆچمەس ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ ئۆتتى . 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقسىدىكى پۇيولنىڭ ئېسىل ئىپادىسى ھەممىگە ئايان . ئۇنىڭ ھالقىلىق پەيىتتە كاللا توپ ئۇرۇشى گىرمانىيە كوماندىسىنى شاللاپ ، دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا قەدەم قويۇشى ئۈچۈن كەڭ يول ئاچتى . شۇنداقلا شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى بولدى .

   ئوتتۇرا مۇداپىيىچى     :     ئابىدال   (   بارسىلونا   )

5.jpg

   يېشىل چىملىقتىكى ئابىدال كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ قىززىق نوقتا بولماسلىقى مۆمكىن . لېكىن ئۇنىڭ قەيسەر روھى پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى . راك كېسىلى بىلەن قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلغۇچى بۇ ئەزىمەت ، 2011-يىلى 3-ئايدا ئوپراتسىيىگە چۈشۈپ ، 47-كۈنى يەنە قايتا مەيدانغا قايتىپ كەلدى . شۇ يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى بولغاندا ، پۇيولنىڭ كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى ئابىدالغا تاقاپ قويغان مىنوتلار ھەر بىر مەستانىنىڭ قەلبىدە ھېلىمۇ ئوتلۇق دولقۇن پەيدا قىلىدۇ . بۇ ھەم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپە بولۇپ قالدى .

   سول قانات مۇداپىيىچى     :     ئالابا   (   بايرېن مىيونخېن   )

6.jpg

   يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ ئاۋېستىرىيىلىك شاكىچىك بارا-بارا پىشىپ يېتىلىپ ، سول قانات مۇداپىيە سېپىدىكى مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن ئالابانىڭ بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى ، ئىختىيارى توپ تېپىشتىكى تالانتى ، شۇنداقلا چوڭ مۇسابىقىلەردىكى تەجرىبىسىنىڭ موللۇقى ھەممىنى قايىل قىلدى . ئاۋىستىرىيىلىك بۇ قارا چاقماق كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدىكى ئەڭ مول ھوسۇللۇق مۇداپىيىچى بولۇشىغا ئاساس سېلىپ بولدى .

   ئوتتۇرا مەيدان     :    شىۋېنسىتايگېر   (   بايرېن مىيونخېن   )

7.jpg   

   گىرمانيىدە ئەزەلدىن مۇنەۋۋەر توپچىلار كەم بولغان ئەمەس . شىۋېنسىتايگېرمۇ ھەم مۇشۇ قاتاردىكى گىرمانىيەنىڭ ھازىرقى ۋەكىللىك توپچىسىنىڭ بىرى . ئۇ مەيلى كۇلۇبتا بولسۇن ۋە مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ، مەشقاۋۇللىرىنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىغان توپچىسى . ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى تەمكىنلىكى ۋە مۇداپىيە ئېڭىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ، ھۇجۇمدىكى ئىزچىللىقى ئۇنى مەيداننىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدا ئىز قالدۇرۇشقا نائىل قلىدى . مەيلى سول كىراي بولسۇن ۋە مەيلى ئارقا بەل بولسۇن ، ئۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقىپ كەلدى .

   ئوتتۇرا مەيدان     :     ئىنېستا   (   بارسىلونا   )

8.jpg

   گۇئاردىئولا دەۋرىدىكى بارسىلونا رەقىبسىز كۈچتۈڭگۈر ئىدى . گۇئاردىئولا تاكتىكىسىدىكى شۇنداقلا tiki-taka تاكتىكىسىدا شاۋې بىلەن ئىنېستا ئەڭ قابىل جەڭچىلەر ئىدى . ئىنېستانىڭ بەدىنى ئانچە قاۋۇل بولمىسىمۇ ، ئۇنىڭ مەيداندىكى توپ كونتىرول قىلىشى ، پۇتىدىن توپ قاچماسلىقى ، ئالاھىدە پۇت ئاستى تېخىنىكىسى ھەممە كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى . ئۇنىڭ سىتانفورت كۆۋرۈكىدىكى ھەل قىلغۇچ توپى ، دۇنيا لوڭقىسىدىكى ھەل قىلغۇچ توپى پۇتبول سەھنىسىدىكى ھاياجانلىق مىنوتلارنى ياراتتى . شۇنداقلا ھەقىقى قەھرىمانغا ئايلاندى .

   ئوتتۇرا مەيدان     :   شاۋې   (   بارسىلونا   )

9.jpg

   گۇئاردىئولا تاكتىكىسىنىڭ ھەقىقى ئىجراچىسى ، بارسىلونا چوڭ مىڭىسى دەپ نام ئالغان ئوتتۇرا مەيدان ماتۇرى دەل شاۋېدۇر . ئۇنىڭ توپ كونتىرول قىلىشى ، كۈزىتىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، پاس ئۈنۈمدارلىقىنىڭ پەۋقۇلاددە يۇقىرى بولۇشى ئۇنى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغۇزدى . گۇئاردىئولا تاكتىكىسىدىكى ھەقىقى يادرو شاۋې . بارسىلونانىڭ ئەڭ يۈكسەك دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىكارى دىسەك ئوشۇق كەتمەس . جۈملىدىن گۇئاردىئولانىڭ ئۇتۇقلىرىنىمۇ شاۋېدىن ئايرېپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە !! ئۇ ھازىرقى پۇتبول سەھنىسىدىكى ھەقىقى پۇتبول سەنئەتكارى !!!

   ھۇجۇمچى     :    روبېن    (   بايرېن مىيونخېن   )

10.jpg

   گۇئاردىئولانىڭ بايرېن مىيونخېن قامچىسىنى ئالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ، كىشىلەر روبېننىڭ شەخسىيەتچىلىكى سەۋەبىدىن ئەتىۋارلانماسلىقى مۆمكىن دەپ قارالغانىدى . لېكىن بۇ ئۇچقۇر ئەزىمەت گۇئاردىئولا تاكتىكىسىغا تېزلا سىڭىشىپ كەتتى ، شۇنداقلا ئىپادىسى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ ، بايرېن مىيونخېننىڭ ھەقىقى چاقنىغان يولتۇزى بولۇپ قالدى . ئوڭ قانات ھۇجۇمچى ئورنىدىكى روبېن بايرېن مىيونخېن كوماندىسنىڭ ھۇجۇم يادروسى بولۇپ قالدى . 30 ياشقا كىرگەن بۇ ئۇچقۇر ئەزىمەت ، گۇئاردىئولانىڭ قولىدا 20 ياشلىق يىگىتتەك ئىپادە كۆرسەتمەكتە .

   ھۇجۇمچى     :     مېسسى   (   بارسىلونا   )

11.jpg

   ھازىرقى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى بۇ گىگانىت چولپان ، گۇئاردىئولانىڭ تاكتىكا سېستىمىسىدىكى ھەقىقى مېۋە بەرگەن كۆچەت . مېسسىنىڭ ھازىرقى ئۇتۇقلارغا ئىگە بولۇشىدا گۇئاردىئولانىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن زور . گۇئاردىئولانىڭ ئۆزگىچە پۇتبول پەلسەپىسى مېسسىنى بارا-بارا دۇنيا سەھنىسىدە چاقناتتى ۋە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە قىلدى . گەرچە گۇئاردىئولا ھازىر بارسىلونانىڭ مەشقاۋۇلى بولمىسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئىزناسى بارسىلونادىن تېخىچە ئۆچكىنى يوق .

   ھۇجۇمچى     :     ئېيتو   (   بارسىلونا   )

12.jpg

  ئېيتو گەرچە گۇئاردىئولا تاكتىكىسىدا ئەڭ چاقنىغان يولتۇز بولمىسىمۇ ، لېكىن بۇ تاكتىكىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ موھىم جەڭچىنىڭ بىرسى . كامىرون قاپلىنى سىڭىشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك توپچى بولۇپ ، ئۇنىڭ تىنىمسىز تىرىشچانلىقى ئۇنى ھەقىقى قاتىل ھۇجۇمچى قىلىپ يېتىشتۈردى . ئۇ ھەر قانداق تاكتىكىغا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك توپچى . ئۇ مەيلى بارسىلونادا بولسۇن ، مەيلى ئېنتېردا بولسۇن ، ۋە مەيلى چېلسىدا بولسۇن ، ئۆزىنىڭ قالتىس ھۇجۇمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلدى .


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 19:12:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېما ! كۆپ ئەجىر قىپسىز !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 19:21:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ ، لىكىن ئاۋۇ بەيرىن توپچىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھاينىكىس دەۋرىدىمۇ بار ئىدى . گو مەشقاۋۇل پەقەت لامنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرىتتى ، شۇڭا بۇلارنى ‹‹  بايقىدى ››  دىسەك بولماس ،بارسىلونادىكى ئېتومۇ  شۇنداق ،  قالغانلىرى  ھەممىسى بايقىدى سۆزىگە چۈشۈپتۇ .  شەخسى قاراش .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 19:24:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 19:21
ياخشى تىما بوپتۇ ، لىكىن ئاۋۇ بەيرىن توپچىللىرىنىڭ كۆپ ...

گۇ سۇمبۇل تىياگودىن باشقا ھىچ كىمنى بايقىمىدى ، ھەممىسى تەييار مال
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 19:40:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى گۇئاردىئولا بارسېلونا ھەم بايرىنغا كېلشىتىن بۇرۇن بايقىلىپ بولغان توپچىلارغۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 19:40:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 19:24
گۇ سۇمبۇل تىياگودىن باشقا ھىچ كىمنى بايقىمىدى ، ھەممى ...

بىلىۋاپتۇ .   ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 19:47:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇاردىئالا يېتەكلىگەنلەردىن تۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى دېسەك بولغۇدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 19:48:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونانىڭ  بىر  بۈيۈك دەۋرىنىڭ  ياراتقۇچىسى  !

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 19:51:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەييار مال بولسىمۇ، ئادەمنى جايىدا ئىشلىتىشمۇ بىر ھۈنەر

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +15 يىغىش سەۋەبى
@Messi + 15 راس!!!!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 19:58:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئابدال زەڭگىنىڭ گىپى چىقسىلا سەل پەل قىزىپ قالىمەن.......
سەپ شەكلىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 19:58:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئگىسى كۆپ ئەجىر قىپسىز رەخمەت سىزگە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 20:13:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بار باي كوماندىسى ئىكەنغۇ بۇ.
مورىنئودەك ئاز بولغاندىمۇ 4 كوماندىنى يېتەكلەپ ئاندىن شۇلارنىڭ ئارىسىدىن تۈزۈپ چىققان بولساق ھەقىقىي قايىل قىلارلىق 11 ئادەم چىقاتتى. (شەخسىي كۆز قاراش).  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 14:37

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش