ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4041 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 20:16
بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى تازا دېگەندەك ياخشى بولماي كەلمەكتە. مەستانىلەر بولسا كوماندىنىڭ نەتىنجىسىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ بەزىلەر تېرنىرنىڭ تاكتىكىسىدىن كۆرسە، بەزىلەر كوماندىدىكى غوللۇق ماھىرلارنى ئەيىپلەشمەكتە. تۈنۈگۈن كەچتە ئوينالغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 26-ئايلانمىسىدىكى بېلباۋ رىقابەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن مۇنبىرىمىزدىمۇ نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر ئەنچىلوتتىنى ئەيىپلەشتى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ كوماندىنىڭ 1-نومۇرلۇق قاتىل ھۇجۇمچىسى كىرىستىيانو رونالدومۇ بۇ ئەيىپلەشلەردىن خالىي بولالمىدى. پۇتبولچىنىڭ دەۋرى ناھايتى قىسقا كېلىدۇ، نۇرغۇنلىغان داڭلىق توپچىلار يارلىنىش ياكى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئىپادىسىنىڭ تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن بالدۇرلا چىملىق مەيداندىن خوشلىشىدۇ. ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتىگە تايىنىپ 10 يىلدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىپ كېلىۋاتقان كىرىستىيانو رونالدو بولسا بۇ يىل فېۋرالدا ئۆزىنىڭ 30 يىللىق باھارىنى كۈتىۋالدى، 30 ياشلىق بىر پۇتبولچىغا نىسبەتەن يەنىلا ئىزچىل پۇتبول سەھنىسىنىڭ ئەڭ تۆرىدە تەۋرەنمەي ئورۇن تۇتۇپ كېلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاسان ئەمەس. دەرۋەقە يېقىندىن بۇيان رونالدونىڭ ئىپادىسىنىڭ تازا دېگەندەك ياخشى بولماي قېلىۋاتقانلىقى نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا ‹‹ ئۇنىڭغا قېرىلىق يېتىپتۇ›› ، ‹‹ ئۇنىڭ دەۋرى ئۆتۈپتۇ ›› دېگەندەك قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. بەلكىم ئۇ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ياكى باشقا تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلسىز ئىشلىرى سەۋەپلىك ئىپادىسى بارا-بارا تۆۋەنلەشكە باشلاۋاتقاندۇ، بەلكىم كونا يارىسىنىڭ قوزغىلىپ قېلىپ مۇھىم مۇسابىقىلەردىن مەھرۇم قېلىشتىن، كوماندىغا ھالقىلىق ۋاقىتتا كۈچ بېرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىنى ئاياپ توپ تېپىۋاتقاندۇ ياكى تېرنىرنىڭ تاكتىكىسى ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ مەستانىلىرىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقاندۇ... مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىرىستىيانو رونالدو كەلگۈسىدىمۇ تامامەن قەلبىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر قالتىس پۇتبولچى ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولغان. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپىي ھاياتىغا ئۇتۇق تىلەيمىز!
قىسقىسى ئۇنىڭ ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىدىكى ۋاقىتلىرىنى تولىمۇ سېغىندىم، ئۇ چاغلىرىنى ئەمدى قايتا كۆرەلمەسلىكىمىزمۇ مۇمكىن، بەلكىم ئۇ مەستانىلىرىنى بۇرۇنقىدەكلا ئۈمىدسىز قويماي دېگەن يېرىمىزدىن چىقالىشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. پات-پات رونالدونىڭ ئىلگىرىكى نادىر كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ ھوزۇر ئالىدىغان خۇيۇم بار، توغرا كېلىپ قالدى بولغاي، بۈگۈن كۆپچىلىككىمۇ ئۇنىڭ مانچېستېر ھاياتى قىسقىغىنە خاتىرلەنگەن تۆۋەندىكى نادىر كۆرۈنۈشلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇش مەقسىتىدە ئېلىپ كەلدىم.
رونالدو چىملىق مەيداندا ئۆزىنىڭ قالتىس پۇتبول ماھارىتىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تېخى يېقىندىلا ئۆزىنىڭ CR7 ماركىسىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا دۇنياغا داڭلىق چولپان مايكېل جېكسوننىڭ چاقماق ئۇسۇلىنى تەقلىد قىلىپ پۇتبولدىن باشقا يەنە ئۇسۇل ئويناش ماھارىتىنىمۇ نامايان قىلغان. قېنى ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن.
|
|