ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2690 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 13:00
ۋاڭيى تورى 3-ئاينىڭ8-كۈنى خەۋىرى :
بۇلتۇر يازدا شاۋېنىڭ ئامرىكا بىرلەشمىسىگە قوشۇلىدىغانلىق خەۋىرى ئەۋىج ئالغانىدى . شۇنداقلا شاۋېمۇ بۇ توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرگەنىدى . بىراق ئېنرېكنىڭ بارسىلوناغا مەشقاۋۇل بولۇپ بىرىنچى قىلغان ئىشى شاۋېغا خىزمەت ئىشلەپ بارسىلونادا ئېلىپ قالغانلىقى بولغانىدى . 2015-يىلى كىرىشى بىلەن شاۋېنىڭ بارسىلونادا مەيدانغا چىقىش نىسبىتى تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ ماڭدى . قارىغاندا شاۋېنىڭ بارسىلونادىن ئايرىلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ . ‹‹ ماركا گېزىتى ›› خەۋىرىدە ، شاۋې بۇ يىل يازدا بارسىلونادىن ئايرىلىشنى قارار قىلىپ بولغانلىقى ، كېيىنكى بېكىتى قاتار بىرلەشمىسى بولۇشى مۆمكىن ئىكەنلىكى بايان قىلىندى .
بۇندىن بۇرۇن سېل تېلۋىزىيە ئىستانسىسى شاۋېنىڭ نىيورك شەھەر كوماندىسىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى قارار قىلىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى . لېكىن شاۋې بۇ قاراشنى ئىنكار قىلدى . ‹‹ ماركا گېزىتى ›› خەۋىرىدە ، شاۋېنىڭ قاتار بىرلەشمىسىدىكى مەلۇم كۇلۇبنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكى ، بۇ كۇلۇبنىڭ شاۋې ئۈچۈن 3 يىللىق توختام تەييارلىغانلىقى ، شۇنداقلا 18 مىليونلۇق ئىش ھەققى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى . لېكىن بۇ كۇلۇبنىڭ قايسى كۇلۇب ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىمىغان .
بارسىلونا بۇ يىل توپچى سېتىۋالالمايدۇ . ئەگەر شاۋې بۇ يىل يازدا راستىنلا ئايرىلسا ، 2016-يىلى 1-ئايدا ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ توپچى سېتىۋالالايدۇ . بارسىلونا تەرەپ پوگباغا قىزىقىۋاتقىلى خېلى بولدى . ئۇندىن باشقا لارېس . بېندېرنىڭ خەۋىرىمۇ ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ . |
|