ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 348 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رىپىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 06:16
ئەنچىلوتتى: چىك ئاھاي، ئاتامدىن مىراس قالغان كوماندىمىتى بۇ، نىمە قىلىمەن جان كۆيدۈرۈپ ، مەن بۇ يەرگە سېغىز چاينىغاچ مۇسابىقە كۆرگىلى ، ئارىلاپ تەلەي كېلىپ ئۇتۇپ قالسا پو ئېتىۋالغىلى كەلگەن ،گەپ بارما؟! راموسنىڭ ئۇزغۇنلۇقتىكى ئاشۇ كاللا توپىنى مەن ئاشۇنداق ئۇر دەپ بەك تاپىلىغاچقا ئۇرغان ۋە ھەر قايسىڭ ئارزۇلاپ كەتكەن مو تەلۋىلىرىڭ ئالالمىغان ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشىپ مىنى فىلورىنتىئو نىڭ ئالدىدا ئات ئىشەكتەك يۈز ئابرويغا ئىگە قىلغان ،گەپ بارما ھە گەپ بارما ؟! كۆتەك ھارۋىدا توشقان ئالىدىغان مىجەزىمگە كۆنسەڭ مانا مەن ،بولمىسا خېتىمنى بېرىشكىناۋاي…
مادرىت مەستانىلىرىنىڭ ھىسىياتىنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن، مۇسابىقىنى كۆرەلمىگەچكە ئەنچىلوتتى توپ يىگەندىن كېيىن ياكى كىيىنكى يېرىم مەيداندا قانداق زۆرۈر تاكتىكا ئورۇنلاشتۇردى ئۇنى بىلمىدىم ،بىراق بۇ ئادەمنىڭ مۇسابىقىدە ئورنىدىن قۇپۇپ توپچىلارنى سەگىتىپ تۇرۇشقىمۇ ئېرىنىدىغانلىقىنى ئالدىنقى مۇسابىقىدە كۆرۈپ چىشلىرىم كاراسلاپ كەتكەنىدى،قارىغاندا بۈگۈنمۇ ئۇرۇندۇقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ بىبابونى لەززەتلىك چايناپ 85-مىنۇتتا ئالماشتۇرىلىدىغان ئادەملەرنى ئويلاپ ئولتۇرغان ئوخشايدۇ ھە؟
كۆڭلۈڭلىنى يېرىم قىلماڭلا، ئەمدى دېربى دىگەندىن قىقاس چىقىپ كېتىدىغان بولدى، ھەممەيلەننىڭ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەنزىرە شەكىللىنىشى مۇمكىن… |
|