ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3763 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 19:56
مۇسابىقىدىن بۇرۇن مەن ‹‹ مادىرىد ئۇتىدۇ ›› دېگەن گەپنى ئېغىزىمدىن چىقىرىشقا پېتىنالمىدىم، چۈنكى بىرىنچىدىن، پۇتبول دېگەن يۇمىلاق نەرسە (بۇ گەپكە ئىزاھات بېرىش ئارتۇقچە). ئىككىنچىدىن، رەقىبىمىز قانداقتۇر پۇتبول بىلىمى چولتا مەستانىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئاجىز كوماندا ئەمەس.
مەن ‹‹ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى كۇلۇپلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ›› دېگەن تېمامنى داۋاملىق تۈردە يېڭىلاپ تۇرىۋاتىمەن. تېما تولۇق پۈتكەندە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ھەر بىر كۇلۇپنى خېلى چۈشىنىپ قالىسىلەر. نۇرغۇنلارنىڭ كاللىسىدا ‹‹ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئاجىز كوماندا يوق، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە مادىرىد ۋە بارسىلونادىن باشقا كۈچلۈك كوماندا يوق ›› دېگەن ئۇقۇم سىڭىپ قاپتۇ. ئىسپانىيە بىرلەشمىسى بولسا 1928-يىلىدىن باشلاپ ھەقىقىي تۈردە تەسىس قىلىنغان. بۇ يىلنى ھېساپقا ئالمىغاندا بىرلەشمە لوڭقىسى جەمئىي 86 گە يەتتى. قاراپ باقساق ھازىرغىچە ھەر يىلدا بىر چېمپىيۇن كوماندا بارلىققا كېلىدۇ، ئەڭ كۆپ چېمپىيۇن بولغان كوماندا خان جەمەتى مادىرىد (32 قېتىم)، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى بارسىلونا (21 قېتىم)، ئىككى كوماندىنىڭ چېمپىيۇن بولغان قېتىم سانى 53، قالغان 33 قېتىملىق چېمپىيۇن كوماندىلارنىڭ تەركىبىدە مادىرىد رىقابەت بىلەن بىلباۋ ئاتلىتىكا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدۇ. مادىرىد رىقابەتنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈپ تۇردۇق، خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى بىلەن بارسىلوناغا ئاز بولمىغان تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىلباۋ رىقابەت توغۇرلۇق بولسا كۆپ سۆزلىمەي تۆۋەندە قىسقىچە توختىلاي، ئاندىن مادىرىد ۋە بارسىلوناغا تەھدىت ئېلىپ كېلەلىگۈدەك كوماندىمىكەن ئەمەسمىكەن، ئاندىن بىر نېمە دەڭلار.
بىلباۋ رىقابەت ئىسپانىيەنىڭ باسىك ئاپتونۇم رايونى ۋىزكايا (ئىسپانچە ئاتىلىشى) ئۆلكىسى بىلباۋ شەھىرىگە جايلاشقان پۇتبول كۇلۇبى بولۇپ، 1898-يىلى قۇرۇلغان، ھازىر بىرلەشمىدە ئويناۋاتقان كۇلۇپلار ئىچىدە قۇرۇلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن كۇلۇپ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ كۇلۇپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىكى مۇھىم بىر ئەزاسى. 1928-يىلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ دەرىجە چۈشۈپ باقمىغان. بۇ بىرلەشمىدە دەرىجە چۈشۈپ باقمىغان كۇلۇپتىن پەقەت 3 كۇلۇپ بار بولۇپ، خان جەمەتى مادىرىد، بارسىلونا قاتارلىقلار بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ. بىلباۋ رىقابەت كوماندىسى ئىسپانىيدە ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كۇلۇپنىڭ بىرى بولۇپ، 8 قېتىم ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا، 24 قېتىم ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىغا ۋە بىر قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. ئىسپانىيەدىكى ئومۇمىي نەتىنجىدە خان جەمەتى مادىرىد، بارسىلونا ۋە مادىرىد رىقابەتتىن كېيىنلا تۇرىدۇ. بۇ كۇلۇپ پەقەت باسىك ئاپتونۇم رايونى تەۋەسىدىكى پۇتبولچىلارنىلا ئىشلىتىدۇ.
|
|