elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1113|ئىنكاس: 41

گىرمانىيە 24 - ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 12:49  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...







002336s8yllt6eqc4559qw.jpg



2015 - يىلى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 2014 - 2015 - يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 24 - ئايلانما مۇسابىقىسى باشلاندى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :


ھانۋېر96    1     -     3  بايرېن مىيۇنخېن

گىرمانىيە زەردارى بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى مىھمان مەيداندا ھانۋېر96 كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 25 مىنۇت بولغاندا ھانۋېر96 كوماندىسى بايرېن بىكى دانتىنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ ئۇردى ، 28 مىنۇت بولغاندا بايرېن توپچىسى ئالونسو ئىختىيارى توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، ئالدىنقە مەيدان 1 - 1 ئاياغلاشتى ... كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 61 مىنۇت بولغاندا مۇللىر نوقتا توپ ئۇردى ، 73 مىنۇت بولغاندا مۇللىر يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 3 قىلدى ... كىيىنكى مىنۇتلادا نەتىجە ئۆزگەرمەي بايرېن مىھمان مەيداندا غەلبە قىلدى ...




ھامبۇرگ 0   -   0 دورتمۇند

گىرمانىيە سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا دەرىجە ساقلاش ئۈچۈن تىرشىۋاتقان ھامبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، بۇ مەيداندىكى 3 نۇمۇر ھەر ئىككىلى كوماندا ئۈچۈن ناھايتى قىممەتلىك ئىدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيدان ھەر ئىككىلى تەرەپ كۈچىگەن بولسىمۇ پۇرسەت تۇتالماي 0 - 0 ئاياغلاشتى ...كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ يەنىلا نەتىجە ئۆزگەرمەي 0 - 0 نەتىجە بىلەن بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىپ ھەر ئىككىلى كوماندا بىردىن نۇمۇر ئالدى ... گىرمانىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە يارلانغان دورتمۇند توپچىسى رىئۇس ساقىيىپ مەيدانغا چۈشتى ...





قالغان مۇسابىقىلەر نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:

شارىك04  3    -    1  خوفىنھام
سىتۇگارت  0    -    0  بىرلىن ھېرتا
ئاگىسبۇرگ  1    -    0  ۋولفىسبۇرگ
فىربۇرگ  0    -     1  بىرمىن



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-8 13:02:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرېننى كۆرەلمەيدىغانلار جىقكەن جىمۇ ؟! ... بايرېن ئۇدا چىمپىيۇن بولسا نىمە بوپتۇ ، تىخى بۇ پەسىل چىمپىيۇن بولالىسا ئۇدا 3 پەسىل چىمپىيۇن بولغان بولىدۇ ، بۇنىڭ ئالدىدا دورتمۇند ئۇدا ئىككى قىتىم چىمپىيۇن بولغان ، ئادەتتىكى مىساللارغا قارايدىغان بولساق ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى يۇۋىنتىسمۇ بۇ پەسىل چىمپىيۇن بولسا ئۇدا 4 پەسىل چىمپىيۇن بولىدۇ ... يەنە دىسەم يەنە شۇ گىرمان بىرلەشمىسنى تولۇق كۆرمىگەنلەر گىرمان بىرلەشمىسىنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ ... مۇنداقلا كۆرىدىغانلار شۇ بايرېننىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىكىن گىرمان بىرلەشمىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 00:26:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي دورتمۇند ساڭا نىمە بۇلىۋاتىدۇ، بايرىن بىرلەشمە ئوينىسا ئۇتتى دىسەكلا بۇلىدىغان ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 00:27:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆرىلەر  بىلەن  سىرىق  چىۋىنلەرنى  يەنە  پىت  باستى.  ماۋۇ  ھانىۋېر  خىلى  تەمتىرەتى  جىمۇ  رىبىرى  چىقمىغان  بولسا  بۇگۇن  بىزمۇ  تۈگشەتتۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 00:28:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھامبۇرگ  بىلەن    دورتمۇند سەت ئىچىمنى پۇشۇرۋەتتى .دوتمۇتنىڭ ۋارتاسى ئىككى خەتەرلىك توپنى توسۋالمغان   بولسا دوتمۇد يڭلەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-8 00:30:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرېن بىر توپ ئسىتىمال قىلغاندىن كىيىن بۆلەكچە جانلىق ئوينىدى ، ئالونسونىڭ توپىمۇ خىلى چىرايلىق كىردى ، دانتى دىگەن بىك ئىككى قىتىم خاتالىق ئۆتكۈزىپ بىر توپ كەتكۈزدى ، رىمدىن يۆتكەپ كەلگەن ئوتتۇر بىكنى مەيدانغا چىقارسا بولىدۇ ، مۇشۇ دانتىنىڭ نەرىنى ياخشى كۆردىكى ، مۇشۇ دانتىگە بەرگەن پۇرسەتنى ئاشۇ بىككە بەرگەن بولسا ئاساسلىق بولۇپ قالاتتى ، ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلەرگە چۈشىۋاتىدۇ ئۇ بىك ئىپادىسى خىلى ياخشى ... بىر توپ دانتى سەۋەپلىك كىردى ، شۇنداق قاخشاپ ئولتۇرسام تىرنىرنىڭ قولىقى قىزىدىمۇ شۇ ھامانلا ئالماشتۇرۋەتتى ، شۇنداق خۇشال بولدۇم ... ئۇنى - بۇنى دەپ بايرېن غەلبە قىلدى ، مۇبارەك بولسۇن ، ئەمدى ياخشى ، پۇختا تەييارلىق قىلىپ ئۇزغۇنلۇقدا ياخشى نەتىجىگە ئىرشىڭلار بايرېن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 00:30:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىننىڭكى خىلى قىزدى ،ئالونسونىڭ ئىختيارى توپى قىززىقتە تىپىپلا تېيلىپ يىقلىپ چۈشتى توپمۇ ۋارتارغا كىردى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 00:32:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھامبورگ بىلەن ھەرىلەرنىڭ مۇسابىقىسى بەكلا قوپال ئوينالدى، ھەرىلەر ئۆز ئۇسلوبىدا ئوينىيالماي قىينىلىپ كەتتى.

بۆرىلەرگە نىم بولدى؟ ئىشۇ ئاۋگۇسبورگقا ئۇتتۇرۇپ يۈرۈپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 00:33:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسەل ھېرىسىنىڭ  كاپىتانىنىڭ  ئاغزىدىن سائەت  چىكەتتىمۇ  تەڭلىشىپ  قاپتىغۇ  .بۇرىلەرنىڭ  ھۇچۇمى  دەششەت  تۇراتتى  ھېرىپ  قالغان  چېغى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-8 00:40:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمان يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 00:32
ھامبورگ بىلەن ھەرىلەرنىڭ مۇسابىقىسى بەكلا قوپال ئوينا ...

ئاگىسبۇرگنىڭ ئىپادىسى بۇ پەسىلمۇ خىلىلا ياخشى بولىۋاتىدۇ ... بۇلارنىڭ تىرنىرى ياخشى چىكەتتى ، توپچىللىرىنى بىرقاتار تەڭسەپ خىلى كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن ئۇچۇرشىپ قالسىمۇ ياخشى نەتىجىلەر ئىرشىۋاتىدۇ ، ھازىر بىرلەشمىنىڭ 5 - ئورندا ... مۇشۇ ئاگىسبۇرگ بايرېننىڭ ئۇدا ئۇتتۇرماسلىق رىكوتىنى 53 مەيدانغا توختىتىپ قويغان ، بۇ پەسىلمۇ دورتمۇند ، مىنشىگىلادباخ قاتارلىق بىرقانچە كۈچلۈك كوماندىلارنى بىر قاتادىن پۇتلاپ بولدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 00:52:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىن دىسە ئۇتتى دىسەكلا بۇلىدۇ بىرلەشمىدە ، كاپىتان ئورۇنلۇق گەپ قىپتىكەن دورىتموند دەرىجە ساقلاش ئۈچۈن كۈچىمىسە بولمىغۇدەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 00:52:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋولفىسبۇرۇگ يېقىنقى 12مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ باقمىغانغۇ دەيمەن.

ھەرىلەر  ھامبۇرۇگ بولكىىسنى يىيەلمەپتۇ-دە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-8 00:52:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە بەيرىننىڭ ئەدىپىنى بەرگىدەك كوماندىدىن بىرەسى  چىقسا بولاتتى بولمىسا گىرمان بىرلەشمىسىنىڭ قىززىقى قالمايدىكەن،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-20 01:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش