ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 542 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ھەممىمىز تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسىنى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى سەھەر سائەت ئىككىگە بىكىتىلدى .
ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىككى زەردار 2 نومۇر پەرىق بىلەن چېپىپ كىلىۋاتقان موشۇنداق پەيىتتە ، تاشقى دۇنيا كىلاسكودىكى پۇرسەت ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارشىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما خان مادىرىد تۆمۈر بىكى مارسىلونىڭ بايانلىرى باشقلارغا ئوخشىماي قالدى . مارسىلو دەيدۇلەركى
‹‹ بىز نوقۇل ھالدا نوۋكەمپودىكى جەڭنى ئەڭ ئاخىرقى چىمپىيونلىقنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارساق بولمايدۇ . ئالدىمىزدىكى بىلباۋ ئاتلىتكا ۋە لەيۋەنتى بىلەن بولغان مۇسابىقىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بۇ ئىككى كوماندا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان رەقىبلەر ، ›› ئۇ يەنە ئەنچىلوتى ھەققىدە توختىلىپ ‹‹ ئۇ ئىنتايىن قالتىس ئادەم ، مەشقاۋۇل كوماندىغا كەلكەندىن بۇيان بىز ناھايىتى كاللا ئىشلىتىپ توپ ئوينايدىغان بولدۇق ›› دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشى نىيمار توغرۇلۇق ‹‹ ئۇ بەك ئىقتىدارلىق توپچى ، گەرچە بىز كۇلۇپتا رەقىبلەردىن بولساقمۇ ئەمىلىيەتتە يېقىن دوسلاردىن . نىيمارنىڭ ئۆگۈنىدىغان يەرلىرى ناھايىتى كۆپ . . . ››
مارسىلو يېقىندا بىر خوشخەۋەر تاپشۈرۋالغان بولۇپ ئۇ بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ چاقىرقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ ئالدىمىزدىكى ئىككى مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . 26 ياشقا كىرگەن مارسىلو سامبا قوشۇنىنى باشلاپ . ئالدىنقى يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان . گىرمانىيە كوماندىسىغا چوڭ نۇمۇر پەرىقى بىلەن ئۇتتۇرۋەتكەن مۇسابىقىدە بەلكىم ھەممە كىشى مارسىلونىڭ سامبا قوشۇنىنىڭ كەم بولسا ماھىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولىشى مۇمكىن .
كىلاسكودىكى ئىككى كوماندنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئالدىنقى ھەپتە خان مادىرىد ۋىللارىيال بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ نومۇر پەرىقى 2 گە چۈشۈپ قالدى . كوماندىدىكى ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ يارلىنىشى كوماندا تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەنچىلوتىنىڭ ئورنىمۇ تەۋرەپ قالدى . ئۇزاق مەزگىللىك داۋالىنىشتىن كىيىن قايتىپ كىلىش ئالدىدىكى مۇدىرچ ۋە قارام بىك راموسنى ئەسلىگە كىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكى مادىرد مەستانىللىرى ئۈچۈن چوڭ خوش خەۋەر ئەلۋەتتە .
بارسىلونا كۇلۇبى بولسا يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان باشقىچە ئېچىلىپ جەنۇبى ئامىرىكا ھۇجۇم سېپىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسى بىلەن شاھلىق لوڭقىسغا يەنە ىر قەدەم يېقىنلاشتى كوماندىدىكى ئەزالارنىڭمۇ بىرلەشمە لوڭقىغا بولغان تەلپۈنشى ناھايىتى كۈچلۈك ، ئەپسۇسلىنارلىقى كوماندا ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى بۇسكىس يارلىنىپ كىلاسكوغا قاتنىشالمايدىغان بولدى . بۇ بارسىلونا ئوتتۇرا مەيدان كونتىرولىقى ئۈچۈن زور يوقىتىش ئەلۋەتتە . مەستانىلەر ھەر ۋاقىت ئاساسلىق ئەزالارنىڭ تولۇق مەيدانغا چىقىپ قىززىغان بىر مەيدان مۇسابىقىگە شاھىت بولىشىنى ئۈمۈد قىلشماقتا .
|
|