elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1334|ئىنكاس: 30

ئارۋىس ئىنگىلاندقا،پېدىرو ئىتالىيەگە ئاتلىنىشى مۇمكىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 22:02  

          201503070921207468.jpg

  ئارۋىس بۇ يىل يازدا مانچىستىر بىرلەشمىسىگە قۇشۇلىدۇ

بارسېلونا كوماندىسىنىڭ  پىلانىدا دانېلونى قۇشۇۋېلىپ ئارۋىس تىن ۋاز كەچمەكچى ئىدى.ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دانېلونىڭ ئاساسى جەھەتتىن خانلىق مادىرىد كوماندىسىغا قۇشۇلىدىغانلىقى مۇقىملىشىپ قالدى. ئەمدى بارسېلونا كوماندىسى پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ئارۋىس بىلەن توختام ئۇزارتىش ئۈستىدە قايتىدىن مەسلەھەت قىلۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتلەردە ئويلىمىغان يەردىن ‹‹قۇياش گىزىتى›› مۇنداق بىر خەۋەرنى ئاشكارلىغان.يەنى ئارۋىس ئاللىقاچان مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى بىلەن توختام ئىمزالاشقا كىلىشىپ بولدى.
ئارۋىسنىڭ ۋاكالەتچىسى سانتانا :بىرازىلىيەلىك ئاللىقاچان ئۈزۈگە ماس كەلگۈدەك بىر كۇلۇپ بىلەن تېپىشىپ بولدى،ھازىر ئۇنىڭ بۇيەردىن ئايرىلىشى يېقىنلاپ قالدى دىگەن.
بارسېلونا كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمى دانېلونى يۆتكەش پىلانىنى تۈزۈشتىن بۇرۇن ئىزچىل ئارۋىس بىلەن توختام ئۇزارتىش ئىشىنى كەينىگە سۆرىگەن،ھەتتا بۇ ئىشنى تېلغا ئېلىپمۇ قۇيمىغان،شۇنىڭ بىلەن ئارۋىس كۇلۇپتىن قاتتىق نارازى بولغان،ئەمدى ھازىرغا كەلگەندە بارسېلونا كۇلۇبى گەرچە ئارۋىس بىلەن توختام ئۇزارتىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ ئەمما ئارۋىس ئاللىقاچان مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا يۆتكۈلۈش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغان.
ئەگەردە ئارۋىسنى يولغا سېلىپ قۇيۇپ دانېلونى قۇشۇۋالماقچى بولسا 2016-يىلى 1-ئايغىچە ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ، ئارۋىس كەتسە بارسېلونانىڭ مۇداپىيەسى بىر قەدەر پاسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى تەبىئى،مونتىيا بىلەن دوگلاس نىڭ ئىقتىدارى تېخى كۈچ بىرەلمەيدۇ،ئادىريانو يارلىنىپ ئەسلى ئىپادىسىنى يۇقاتتى،بارتېللا تېخى پىشىپ بۇلالمىدى،ھالقىلىق پەيىتتە خاتالىق سادىر قىلدىغان يامان خۇيى بار ئەمما ئۇنىڭ ئۇمۇمى ئىقتىدارى ئوتتورا مۇداپىيە ئورنىغا ماس كىلىدۇ.


             U7880P6T12D6623963F44DT20130617100214.jpg

MSN ھۇجۇم گۇرىپىسىغا ياندايدىغان پېدىرونىڭ يېقىنقى ئىپادىسى تۇراقسىز، بۇ پەسىللىك مۇسابىقە باشلانغاندا سۇيارىزنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلەنگەچكە پېدىرو بارسېلونانىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى ئىدى.ھازىر بولسا پېدىرومۇ سۇغۇق ئۇرۇندۇققا مىخلاندى،‹‹دۇنيا تەنتەربىيە گىزىتى››نىڭ خەۋەر قىلشىچە پېدىرو دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ 2016-يىلى ئېلىپ بېرلىدىغان ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى بىرىجى مەخسەت قىلىپ بۇيىل يازدا بارسېلونادىن ئايرىلىشى مۇمكىن ،ئۇ ئۈزۈنىڭ بارسېلونا كوماندىسىدىكى ھازىرقى ئەھۋالى سەۋەبىدىن ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرنىرى بوسىك نىڭ نەزىردىن چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ .
‹‹كۈندىلىك تەنتەربىيە گىزىتى›› نىڭ بۈگۈن ئاشكارلىشىچە خەلقئارا مىلان كوماندىسى پېدىرونى يۆتكەشكە ئاتلانغان.ئىسپانىيە ‹‹ئاس گىزىتىمۇ ››بۇ خەۋەرنى دەلىللەپ بارسېلونا پېدىرونىڭ باھاسىنى 30مىليۇن ياۋرۇ قىلىپ بىكىتتى دىگەن.
بۇ ھەپتە بارسېلونا كوماندىسى بىرلەشمىدە بالكانو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ،نىيمارنىڭ 5دانە سېرىق كارتىسى يىغىلىپ مۇسابىقىدىن توختىغاچقا بەلكىم پېدىرو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن،بالكانو كوماندىسى بولسا ،پېدىرو توپ كىرگۈزۈشتە ئەڭ ياخشى كۈردىغان كوماندىلارنىڭ بىرى ،چۈنكى پېدىرو بالكانو بىلەن ئۇچىراشقان 5مەيدان مۇسابىقىدە جەمئى 6توپ كىرگۈزۈپ 3تۆھپە پاس چىقارغان،ھەتتا ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدە مەزكۇر كوماندىغا قالپاق ئۇيۇنى ئوينىغان. بۇ قېتىم بالكانو كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە  ئۈزۈنى سېتىۋالدىغان كوماندىلارنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم جەلىپ قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 22:04:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىدرو ئوتتۇرا ھۇجۇمچىما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 22:05:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارۋىسقا چىدمايمەندە ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 22:07:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنۇش دۇشمەنلەنىڭ ھال-ئەھۋالىمۇ  بىر يەرگە بېرىپ قالغۇدەك ئەمسە .كىلەر يىلى ھۆ   بولغۇدەك قان تۇلۇقلىمىسا بولمۇغۇدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-7 22:10:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 22:04
پىدرو ئوتتۇرا ھۇجۇمچىما؟

يان ھۇجۇمچى، نىيمار ۋە سۇيارىز ئىككىسىدىن بىرسى يارلانسا ياكى مۇسابىقىدىن توختىسا ئاندىن مەيدانغا چىقىدۇ. نىيمار مەيدانغا چىقمىسا نىيمارنىڭ ئورنىدا سول ھۇجۇچى بۇلىدۇ،سۇيارىز مەيدانغا چىقمىسا مېسسى ئوتتورا ھۇجۇمنى ئوينايدۇ ، پېدىرو ئوڭ ھۇجۇم، بەزىدە تېخى ئوتتورا مەيداندىمۇ ئويناپ قۇيىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 22:18:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىدرو بىزگە  لازىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 22:20:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ پىدرو دىگەن بالا سۇيارىز نىيمارلاردىن قېلىشمايدۇ دەپ ئويلايمەن ئۈزەمچە ،،،،پەقەت ئۇنىڭغا بىرىلدىغان پۇرسەت ئاز،مەن بۇ بالىنى تۇنىغان ۋاقتىمدا ئۇرۇندۇق باقىدىكەنتۇق،ھازىرغىچە باقىدىكەن ،يا بۇ بالا ئۇرۇندۇقتىن زىرىكمىدى،يا ئۇرۇندۇق بۇ بالىدىن زىرىكىمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 22:34:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلىقى ۋىرمالۇنمۇ بىرسى بولىدىغان ساقايمىدىما تىخىچە ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 22:36:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاي - ھاي سانچىسنىمۇ يولغا سالسا ئەمدى پىدىرومۇ كەتسە ، ئاۋۇ سۇ غالجىرغا پەقەت ئىشىنىپ بولاممايۋاتىمەن . پىدىروغا پۇرسەتلا كەم ، مىسسىغۇ مەيلى  ئامال يوق ، لىكىن ئاۋۇ ئىككىسىدىن ئازراقلا نامى چىقماي كۆمۈلۈپ قالغان يېرى بار شۇ  ،  كىلە بولمىسا مىلەنغىلا شاراۋىمۇ ياش تۇرۇپلا قېرىپ قالدىمۇ  ،  سەندەك بالىدىن بىرسى لازىمتى زادى ، ئارۋىس كىلەۋا سەنمۇ نىمە بار ئىنگىلاتتا ساڭا ، كەلسەڭ قارشى ئالىمىز لىكىن شەرتى بار ، چوقۇم مائىشىڭنىڭ يېرىمىنى بارسىلونا كۆتۈردىغان بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 22:37:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بارىسلونا مۇشۇ ئارۋىسنى قولدىن چىقارمىسا ياخشىتى..............................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 23:32:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىسلونا مۇشۇ ئارۋىسنى قولدىن  چىقىرىپ قويامۇ مۇشتا ئادەم سىتىۋىلىشتىن چەكلەنگەن چاغادا  ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 23:35:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بارسا ھەي بارسا  نېمىنى ئويلاۋاتقانسە زادى..........
سانچىسنىڭ ئورنىغا مۇشۇ بالا كېتىدىغان ئشتى دەسلەپتە، ئەمدى بولغاندا سانچىسمۇ يوق بۇمۇ يوق بۇلدىغان بولدى، بۇغۇغ مەيلى پېدىروغا ئانچە بەك ئېچىنىپ كەتمەيمە لېكىن ئاۋىس چۇقۇم قېلىشى كېرەك بولغان ئادەمنىڭ بىرسى، يەنە كېلىپ ھازىرقىدەك مۇداپئەدىن چاتاق چىقۋاتقان مەزگىلدە، ھېچ بولمىغاندا ئالۋىسنىڭ ئورننى باسقۇدەك بىرسىنى تاپقۇچە بۇنى قولدىن چىقىرىشقا ھەرگىز بولمايدۇ ........ بارسا يۇقىرى قاتلىمى قانداقلا قىلسا قىلىپ ئالۋىس بىلەن توختام ئۇزارتىشى كېرەك ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 14:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش