ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4041 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مارادونا دەۋرىدە ئۇنىڭغا تەڭ كەلگۈدەك ئەمەس ھەتتا ئۇنىڭغا يېقىن كەلگۈدەكمۇ توپچى چىقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇدا 2 نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئېسىل ئىپادىسىنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، ناپولىدىن ئىبارەت ب بىرلەشمىدىن ئاران دەرىجە ئۆرلەپ چىققان ئەزەلدىن ئاساسى ئاجىز بىر كوماندىنى باشلاپ ئۇدا 2 نۆۋەت (شۇنداقراق ئېسىمدە) ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى قىلىشى، بوكا ياشلار كۇلۇبىنىمۇ ئارگىنتىنا بىرلەشمىسىنىڭ خوجىسىغا ئايلاندۇرىشى ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدە تەڭداشسىز قالتىسلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەمدۇ؟ ئۇنىڭ مەيدان سىرتىدىكى نۇرغۇن بولمىغۇر قىلىقلىرىنى كۆزدە تۇتۇپلا بىر ئەۋلاد پۇتبول شاھىنى ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا ئىنكار قىلۋەتكەنلىكنىڭ ئۆزى سەل بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش بولۇپ قالىدۇ. 70-يىللاردا تۇغۇلۇپ 80-يىللاردىن باشلاپ پۇتبولغا مەستانە بولغانلار مارادونانى %100 پۇتبول شاھى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن.
بەك بولمىسا مارادونانىڭ فىلىم كۆرۈنۈشىنى ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈپ قويسىڭىز بولغۇدەك. |
|