بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-7 15:33
خانلىق مادرىد دانىلونى قوشۇۋالدى
پورتۇ كۇلۇنى مۇداپىيەچىسى دانىلوغا 40 مىليون باھا قويۇلغان ئىدى ، بىراق كۇلۇپنىڭ ئىقتىسادىي قەرزى بولغاچقا ھەمدە دانىلونىڭ 2016- يىلى توختام مۇددىتى ئاخىرلاشقاچقا پورتۇ تەرەپ دانىلونى ئەرزان باھادا سېتىپ بىرىشكە رازى بولدى ، شەرتى شۇكى پۇلنى يازلىق يۆتكۈلۈش بازىرى ئېچىلغان ھامان پورتۇ تەرەپكە بەرسىلا بولدى . مادرىد تەرەپ بۇ ماھىرغا قىززىقىۋاتقىلى خىلى بولغان بۇلۇپ مانا بۈگۈن بۇ سودا مۇۋاپپىقىيەتلىك پۈتتى ، دانىلونىڭ يۆتكۈلۈش ھەققى 20 مىليون ياۋرۇ بولدى . دانىلو پورتۇگالىيە بىرلەشمىسىدە 21 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 3 توپ ئۇرغان بىر تۆھپە پاس بەرگەن .
سىمونى توختام ئۇزارتىشقا قۇشۇلدى
مادرىد رىقابەت تېرىنىرى سىمونى مانچېستىر شەھىرىگە تېرىنىرلىق قىلىش ئارزۇسىدا بولغاچقا توختامغا قول قۇيۇشنى كەينىگە تارتىپ كەلگەن ، تۈنۈگۈنكى خەۋەردە سىمونى رىقابەت تەرەپكە پارىژ سانت ژىرمان كۇلۇبىدىكى كاۋانىنى كۇلۇپقا قوشۇۋېلىشقا قۇشۇلسا توختامغا قول قويىدىغانلىقىنى ئيتقان ، كۇلۇپ تەرەپ بۇ سودىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى كاۋانىنىڭ يۆتكۈلۈش سوممىسى ھەمدە مائاشىنىڭ يۇقۇرلىقىنى سەۋەپ قىلىپ تۇرۋالغاچقا سىمونى مائاش ئۆستۈرۈپ بىرىشنى ئېيقان ، كۇلۇپ تەرەپمۇ قوشۇلغان ، سىمونىنىڭ ھازىرقى مائاشىغا 2.5 مىليون ياۋرۇ قوشۇلىدىغان بۇلۇپ يىڭى توختامدىن كىيىن سىمونىنىڭ يىللىق مائاشى 6 مىليۇن بولىدۇ يىڭى توختامى 2022- يىلغىچە بولىشى مۇمكىن . بۇ مائاش بىلەن سىمونى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مائاش ئالىدىغان ئالتە تېرىنىرنىڭ بىرىغا ئايلاندى ، كۆپ مائاش ئالىدىغان تېرىنىرلار - گوۋاردىيولا (بايرىن مىيونخىن ، 12 مىليون)، مورىنھو (چېلسى، 10.2 مىليون)، ۋېنگىر (ئارسىنال ، 8.2 مىليون)، ئەنچېلودى (خان مادرىد ، 7.5 مىليون)، پېللىگرىنى (مانچېستىر شەھىرى ، 6.6 مىليون).
مىلان ھەقسىز توپچى قوشۇۋالماقچى
مانچېستىر بىرلەشمىسى توپچىسى مايكېل كېرىكنىڭ توختامى مۇشۇ يازدا توشىدىغان بۇلۇپ كۇلۇپ تەرەپ بىلەن يىڭى توختام ئىمزالىمىغان ، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن مىلان كۇلۇبى بۇ توپچىنى ئەركىن توپچى سالاھىتىدە كۇلۇپقا قوشىۋالماقچى . كېرىك بۇ پەسىل ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە 13 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان . مىلان يەنە پارمانىڭ 19 ياشلىق توپچىسى خوسى ماۋرىنى قۇشۇۋالماقچى ، ماۋرىى كۇلۇپتىن ئايرىلغىسى يوقلىقىنى ئيتقان بولسىمۇ پارما كۇلۇبى ئىقتىساد جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالدا قالغاچقا بۇ توپچىنى سېتىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ . ماۋرى بۇ پەسىل 20 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 1 توپ ئۇرغان . (يۆتكۈلۈش باھاسى يوق ئىكەن).
|