elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1375|ئىنكاس: 34

113 يىلدىكى ئەڭ ياخشى سەپ شەكلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 01:37  

بۈگۈن يەنى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى خان مادىرد كۇلۇبىنىڭ  113 يىللىق خاتىرە كۈنى ، خان مادىرىد كۇلۇبى   1902-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى  رەسمى كۇلۇپ بۇلۇپ قۇرۇلغان بۇلۇپ تۇنجى قېتىم ئېنگىلادتىكى جونسون باش تېرىنىر بولغان ، جوئان پادىروس تۇنجى نۆۋەتلىك باش رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . . . موشۇ مۇناسىۋەت بىلەن توپ كىرگۈزۈش تورى بۈگۈن سامان يولى جەڭ كېمىسىنىڭ 113 يىللىق ئەڭ ياخشى سەپ شەكلىنى تىزىپ چىققان . بۇ سەپ شەكلى 4-2-3-1 سەپ شەكلىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ .  بۇ سەپ شەكلىگە ھازىرقى توپ تىپىۋاتقان چولپانلاردىن كاپىتان كاشلىياس ، قاتىل ھوجۇمچى كىرستىيانو رونالدو ، ئىسپانىيە ۋە خان مادىرد كۇلۇبىنىڭ ئارقا مەيدان يۈرۈكى راموس قاتارلىقلار كىرگەن .

201503062245125890.jpg


1 . ۋارتار  كاشىلىياس  1999 - يىلىدىن ھازىرغىچە
kk.jpg

ھۆرمەتكە سازاۋەر كاپىتان يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ھەر ۋاقىت ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە خان مادىرىد كوماندىسىنڭ ۋارتارلار تىزىملىكىدىكى بىرنچى تاللاش بولۇپ كەلدى .  مەيداندىكى چەبدەسلىكى ، ئىنكاسىنىڭ تىزلىكى ئۇنى ئاللا بۇرۇن  دۆلەت كوماندىسى ۋە سامانيولى جەڭ كىمىسىنىڭ مەگگۇ يادلايدىغان قەھرنىغا ئايلاندۇرۇپ بولدى . گەرچە يېقىندىن بۇيان ئىپادسىدە روشەن چىكىنش بولغان بولسىمۇ  ئۇ خان مادىرىد مەستانىللىرىنىڭ قەلبىدە ئاللا بۇرۇن ئۆزىنىڭ رىۋايىتىنى يېزىپ بولدى . . . كاپىتانغا ھۆرمەت .

2 . مادىرد پەخىرى  ساندو  1982-1998-  يىلغىچە
sss.jpg

ساندو مادىرد كۇلۇبىنىڭ ھەممە نەرسىسىگە ۋەكىللك قىلالايدۇ دىسەك ھەرگىزمۇ ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ . خان مادىردتقا ۋاكالىتەن قاتناشقان 497 مەيدان مۇسابىقىنڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ قان تەرى بار 1997- 1998- يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە كۇلۇپ بىلەن بىرلىكتە ھاياتىدىكى 7 قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا ھەم  پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى  ئەڭ ئاخىرقى  بىر قېتىملىق چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ يىشىل چىملىقتىن ئايرىلغاندىمۇ ئۇنىڭ بىلىكىدە قىزىل رەڭلىك يەڭ بەلگىسى بار ئىدى .

3 .  ئارقا مەيداندىكى باتۇر يولۋاس راموس

llll.jpg

راموس سەرۋىلىيەدىن يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان ئاستا -ئاستا دۇنياۋى دەرىجىلىك مۇداپىيەچى بولۇپ يىتىشىپ چىقتى .  ئۇ مادىرد تارىخىدىكى ھەر تەرپتىن تەڭ يىتىشكەن  مەيداندىكى ۋارتارنىڭ ئورنىدىن باشقا ھەممە ئورۇننىڭ ھۆددىسىدىن  تولۇق چىقىپ كىتەلەيدىغان كۆپ قىرلىق توپچى . ئۆتكەن يىلدىكى نەچچە مىلىيونلۇق ئەپەندىلەرنى قارىتىپ قويۇپ بىر كاللا بىلەن مادىرد رىقابەتنى بوغۇزلىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ...

4 .  ھارماس تۇلپار ھېرو

ggg.jpg

ئۇ ئىنتاين قابىل  ، توپ سەزگۈسى ئالاھىدە يۇقىرى توپچى . مادىرد ئۈچۈن 14 يىل توپ تىپىش ، 3قېتىم يوغان قۇلاقنى كۆتۈرۈش ، ھەمدە مۇداپىيەچى تۇرۇپ 127 توپ كىرگۈزۈپ ئەينى ۋاقىتتىكى سەبدىشى سانچىس بىلەن مادىرد مۇداپىيە سېپىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى يارىتىشى مادىرد مەستانىللىرنىڭ قايىللىقنى قوزغىغان . مۆتىۋەر كاپىتاننىڭ يىشىل چىملىقتىن چېكىنىپ بولغاندىن كىيىنمۇ كۇلۇپقا قايتىپ كىلىپ ياردەمچى مەشقاۋۇل بولىشى ھەر قانداق بىر مەستانىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ .

5 . پەتەك يولۋاس  روبىرتو كارلوس 1996-2007 يىلغىچە

kar.jpg

كارلوس بولسا پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان سول مۇداپىيەچى  قالتىس بولغان ئىختىيارى توپ ماھارىتى ، مۇداپىيەدىكى سەزگۈرلىكى ئۇنى ئۆز ئورنىدا ئەڭ ئۈستۈن ھالەتكە يەتكۈزگەن ،  كارلوس ماىردتقا ۋاكالىتەن 527 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 5 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونلىقى 2 قېتىم ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى بولغان
2002- يىلى شامالدەك سۈرئىتى ۋە ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا ئىرشىشىگە زور تۆھپە قوشقان .

6.  قەھرىمان   جوسسى پىررى ( ئىسپانىيەلىك )  
pili.jpg

پىلى مادىردتىكى ۋاقتىدا جەمئى 10 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ، پىلى بەزىدە  بەل ئويناپ يۇقىرى بولغان توپ كونتىرول قىلىش ھالىتىنى ياراتسا ، بەزىدە ئارقا بەل ئويناپ زەمبىرەكتەپ ئۇزۇن پاسلارنى تاشلايتى  ، يەن بەزىدە ئوتتۇرا ھۇجۇم ئويناپ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان توپلارنى كىرگۈزەتتى .

7 . چىملىق رىۋايىتى زىدانى  2001-2006 يىلغىچە

qqqq.jpg

گەرچە مادىردتتا توپ تاپكەن ۋاقتى ئۈستىدىكىلەرگە نىسبەتەن قىسقا بولسىمۇ ، زىدانى ئاللا بۇرۇن مادىرىد مەستانىللىرنىڭ يۈرۈكىدە ئۆچمەس نامىنى ئويۇپ بولدى .مەيلى كۇلۇپتا بولسۇن مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ، توپ زىدانىنىڭ پۇتىغا چۈشكەن ھامان ئۇ سېھرىگەرگە ئايلىناتتى .  2002- يىلىدىكى  ئۇچۇپ كەلگەن توپنى توختاتماي ۋارتارنىڭ ئۆلۈك بۇلىڭىغا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن توپى ھېلىھەم دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل كىرگۈزۈلگەن توپلارنىڭ  بىرىنچىسى بولۇپ كەلمەكتە .

8 .      دېستىفانو     1954-  1963
dsdsdsdsdfs.jpg
ئۇ بىر رىۋايەت ، ئۇ مادىرد تارىخىدىكى ئەڭ ئېسىل ( مەنبەدە ئۇلۇغ ) توپچى ، ئۇ مادىرد مەستانىللىرنىڭ قەلبىدىكى ئۆلمەس قەھرىمان . كەينى - كەينىدىن 5 قېتىم ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى بولۇپ شۇ دەۋىردىكى بارىلىق رەقىبلىرىنى باش ئەگدۈرۈش ھەممىگە جاۋاپ بولالايدۇ  . . .  مانا بۇ قەھرىمان  ، مانا بۇ رىۋايەت  ، مانا بۇ مادىرچىلار قەلبىدىكى ئۆلمەس روھ . . .

9 . فىرانسىسكو گىنتو

gt.jpg

تالانتلىق ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ، ئۇ تارىختىكى بىردىنبىر ئالتە قېتىم ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن توپچى ( مەنبەدە شۇنداقكەن ) ئۇزغۇنلۇق تارىخدا مادىرىد ئۈچۈن 89 قېتم مەيدانغا چىقىپ 30 توپ كىرگۈزگەن .  ( بۇ توپچىنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن شۇڭا يۈزەكىلا بوپ قالدى  . )

10 . قاتىل ماشنا ئادەم رونالدو  2008- يىلدىن ھازىرغىچە

sl.jpg

رونالدۇ توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەش ھاجەتسىز . ھارماي بۇزىۋاتقان رىكورتلىرى ، توختىماي توپ ئۇرۇپ ۋارتارلارنىڭ قارا چۈشى بولۇپ قېلىشى ھەم ئۈچ قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى بۇ چولپاننىڭ  بۇ قۋتىملىق سەپ شەكلىگە كىرىشىگە يىتىپ ئاشىدۇ .

11 . ئۈزۈك شاھ راھۇل 1992-2010  يىلغىچە

lawu.jpg

راھۇل بېرنابۇنىڭ ئىپتىخارى ۋە پەخىرى  . ھۇجۇمچلارغا خاس پۇرسەت تۇتۇش ، كاپىتانغا خاس سالاپەت  ،  18 يىل كۇلۇپ ئۈچۈن  ھارماي كۈچ  چىقىرىش  . . . كىسىپ ئېيتالايمىزكى كاپىتاننى ھەر بىر مادىرىد مەستانىسى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ .
  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 01:23:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىزىملىك مېنىڭچىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 01:22:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپانىڭ تۆپىستە ئولتۇرۇش نىسىپ بوپتۇ بۇگۇن
ھەممىسى  ئىسىل توپچىلا   قولقويماي تۇرالمايمىز بۇلارغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 01:26:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-نىڭ ئىسمى راستلا پىلى بولغىيمىدى؟ (شۇم ئېغىز شاھتەك) ئاۋۇ سۈرەتتە سەپ شەكىلىدىكى ئىسمى پىرىرى ياكى پىررى دەپ ئوقۇلامدىكىن؟
كىرىستىئان رونالدو ئوڭ تەرەپكە قويۇلۇپتۇ-دە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 01:27:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز يەنە قايىل بولماي تۇرالامسىز؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 01:31:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تىمىدا تېلغا ئېلىنغېنى باشقا بىر پىلى ئوخشايدۇ. زەڭگى پېلى ئەمەس ئىكەن شۇنداقمۇ يا؟ بوۋاي چۈشەنچە بىرۋېتىڭلا!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-7 01:35:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىف يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 01:31
ماۋۇ تىمىدا تېلغا ئېلىنغېنى باشقا بىر پىلى ئوخشايدۇ. ز ...

جوسسى پىررى مارتىنىز سانچىس ئىسپانىيەلىك  1945 يىلى تۇغۇلغان  ، مەيداندىكى ئورنى ئالدى بەل  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-7 01:36:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۈمە يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 01:26
6-نىڭ ئىسمى راستلا پىلى بولغىيمىدى؟ (شۇم ئېغىز شاھتەك) ئ ...

جوسسى پىررى مارتىنىز سانچىس ئىسپانىيەلىك  1945 يىلى تۇغۇلغان  ، مەيداندىكى ئورنى ئالدى بەل  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 01:46:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت بوۋاي ئۆزلىرىنى چارچىتىپ قويۇپتۇق، ھازىر كىچە قىسقىراپ كەتتى، ئانچە-مۇنچە ئۇخلاپ قويسىلا! مۇبارەك تەنلىرى ئامان بولغاي!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 01:47:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى  مەخپى  نۇمۇرنى  سىلىپ  كىرىڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-7 01:50:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راموس ھەقىقەتەن تالانتلىق ئىكەن ھە.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-7 01:52:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 01:47
يىڭى  مەخپى  نۇمۇرنى  سىلىپ  كىرىڭلار

رھمەت ، ئەمدى ئوڭشىلىپتىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-16 15:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش