ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5783 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم .....
خان مادرىد جوڭگۇغا كىلىدىكەن
خانلىق مادرىد كۇلۇبى 2013- يىلى جەزائىر (بىرە شىركەتمۇ ياكى باي ئادەممۇ بىلمىدىم)ھەمكارلىق ئورناتقان ، ھەمدە 2014- يىلنىڭ ماي ئىيىدا جەزائىرغا بىرىشقا قۇشۇلغان ، بىراق 5- ئايدا مادرىد ئوزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا تەييارلىق قىلىش سەۋەپلىك بۇ ئىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ، بۇ قىتىم جەزائىر تەرەپ يەنە تەكلىپ ئەۋەتكەن ، مادرىد تەرەپ تەكلىپنى قۇبۇل قىلغان ، بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مادرىد 2015-2016- يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە تەييارلىق قىلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ جوڭگۇدا 18- ئىيۇل رىم كۇلۇبى بىلەن ، ئاۋسترالىيەدە 24-ئىيۇل مانچېستىر شەھىرى بىلەن بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى .
راموس قايتىپ كەلدى
ئىسپانىيە ماركا گىزىتى خەۋېرى - مادرىد توپچىسى سېرگىيو رامۇس سېۋىليە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يارلانغان بۇلۇپ مۇسابىقىنىڭ 9- مىنۇتىدىلا مەيداندىن چۈشۈپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان ، نەچچە كۈن ئالدىدىكى خەۋەرلەردە راموس (el kilasiko)دۆلەت دېربىسى بارسىلونا مادرىد مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چۈشىدۇ دىيىلگەن بولسىمۇ ،بۈگۈنكى يىڭى خەۋەردە راموس ئوزغۇنلۇق شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ شالكى بىلەن بولغان ئىككىچى ئۇچۇرشۇش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقى ئىنىقلاندى .
نىيمار كەچۈرۈم سورىدى
بارسىلونا ھۇجۇمچىسى نىيمار ۋېللارېئالغا قارشى مۇسابىقىدە سۇئارىزغا پاس بەرمەي ، ئۆزى ھۇجۇم قىلىپ توپنى كىرگۈزەلمەي مۇسابىقىدىن كىيىن سۇئارىزدىن كەچۈرۈم سورىدى ، مۇسابىقە ۋاقتىدا نىيمار مۇداپىيەسىز قالغان سۇئارىزغا پاس بەرمەي ئۆزى مۇداپىيەچىدىن ئۆتۈپ توپ ئۇرماقچى بۇلىدۇ بىراق توپ كىرمەيدۇ ، سوئارىز ئازراق نارازى بولغاندەك ھالەتتە نىيمارغا قارايدۇ ، مۇسابىقىدىن كىيىن نىيمار چۈشەندۈرۈپ بۇنداق ئىشلار دائىم بوپ تۇرىدۇ ، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن بۇندىن كىيىن بۇنداق پۇرسەتلەر كەلسە ساڭا پاس بىرىشكە ۋەدە بىرىمەن .(شىلامچى)
سىسى كەچۈرۈم سورىدى
نىيۇكاستىل توپچىسى سىسى مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ توپچىسى ئېۋانىس بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ ، (بىر-بىرىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈشكەن)مۇسابىقە ۋاقتىدا رىپىر ھېچقايسى توپچىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيدۇ ، مۇسابىقىدىن كىيىن ئېۋانس سىسىغا تۈكۈرمىگەنلىكىنى تەكىدلەپ ئىتىراپ قىلمايدۇ ،
سىسى مەن كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈم سورايمەن ، بىرىنچى بۇلۇپ كوماندا ئەزالىرىدىن ، ئىككىنچى بولۇپ ئېۋانستىن، ئۈچىنچى بوپ مەستانىلەردىن ، بەزى ۋاقىتلاردا ئادەم ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي قالىدۇ ، مەن دائىم ھەممە توپچىلارغا ئۈلگە بۇلۇشنى ئويلايمەن . ھەممىڭلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن .
بۈگۈنكى خەۋەردە ئېنگىلاند پۇتبولچىلار جەمىيىتى نىيۇكاستىل توپچىسى سىسسېغا 7 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى ھەمدە مانچېستىر توپچىسى ئېۋانىسقا 6 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بىرىلدىغانلىقىنى ئۇختۇردى . |
|