ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2203 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بارچۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-6 14:01
3-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە 2014-2015-پەسىللىك ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى، يۇۋىنتۇس ساھىبخان مەيداندا فىلورىنسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يىرىم مەيداندا فىلورىنسىيەدىكى چېلسىدىن ئىجارىگە ئالغان مۇھەممەد سالاھ بىر توپ ئۇردى، يىرىم مەيدان ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا يۇۋىنتۇستىن لورېنت بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ئالدىنقى يىرىم مەيدان 1-1 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى. كېيىنكى يىرىم مەيداندا فىلورىنسىيەدىن مۇھەممەد سالاھ يەنە بىر توپ ئۇردى، فىلورىنسىيە مېھمان مەيداندا 2-1 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.
مۇھەممەد سالاھ فىلورىنسىيەگە قوشۇلغاندىن بىرى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولىۋاتقان بولۇپ، 7 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 6 توپ ئۇرۇپ 1 ياردەمچى پاس بەرگەن. مۇھەممەد سالاھنىڭ ئىپادىسىدىن رازى بولغان كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر، بۇ يىل يازدا سالاھنى سېتىۋالماقچى بولماقتا.
|
|