ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 450 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جانۇزاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-6 11:13
مەسۇت ئۆزىل 2ئايدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالاندى!
ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى كىچىك زومىگەر ئارسىنال كوماندىسى ئورگان تورىدا كوماندىدىكى گىرمانىيىلىك توپچى ئۆزىلنى 2-ئايدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر بولۇپ تاللانغانلىقىنى ئىلان قىلدى.بۇ ئۆزىلنىڭ بۇ پەسىل باشلانغاندىن كىيىنكى تۇنجى قېتىم مۇنەۋەر ماھىر بولۇپ تاللىنىشى ھىسابلىنىدۇ.
ئالدىنقى يىلى 10-ئايدا گىرمانىيە پۇتبول بىرلەشمىسى ئۆزىلنىڭ يارلانغانلىقىنى ئىلان قىلىدۇ،كىيىن ئۆزىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئارسىنال بىلەن سىتوك شەھىرىنىڭ مۇسابىقىسىدە 18مىنۇت مەيدانغا چىقىدۇ.2-ئايدا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن ئۆزىل 2توپ ئۇرۇپ 3پاس بەردى، ئارسىنالنىڭ 5مەيدان مۇسابىقىدە4مەيدان ئۇتشۇغا ھەمدا بىرلەشمىدە 3-ئورۇنغا چىقشىغا ياردەم بەردى.
چىلسى بۇ يىڭى پەسىلدىكى تۇنجى سودىنى تاماملىدى!

گەرچە يازلىق بازار ئېچىلدىغانغا 4ئايدەك ۋاقىت بولسىمۇ ،بىراق چىلسى ئاللىبۇرۇن ھەركەتنى باشلىۋەتتى.
يەنە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋرىدە چىلسى كوماندىسى رومانىيە بىرلەشمىسىدىكى ۋىتۇرۇل كونستانتا كوماندىسىدىكى رومانىيىلىك 17ياشلىق مۇداپىيەچى مانىيا بىلەن توختام ئىمزالىغان بولۇپ،يۆتكىلىش ھەققى 2مىليۇن300مىڭ فونىستىرلىڭ بولغان.بۇ مۇداپىيەچىگە ئارسىنال،ئاجاكىس ۋە ئۇدىنىس قاتارلىق كوماندىلارمۇ قېتۋالماقچى بولغان،لىكىن چىلسى ھەركەتنى تىز قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن توختام ئىمزالىغان.

مانىيا 1997-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان. بوي ئىگىزلىكى 1مىتىر 83سانتىمىتىر ،مەيداندىكى ئورنى ئوڭ مۇداپىيە.ئۇ 2013-2014مۇسابىقە پەسلىدە رومانىيە بىرلەشمىسە تۇنجى مەيدانغا چىققان.2014-يىلى5-ئاينىڭ 14-كۈنى رومانىيە بىلەن ئالجىرىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى مەيداننى ئوينىغان ھەمدە رومانىيە دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياش مەيدانغا چىققان ماھىر بولۇپ قالغان. |
|