elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1081|ئىنكاس: 34

ئىستانبۇلغا تۇتاشقان يول[تەرجىمە فىلىم]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 01:43  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

مۇنبەرداشلار ياخشىمۇسىلەر، كۆرۈشمىگىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ، يېقىندىن بۇيان تولا سەپەردە بولۇپ مۇنبەرگىمۇ جىق چىقالمىدىم. خىزمەت ئورنۇمغا قايىتقىلىمۇ مانا بۈگۈن  ساق 1 كۈن بوپتۇ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەرگە تېما يوللىغاچ يەنە داۋاملىق مۇنازىرىلەردە بولۇشنى لايىق تاپتىم.
نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مۇنبەردە پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك فىلىملەرنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ ، كەڭ مەستانىلەرگە تەقدىم قىلىشنى كۆپ ئويلاشقان بولساقمۇ ، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ئىش ھۇجۇدقا چىقماي قالدى، لېكىن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرگە بولغان ھەۋىسىم تۈپەيلى ، باشقا مۇنبەرلەردە ئانچە-مۇنچە كىنو -فىلىم تەرجىمە قىلىپ قوياتتىم،  بۈگۈن مەن ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىدىكى دوستۇم
شۇڭقار نىڭ تەرجىمە قىلغان فىلىمى «ئىستانبۇلغا تۇتاشقان يول» فىلىمىنى دوسىتلارغا ئېلىپ كەلدىم. ئەسلىدە بۇ فىلىمنى ئاق بۈركۈت ۋە پۇتبول مۇنبىرىدە تەڭلا ئېلان قىلماقچى بولغان ، لېكىن ئاق بۈركۈت تورى تامغىسى بېسىلغان نۇسخىسىنى تېخىچە پىرىسلاپ بولالمىغاچقا ، ئاۋال پۇتبول مۇنبىرىنىڭ تامغىسى بېسىلغىنىنى يوللىغاچ تۇردۇم.
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىش ھەقىقەتەن قول تۇتىدىغان جاپالىق بىر ئەمگەك، لېكىن ئۇ ئارقىلىق كۆڭۈل ھوزۇر تاپىدۇ، چۈنكى ئانا تىل-يېزىقىمىزنى چەتئەلنىڭ نادىر تېلىۋېزىيە فىلىملىرى ۋە كىنولىرىغىچە سىڭدۈرۈپ كىرىپ ئانا تىلغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالىدۇق دەپ ئويلىغاچقىلا تەرجىمانلىرىمىز شۇنچە كۆپ ئالدىراشچىلىقلىرىدىن ۋاقىت چىقىرىپ  مۇشۇنداق نادىر فىلىملەرنى بىزگە سوۋغات قىلىشىۋاتىدۇ.  مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەرقايسى تەرجىمان ۋە تەھرىر دوسىتلارغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.   ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمچىلىكتە توختىماي ئىزدىنىۋاتقان  
ئاق بۈركۈت، تۇرانىم، تەرجىمە فىلىم،كۆۋرۈك... قاتارلىق بارلىق تور بىكەتلەرگە  ۋە مۇشۇ سەپتىكى جاپاكەش ئۇستاز ۋە شاگىرتلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ئانا تىلنى  راۋاجلاشدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى!!!

ئەسكەرتىش: مەزكۇر فىلىم تەرجىماننىڭ تەلىپى بويىچە تۇنجى قاراردا ھەقسىز يوللاندى، بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىپ قالسا مۇنبەر تىللاسىغا سېتىۋالىدىغان قىلىشىمىز مۇمكىن، شۇڭا ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىپ ، قوللاپ قويۇڭ!





968full-liverpool-v-ac-milan-----2005-champions-league-final-&-the-road-to-istan.jpg

فىلىم نامى: ئىستانبۇلغا تۇتاشقان يول
ئېنگىلىزچە نامى: The Road  To Istanbul
خەنچە نامى: 2005年利物浦欧冠之路
تىلى :ئېنگىلىزچە
خېتى: ئۇيغۇرچە
ژانىرى: ھۆججەتلىك
فورماتى: MKV
ئېنىقلىقى:720*1280
سىغىمى: 1.26G
ئۇزۇنلۇقى: 65 مىنۇت

تەرجىمە قىلغۇچى: شۇڭقار
تەھرىر ۋە كىرىشتۈرگۈچى: ئەلبارىس

قىسقىچە مەزمۇنى:
  فىلىمدە ئاساسلىقى لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ 2005-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدىكى سەپىرى سۆزلەنگەن، مەزكۇر فىلىم لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ ھەلقىلغۇچقا كىرگەنگە قەدەر ئوينالغان بارلىق مۇسابىقىلىرىنىڭ خاتىرىسى ۋە توپچىلارنىڭ ئەسلىمىسى بىلەن ئاياقلىشىدۇ، ھەلقىلغۇچ قىسىمىنىڭ خەت ھۆججىتىنى تاپقىلى بولمىغانلىقتىن ، ۋاقىت ئوقى ياساش ئاۋارچىلىقى تۈپەيلى تەرجىمە قىلىنمىدى، شۇڭا ھازىرچە كۆپچىلىككە مۇشۇ قىسىمىنى سۇندۇق ، شۇڭقار بۇرادەرگە يەنە بىر قېتىم رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!

مۇناسىۋەتلىك كەسمە رەسىملەر:
001.JPG
002.JPG
003.JPG



بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ!






باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +145 يىغىش سەۋەبى
130112 + 50 قوللاش!
isyanqi + 50 قوللاش!
تىروي + 45 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-6 01:53:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق بۇركۇتتە نىمانداق ئىلان قىلمايدىغاندۇ دىسەم ئەسلىي ئىش مۇنداقكەندە. بارىلىق تەرجىمانلارغا چىن دىلىمدىن رەھمىتىمنى بىرلدۇرۋالاي.     جاپا چەكتىڭلار قۇلۇڭلارغا دەرىت بەرمىسۇن.  تىخىمۇ تىرشىڭلار قىرىنداشلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-6 02:02:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىش راستىنلا ئېنتايىن جاپالىق، مەن ئەينى ۋاقىتلاردا بىر مەزگىل قىلىپ تاشلاپ قويغان.  سىز ۋە سىزگە ئوخشاش كىشىلىرىمىزگە رەھمەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-6 02:24:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-6 02:39:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر سىڭسۈرۈپسىلە،  .......بەركىتىنى بەرگەي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-6 03:31:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلىفۇندا چىقمامدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-6 07:55:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4 مىنۇتلۇق يېرى جېقىپ توختاپ قالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-6 08:13:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-6 08:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-6 08:49:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
riva_cr7 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 08:25
سەن قايسۇ جانۇزاي ؟

مانچېتىردىكى ھى ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-6 09:32:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىلىم چۈشمىدىغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-6 09:58:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
riva_cr7 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 08:25
سەن قايسۇ جانۇزاي ؟

كۆمىدىڭمۇ ئۇيغۇرچە ئىسىمنى؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-28 03:46

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش