elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1405|ئىنكاس: 25

شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ماھىر دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 5-مارت خەۋىرى: 26-فېۋرال، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى2015-يىللىق بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تۆت نەپەر ئەزاسى تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.
 بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىقىدۇر. شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى سۈي ۋەنجۈنمۇ ترېنېر گۇرۇپىسىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ قۇشۇمچە دۆلەت ئولىمپىك ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان ئىككى قېتىملىق 19 كىشىلىك تىزىملىكتە شىنجاڭ كوماندىسى تۆت ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلار شىرئەلىجان، قىرانبېك ماقان،  جۇ چى بىلەن ليو ۋېيدىن ئىبارەت. ليو ۋېي يارلانغان سەۋەبىدە تىزىمغا ئالدۇرغىلى بارالمىدى . قالغان ئۈچ تەنھەركەتچىمىز بېيجىڭغا مەشىق قىلغىلى يۈرۈپ كەتتى. بۇ قېتىم دۆلەت كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشى ئاساسلىقى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدىغان ئاسىيا ئەرلەر ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن. بۇ قارادىكى ماھىرلار 2016-يىلى رىئودا ئۆتكۈزۈلدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغىمۇ تەييارلىق قىلىدۇ.
    223908lccq05ppvmzwbp8w[1].jpg
1. شىرئەلىجان مۇختەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايىتىدىن، 1991-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىگى 1.92مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى85 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مەيدان بىكى، 20-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
شىرئەلىجان مۇختەر دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تەنھەركەتچىسى، يىراقتىن توپ ئېتىش تەنھەركەتچىسى، 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى يىۇقۇرى كۆتۈرۈپ يۇقۇرى نەتىجە ياراتقان. كىيىنكى مۇسابىقىلەردىمۇ ئىپادىسى ئىزچىل مۇقىم بۇلۇپ كەلگەن. CBA چولپانلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن كىيىن دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا ئەزا بۇلۇپ كىرگەن ۋە ئادىلجان سۇلايمان، دۇفىڭدىن كىيىنكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن چىققان ۋاسكىتبول چولپىنىغا ئايلانغان.
    223747qtu54ztk4xf3uako[1].jpg
   2. قىرانبېك ماقان،  قىرغىز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستى ئاتۇش شەھرىدىن، 1992-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان،  بوي ئىگىزلىگى 1.96مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى88 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئالدى مەيدان ھۇجۇمچى، 13-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
  قىرانبېك ماقان 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ CBA بىرلەشمىسىگە قۇشۇلۇپ، شىنجاڭ كوماندىسىدا ئۈچ پەسىل مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن كىيىن، 2011-2012 پەسىللىك مۇسابىقىدە شەنشى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بىر پەسىل مۇسابىقىگە قاتناشقان. 2012-2013 پەسىللىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىغا قايتىپ كىلىپ ھازىرغىچە شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتىدۇ.  2013-يىلى 4-ئايدا دۆلەت ئولىمپىك ۋاسكىتبول كوماندىسىغا كىرگەن.  2014-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ دۆلەت كوماندىسى ۋە دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى بىلەن بىرگە يىغىلىپ مەشىققە قاتنىشىپ خەلىقئارالىق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
      223857fo6mi3a39juxcagt[1].jpg
  3. ليۇۋېي  1980-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، شاڭخەي شەھرىدىن، بوي ئىگىزلىگى 1.89 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى82 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مەيدان بىكى، 8-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
ليۇۋېي داڭلىق ۋاسكېتبول تەنھەركەتچىسى، دۆلەت كوماندىسىنىڭ چىكىنگەن ئەزاسى، ئىلگىرى شاڭخەي كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2001-2002 پەسىللىك مۇسابىقىدە ياۋمېڭ بىلەن بىرلىكتە شاڭخەي كوماندىسىنى چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشتۈرگەن. CBA تارىخىدا بۇسۇپ كىرىپ نۇمۇر ئىلىشتا ئۇمۇمى نۇمۇرنى 7000 نۇمۇرغا يەتكۇزگەن تۇنجى بېك ھىساپلىنىدۇ.
  ليۇۋېي 1996-يىلى شاڭخەي ياشلار كوماندىسىغا كىرىپ 1996-يىلى شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا كىرگەن، شۇنداقلا كەلگۈسى 20 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرى توپ ماھارىتى، نومۇر ئېلىش ۋە مۇسابىقىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنەۋۋەر توپچىغا ئايلاندى، ئۇ يەنە ئىلگىرى دۆلەت كوماندىسىغا قاتنىشىپ كوماندا باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
      223808h6bdh6adghvpbgph[1].jpg
  4. جۇ چى، 1996-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن ئۆلكىسىدىن، بوي ئىگىزلىگى 2.17 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 95 كىلوگىرام، غۇلاچ ئۇزۇنلۇقى 2.37 مىتىر، مەيداندىكى ئورنى ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، 9-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
ئۇ 2011-يىلدىن باشلاپ دۆلەت ياشلار ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، خەلىقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن.
بۇ يىل يازدا  جۇڭگۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ  كورىيە رېن چۇەن  ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان.
  2014-يىلى 1-ئايدا  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قۇشۇلغان.
    223759wadmehxs5es22kpr[1].jpg
  5. سۈي ۋەن جۈن، ھازىر شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسىنىڭ باش تىرىنىرى، 2012-يىلى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا باش تېرېنىر بولغان، 2012-2013 پەسىللىك مۇسابىقىدە كوماندىنى يىتەكلەپ بىرلەشمىدە تۆتىنجى بولغان.
  2014يىلى،  2013-2014 پەسىللىك مۇسابىقىدە  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىنى ئىككىنچىلىككە ئىرىشتۇرگەن.
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، گاۋشۇمىڭنىڭ ئورنىغا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى بولغان.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛  http://waskitbol.com/forum.php
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-5 23:44:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىدىن دۆلەت كوماندىسىغا 4 بالا كىرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئالدىراپ تىنەپ كىرىپتىمەن بۇمۇ بىر خوش خەۋەر بۇپتۇ چاقناپ كىتىڭلا قېرىنداشلا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-5 23:41:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈيۋەنجۈن دىگەن ئاداش شىرئەلىنى دىگەندەك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشنى بىلمەي ئۈچ نومۇرلۇق توپ شاھىنى كاردىن چىقىراي دىدى، جىياڭ قېرى ئوبدان ئېچىلدۇرغانتى، بۇ پەسىل شىرنىڭ 20نۇمۇر ئالغان مۇسابىقىسى بارمۇ يوق ئەسلىيەلمىدىم، ئۇ تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن 3نۇمۇرلۇق توپ ئېتىشىغا چەك قۇيۇلدى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ مۇسابىقىدە ئۆزى بۇرۇن ئادەتلەنگەن ئۈچ نۇمۇرلۇق توپقا ئورۇن ئېلىپ بولسىمۇ ئۇنىڭغا پاس بېرىلمىدى ياكى ئۆزى پۇرسەت چىقىرىپ ئاتقان بولسىمۇ چۈشمەي ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەپ كەتتى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-5 23:43:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما دۆت تېرنىرنى پەقەت باكا قالغانلىقى ئۇچۈنلا تاللىدى دەپ ئويلۇدۇم ئۆزۈمچە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-5 23:43:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇچى دىگەن شادىپاچاقتا ئۈمىد باركەن، ن ب .ئېي دا ئوينىسىمۇ بولغۇدەك بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-5 23:48:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلىجاننىڭمۇ تىزىملىككە كىرگىنى بەك ياخشى بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-5 23:49:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kiran bek ni man tehi kazak dap yurup timan  bu pasil bakla eqilip katti kiranbek
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-5 23:55:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلىجاننىڭ دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەنلىكىدىن خۇش بولدۇم.  تېخىمۇ تىرىش شىر!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-5 23:57:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي  پۇتبول مۇنبىرىگە ۋاسكىتبول خەۋىرى يوللايدىغان ئ‍ىشمۇ باركەندە ، يېڭىلىق !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-5 23:58:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قىرانبەكنىڭ خوتەندە ئوينىغان مۇسابىقە سېن فېلىمى

  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-5 23:58:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ  مۇسابىقە كۆرۈشكە ساقلىدى ھەقىچان . 2013- يىلى ئۈچ نومۇرلۇق توپ شاھى بولغان شىرئېلىجاننىمۇ تاللىغان كىيىن قانداق بولدى . . . نەدە ئۈچ نومۇرلۇق توپ شاھىنى دۆلەت كوماندىسىدا ئويناتمايدىغان ئىش بار ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-6 00:07:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئېلىجان ئۇكام، غەيرەت قىلىڭ!!! ( مەندىن 15 ياش كىچىك ئىكەن بۇ بالا، قېرىپتىمەن.....)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 14:52

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش