ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 663 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-5 22:56
ماركا گېزىتى خەۋىرى
مادىرد يۇقىرى قاتلىمى پى پى بىلەن توختام ئۇزارتماقچى.
ئۇزۇندىن بېرى يارلىنىش ئازابىنى تارتىۋاتقان پورتىگالىيە ۋە مادىرىد تۆمۈر بىكى پى پى بۈگۈن كۇلۇپ تەرەپتىن خوش خەۋەر تاپشۇرۋالغان ، كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمى پى پىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى قالتىس ئىپادىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەسلىدىكى توختامنى يەنە ئىككى يىل ئۇزارتماقچى بولغان . پى پىنىڭ توختامى 2016- يىلى يازدا توشىدىغان بولۇپ بۇ قېتىم كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمى پى پى بىلەن 2018- يىلى يازغچە قىممىتى 50 مىلىيون ياۋرولۇق توختام ئۇزارتىماقچى ماركا گېزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە پى پى توختام ئۇزارتىشقا قوشۇلسىلا كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمى ھەر ۋاقىت سۆھبەتنى باشلايدىكەن .
پى پىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشى ۋە توختام ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ قېلىشى بىلەن ئىنگىلاد مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى پى پىنى قوشۇۋېلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن . مانچىستىر شەھىرى پى پىغا يۇقىرى مائىش بىرىش بىلەن ئاساسلىق ئەزا ئورنىغا ئىگە قىلىپ كوماندا كاپىتانى كومپانى بىلەن مۇستەھكەم ئارقا مۇداپىيە ھاسىل قىلماقچى بولغان .
پى پىنڭ توختام ئۇزارتىشى مادىرىد كۇلۇبىدىكى فىرانسىيەلىك ئۈمۈدلىك ياش ۋارانىنى خۇشال قىلالماسلىقى مۇمكىن . ئۇزۇن مەزگىل راموس بىلەن پى پىنىڭ زاپىسى بولۇپ كىلىۋاتقان ۋارانى بەلىكم بۇ قېتىم كونا ئۇستازى مۇرىنھۇنىڭ يېنىغا كېتىپ قېلىشى مۇمكىن . چىلسى مەشقاۋۇلى مۇرىنھۇ مادىردتىكى ۋاقتىدا ۋارانىنى بايقاپ يىتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ ئۇستاز شاگىرىتلىق مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر . ۋارانىمۇ ئۆزىنىڭ چىلسىغا بېرىش ئارزۇسىنى نۇرغۇن قېتىم ئىپادىلىگەن بولغاچقا بەلكىم كىيىنكى پەسىل ۋارانىنى سىتانفورد كۆۋرىكىدە كۆرىشىمىز مۇمكىن . ۋارانىنىڭ كىتىشىغا سەۋەپ بولىدىغان يەنە بىر سەۋەپ مادىرد يۇقىرى قاتلىمى ئالدىنقى كۈنى كۇلۇپ ئورگان تورىدا ئىتالىيەلىك ياش ئوتتۇرا بىك دىمايانى قوشۇۋېلىشنى پىلانىنى ئاشكارلىغان . شۇنداق بولغاندا فىلورىنتىنو ۋارانىنى يۇقىرى باھادا سېتىپ چىقىرىشىنىمۇ يوق دىگۈلى بولمايدۇ .
|
|