ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 662 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-5 19:39
بارسىلونا ئورگان تورى خەۋىرى .
تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىىسى بارسىلونا بىلەن ۋىللا رىيال كۇلۇبى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى سىرىگو بوسكىس يارلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىدۇ . بۈگۈن بارسىلونا كۇلۇبى ئورگان تورىدا بوسكىسنىىڭ ئوڭ پۇت ئوشۇق بوغۇمىنىڭ سىرىتقى قىسىمى يارلانغانلىقىنى بوسكىسنىڭ 3 ھەپتىدىن 4 ھەپتىگچە داۋالاشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان . شۇنداق بولغاندا بۇسكىس 3-ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى مانچىستىر شەھىرى بىلەن بولغان ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈككە كىرىش ئىككىنچى ئۇچۇرشىشى ۋە 3-ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى خان مادىرىد كوماندىسى بىلەن بولغان دۆلەت دېربىيسىگە قاتنىشالمايدىكەن . بۇسكىسنىڭ يارلىنىشى بارسىلونا ئوتتۇرا مەيدانى ئۈچۈن زور بېسىم ئىلىپ كەلمەي قالمايدۇ . توپ مەستانىللىرى بۇ ئىككى مۇھىم مۇسابىقىدە باش مەشقاۋۇلنىڭ ياخشى تاكتىكا تۈزۈپ غەلبە قىلىشىنى ۋە بۇسكىسنىڭ تىزراق ساقىيىپ قايىتىپ كىلىشىنى ئۈمۈد قىلشماقتا .
|
|