ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 319 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پارما كۇلۇبى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىن چىقىرىۋىتىلىشى مۇمكىن
پارما كۇلۇبى ھازىر ئاللىبۇرۇن ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئالالمىغۇدەك كۈنگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ،ئىلگىرى ئىككى قېتىم ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى چمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن بۇ داڭلىق كۇلۇبنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىن چىقىرىۋېتىلىپ ،ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كۇلۇبى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.پارما كۇلۇبى يېقىندا ئۇدا ئىككى مەيدان ئىتالىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشمىغان،ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدە،ئۇدا تۆت ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان ھەرقانداق بىر كۇلۇب بىرلەشمىدىن چىقىرىۋېتىلىپ ھەمدە كەسپىي كۇلۇپ سالاھىتى بىكار قىلىنىپ،ئىشتىن سىرتقا كۇلۇبقا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
ئىتالىيە پۇتبول بىرلەشمىسى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا قانداق قىلىپ پارما كۇلۇبىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ،،ئۇلارنىڭ پارما كۇلۇبىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىن ئۆتىۋىلىشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پىلانى تۈزۈپ چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى، بىراق بۇ كۇلۇبنىڭ ئىستىقبالىغا ئانچە ئىشىنىپ كېتەلمىگەن باشقا كۇلۇبلارنىڭ پۇل چىقىرىپ ”قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى“ ئېلىپ بېرىشى ناتايىن.
ھازىر پارما كۇلۇبىنىڭ ئىشخانىسى ئاللىبۇرۇن قۇرۇقدىلىپ قالغان،،ئارىيەت ئېلىنغان بارلىق كومپىيۇتېرلار يىغىپ كېتىلگەن. كىيىم يۇيۇش شېركىتىمۇ مۇلازىمىتىنى توختاتقان، كوماندا ئەزالىرى مەشىقتىن كىيىن ئۆزلىرى كىيىم يۇيۇشقا مەجبۇر بولغان. كۇلۇبنىڭ قەرزى كۆپ بولغانلىقتىن، كۇلۇبقا تەۋە نۇرغۇنلىغان مۇقىم مۈلۈكلەر مۇسادىرە قىلىنىپ، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا تەييار قىلىنغان.
ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ پارما كۇلۇبىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ۋاقتى بۇ ئاينىڭ 19-كۈنىگە بېكىتىلگەن.
1913-يىلى قۇرۇلغان پارما كۇلۇبى ئىلگىرى ئىككى قېتىم ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىغا، بىر قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، ،ئۇنىڭ ياۋروپا سەھنىسىدىكى نەتىجىسى ئىتالىيەدە پەقەت يۇۋىنتۇس ، مىلان ۋە خەلقئارا مىلاندىنلا كېيىن تۇرىدۇ. |
|