ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3469 |
تۆھپىسى: سەر |
|
فۇربىس يىقىندا ئەڭ يىڭى بايلار قاتارىنى ئىلان قىلغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 نەپىرى ئىنگىلات بىرلەشمىسىدىكى پايچىك ياكى كۇلۇپ خوجايىنلىرى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئارسىنالنىڭ 3 نەپەر پايچىكىمۇ باركەن.

دۇنيادىكى 1826 مىليونىر بايلار ئىچىدە 10 نەپىرى ئىنگىلات بىرلەشمىسىدە ئىكەن.
ئارسىنال كۇلۇبى ھازىرغىچە ئۆز-ئۆزىنى قامداپ كىلىۋاتقان بولۇپ ، ئەگەر مەبلەغ ئىھتىياجى بوپ قالسا ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى 3 نەپەر مىليونىر پايچىك قاراپ تۇرمايدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە ئىنگىلات ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ باي پايچىك ئوسمانۇف ئارسىنالنىڭ %15 پاي ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئىنگىلات بىرلەشمىسى پايچىكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ باي ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ بايلىغى 9 مىليارىت 4 يۇز مىليۇن فونىت سىتىرلىڭ.
فۇربىسنىڭ بۇ قىتىمقى بايلار قاتارىغا ئائىلە مال مولىكى ۋە خان جەمەتى بايلىقى ھىساپلانمىغان بولغاچقا مانچىستىر شەھرىنىڭ خوجايىنى مەنسۇر باي 20 مىليارىد بايلىقى بىلەنمۇ بۇ قاتارغا كىرمىدى.
QPR نىڭ پايچىكى مىتتار 8مىليارىت 8يۇز مىلىيۇن بايلىقى بىلەن 2- ئورۇندا تۇردى،چېلسى خوجايىنى ئابلاموۋىچ 5مىليارىت 9 يۇز مىليۇن بايلىقى بىلەن 3- ئورۇندا، يەر شارى بۇيچە 137-ئورۇندا تۇردى.
تىزىملىكتە 10نىڭ ئىچىگە كىرگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئارسىنال پايچىكى كىرونىك،توتىنھام رىسنىڭ خوجايىنى لىۋىس،نىۋكاستىل خوجايىنى ئاشلي،لەيچىستىر شەھىرىنىڭ خوجايىنى سىرۋاتانا بولاپا ، سىتوك شەھرىنىڭ خوجاينى كواتىس،ئارسىنال پايچىكى موسلىي،رىۋىرپول خوجايىنى ھىنرىي قاتارلىقلار.
ئىنگىلات بىرلەشمىسى ھازىر ئەڭ باي بىرلەشمە بولۇپ 06-07 مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىن ئىنگىلات بىرلەشمىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۆتكىلىش سوممىسى 5 مىليارىتتىن يۇقىرى بوپ كەلمەكتە .
مەنبە :来源:虎扑足球 |
|