ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 542 |
تۆھپىسى: سەر |
|
كۈندىلىك گېزىت خەۋىرى .
لىۋىرپول كاپىتانى جىررادنىڭ كوماندىدىن ئايرىلدىغانلىقى ئېنق بولغاندىن كېيىن كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمى جىددى كاپىتاننىڭ ئىز باسارىنى ئىزدىگەن ئۇلارنىڭ نىشانى بولسا خان مادىرىد ئوتتۇرا مەيدا توپچىسى ئاسىر ئىللارامندى بولۇپ ، لىۋىرپۇل باش مەشقاۋۇلى روجىسنىڭ قارىشىچە ئىللارامندى كاپىتان جىررددنىڭ ئورنىنى بېسىشقا تامامەن ماس كىلىدىكەن ، كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمى ئاللا بۇرۇن مادىرىد تەرەپ بىلەن يۆتكىلىش ئىشىدا بىردەكلىككە كىلىپ بوپتۇ . ئىللالارمىندى مادرىدقا كەلگەندىن بۇيان قاتتىق تىرشقان بولسىمۇ رىقابەت كەسكىن بولغان مادرىد كۇلۇبىدا ئاساسلىق ئەزا بولالمىغان . ھەمدە كىروس ، مودىرىچ ۋە يېڭى كەلگەن لۇكاس سېلىۋا بار بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئىللارامىندى مەشقاۋۇل ئەنچىلوتىنىڭ تۆتىنچى تاللىشى بولۇپ قالغان . قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ئىسپانىيە بىلباۋ ئاتلىتكا كۇلۇبى ئىللارامىندىنى يۆتكەشكە تەييارلانغان بولسىمۇ ئىللارمىندى يەنىلا كۇلۇپتا قېلىشنى تاللىغان . ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن توچىغا نىسبەتەن قىران مەزگىلىنى سوغۇق ئورۇندۇقتا ئۆتكۈزۈش ياخشى ئىش ئەمەس شۇڭا ئىللارامىندى يازلىق بازاردا كوماندىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان . ئارسىنال كۇلۇبى ئىللارمىندىغا قىزىققان بولسىمۇ لىۋىرپول كۇلۇبى بىلەن مادىرد كۇلۇبىنىڭ ئۇۇن مەزگىللىك سودا دوسلۇقى بولغاچقا لىۋېرپول تەرەپ بۇ سودا ئىشىدا ئاكتىپ ئورۇننى ئىگىلىگەن .
|
|