ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7454 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-4 00:15
بېيجىڭ ۋاقتى بويىچە 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىسپانىيە كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسى 2-ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى ئېلان قىلدى. ئىسپانىيە ئا بىرلەشمىسى رەت تەرتىۋىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگەللىگەن كوماندىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن بىردىن ماھىر(مېسسى، ئىسكو،گېرىزمان) بۇ سەپ شەكلىگە كىردى. ۋالىنسىيە ،سىرتا كۇلۇبلىرىدىن 3تىن ماھىر كىردى.
تۆۋەندىكىسى 2-ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر 11ئادەم:
قاپقىچى : ئالۋارىز (سىرتا)
سىرتا كوماندىسى 2-ئايدىكى 4مەيدان مۇسابىقىدە 3مەيدان ئۇتۇپ بىر مەيدان تەڭلەشتى،پەقەت بىرلا توپ كەتكۈزۈپ قويدى. بۇ مۇسابىقىلەردە سىرتا 1-0كوردوۋانى،2-0مادرىد ئاتلىتىكىنى، 2-0لاكىرۇنىيەنى يەڭدى،رىئال جەمئىيەت بىلەن 1-1تەڭلەشتى، مادرىد ئاتلىتىكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئارۋالىز 4خەتەرلىك توپنى توسىۋالدى، لاكىرۇنىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ 5قېتىم ئېسىل توپ توسۇش ماھارىتىنى كۆرسىتىپ كوماندىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈردى.
بىكلەر:
روسالىس (مالاگا)
بۇ ئايدا ئىسپان بىرلەشمىسىدە مالاگانىڭ قارشى تەرەپ مەيدانىدا بارسېلونانى يېڭىشى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مالاگا ئوڭ بېكىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ياخشى بولدى، ئۇندىن باشقا مالاگا 3-2گېتافنى يەڭگەن مۇسابىقىدە روسالىس ھالقىلىق بىر ياردەمچى پاس بەردى.
كابرال (سىرتا)
بۇ ئايدا سىرتا كوماندىسى پەقەتلا بىر توپ كەتكۈزۈپ قويدى،كابرال بولسا مۇداپىئە سېپىدىكى باشلامچىدۇر ،29ياشلىق ئارگېنتىنالىق بۇ ماھىرنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.82مېتىر،ئېغىرلىقى 75كىلوگىرام، بەدەن ساپاسى ئىنتايىن ياخشى.
مۇستافىي (ۋالىنسىيە)
ۋالىنسىيەنىڭ مۇداپىئە سېپىدىكى بۇ گېرمانىيە دۆلەت كوماندا ئەزاسى بولسا ھەر ئايلىق مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنىڭ دائىملىق مېھمىنى، 2-ئايدا شەپەرەڭلەر 3ئۇتۇپ بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويدى، مۇستافىي بولسا ئۆزىنىڭ رولىنى مۇقىم جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.
گايا (ۋالىنسىيە)
ۋالىنسىيە سول بېكى گايا بولسا بۇ پەسىل ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان ياش ماھىرلارنىڭ بىرى. ئەمدىلا 19ياشقا كىرگەن بۇ كەلگۈسىنىڭ چولپىنىنى رىئال مادرىد كۆزلىمەكتە.
ئوتتۇرا مەيدان:
كىرۇندىخلى (سىرتا)
31ياشلىق بۇ ماھىر سىرتا كوماندىسىدىكى قابىل ئارقا بەل، 2-ئايدا ئالاھىدە ياخشى بولغان ئىپادىسى بىلەن كوماندىنىڭ رەت تەرتىپتە 6-ئورۇنغا ئۆرلىشىگە ياردەم قىلغان، مادرىد ئاتلىتىكىنى 2-0يەڭگەن مۇسابىقىدە بىر ياردەمچى پاس بەرگەن.
پارېخۇ( ۋالىنسىيە)
رىئال مادرىد ياشلار بازىسىدىن چىققان پارېخۇ ۋالىنسىيەدە 10-نومۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ، بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىلەردە 7توپ كىرگۈزۈپ 2ياردەمچى پاس بەرگەن، ئۇنىڭ 2-ئايدىكى مۇسابىقىلەردە ئوتتۇرا مەيداندا تەشكىللەش ۋە مۇداپىئە رولى ھالقىلىق رول ئوينىغان.
ئىسكو (رېئال مادرىد)
2-ئايدا ئىسكونىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى، رىئال مادرىد 2-1سىۋىللانى يەڭگەندە ئۇ 2 قېتىم ياردەمچى پاس چىقاردى، 2-0 لاكىرۇنىيەنى يەڭگەندە ئىسكو بىر توپ ئۇردى، 2-0 ئىلچىنى يەڭگەندىمۇ ئىسكو ياردەمچى پاس بەرگەن، تاراتقۇلار ئۇنى ئىسپانىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى بىرىنچى چولپىنى دەپ قارىماقتا.
ھۇجۇمچىلار:
گېرىزمان (مادرىد ئاتلىتىكا)
2-ئايدا كىشىلەرنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان مۇسابىقە دەل ئاتلىتىكىنىڭ 4-0 رىئال مادرىدنى قىرغىن قىلىشىدۇر. بۇ مۇسابىقىدە گېرىزمان بىر توپ ئۇردى، مادرىد ئاتلىتكا 3-0 ئارمىلىيەنى ئۇتقاندا گېرىزمان 2توپ ئۇردى، 3-1 ئىلچىنى ئۇتقاندا بولسا بىر توپ ئۇرۇپ بىر ياردەمچى پاس بەردى،ئۇ مادرىد ئاتلىتكىدا يېڭى ئالتۇن ئۆسمۈرگە ئايلاندى.
مېسسى (بارسېلونا)
مېسسى بەش مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 7توپ ئۇردى، بارسېلونا 5-2 بىلبائو ئاتلىتكىنى ئۇتقاندا ئۇ 2توپ ئۇرۇپ 3ياردەمچى پاس بەردى، 5-0 لىۋانتىنى قىرغىن قىلغاندا قالپاق ئويۇنى ئوينىدى، 3-2 ۋىللارىئالنى ، 3-1 گېرانادانى يەڭگەن مۇسابىقىلەرنىڭ ھەربىرىدە بىردىن توپ ئۇردى.
بۇئېنو (بالىكانو)
بۇئېنو بولسا رىئال مادرىد ياشلار بازىسىنىڭ مەھسۇلاتى، رائۇلنىڭ ئىزباسارى دەپ قارالماقتا، 2-ئايدا ئۇ توپ ئۇرۇشتا ئەسەبىيلىشىپ كەتتى، بالىكانو 4-2لىۋانتىنى ئۇتقاندا ئۇ ئۆزىلا 4توپ ئۇردى، بالىكانو 2-0 ۋىللارىئالنى ئۇتقاندا بۇئېنو بىر توپ ئۇردى. |
|