elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1125|ئىنكاس: 24

پۇتبولچىمىز ئابدۇۋەلى خېنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبى بىلەن توختام ئۇزاتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
3.jpg
يۇقىرىقى سۈرەتتە : پەخىرلىك پۇتبول چولپىنىمىز ئابدۇۋەلى ئابلەت

مۇسابىقە پەسلى باشلىنىش ئالدىدا دىيارىمىزدىن چىققان پۇتبولچى ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ يۆتكىلىش توختاملىشىش خەۋەرلىرى ئۈزۈلـمىدى، يۆتكىلىش بازىرىدا دىيارىمىزدىن چىققان پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ سەرخىل كۇلۇبلار بىلەن توختاملىشىشى ۋە توختام ئۇزارتىشى ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى.

5.jpg
يۇقىرىقى سۈرەتتە: پۇتبول سۆيەرلەر، سولدىن 1- كىشى نۇرمۇھەممەد پىدا، ئەرافات پىدا، ئابدۇۋەلى ئابلەت، يۈسۈپ ھاجى ئىمىن، بارى مەمەتئېلى ۋە دانىيار (گۇاڭجۇ خىڭدا پۇتبول مەكتىپى تېرىنېرى، شىنجاڭلىق ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۆيۈمچان ئۇستازى)

چىمبۇلاق تورى تەنتەربىيە قانىلى مۇخبىرى نۇرمۇھەممەد پىدانىڭ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى خېنەن قۇرۇلۇش (河南建业) كۇلۇبى ئورگان تەرەپتىن ئىگەللىشىچە 2012- يىلىدىن باشلاپ خېنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان قاراماي دىيارىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك پۇتبولچىسى ئابدۇۋەلى ئابلەت ئۆز كوماندىسى خېنەن قۇرۇلۇش (河南建业) كۇلۇبى بىلەن 2 + 1 شەكلىدە ئىككى يىللىق توختام ئۇزارتتى، جوڭگۇ زەردارلىرىدىن بىرى بولـمىش داڭلىق كۇلۇبنىڭ پۇتبولچىمىز بىلەن توختام ئۇزارتىشى كۇلۇبنىڭ ئۇنىڭ تالانتىغا ۋە تېخنىكىسىغا قايىل بولغانلىقتىن دەپ قارايمىز.

4.jpg
يۇقىرى سۈرەتتە: ئابدۇۋەلى پۇتبول ساخاۋەتچىسى يۈسۈپ ھاجى ئىمىن ئاكا بىلەن شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا سۆز قىلماقتا
ئابدۇۋەلى ئابلەت 2012- يىلى 1- ئايدا ئىلگىركى كۇلۇبى شىنجىن قىزىل ياقۇت بىلەن توختام ئاخىرلاشتۇرۇپ خېنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى ۋە مەيداندىكى جان تىكىپ ئويناش ئالاھىدىلىكى، تېزىلىكى قاتارلىق تەرەپلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن  ۋە كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى قاتارىغا ئۆتكەن.




2013- يىلى شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى كاتتا يايلاق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ھەرەمباغ كوماندىسىغا ۋاكالەتەن مۇسابىقە ئويناپ ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئۆز خەلقىنىڭ ئالدىدا توپ ئويناپ ئۆزىنى نامايەن قىلغان، شۇ يىلىقى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئورتاق باھاسى تولىمۇ ياخشى بولغان.
1 (4).jpg
يۇقىرىقى سۈرەتتە : ئابدۇۋەلى ھەرەمباغ كوماندىسىغا ۋاكالەتەن توپ ئوينىماقتا (سولدىن 5- كىشى)


خېنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبى ئىقتىساد ۋە ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە بىر قەدەر كۈچلۈك كۇلۇب بولۇپ جۇڭگودىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە مۇقىم ئورىنىنى ساقلاپ كەلمەكتە، مەزكۇر كوماندىدا مىرەخمەتجاننىڭمۇ يەنە 2 يىللىق توختامى بار بولۇپ، بۇ بىر جۈپ ئەزىمىتىمىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلەيمىز !  
1.jpg

يۇقىرىقى سۈرەتتە: خېنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبىنىڭ كوللىكتىپ سۈرىتى بولۇپ ئەڭ ئۈستى سولدىن 4- كىشى ئابدۇۋەلى، 6- كىشى مىرەخمەتجان
مەنبە : چىمبۇلاق تەنتەربىيىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 21:11:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
freerunning يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 20:01
قايسى ئورۇننى ئوينايدىغاندۇ ؟

مەيداندىكى  ئورنى ھەم ئەۋزەللىكى سول كىرايدا   ئەڭ روشەن ئىپادىلىندۇ ئابدىۋەلىنىڭ ، سۈرئىتى بەك تىز ،   شنجاڭنىڭ ئۇچقۇر ئېتى .   

خىنەن ئالدىنقى پەسىل دەرىجە ساقلاپ بەك ياخشى ئىش بولغان ،  ماۋۇسى تېخىمۇ كاتتا خوش خەۋەر بوپتۇ . ئابدىۋەلىنىڭ  مىرئەخمەت بىلەن ئاساسلىق ئەزالار قاتارىغا  بىراقلا ئۆتۈپ كىتىشىنى تىلەيمەن .  

مىجەز ھەم ئىتقاد جەھەتتە  باشقىلارغا ئۈلگە بولغۇدەك بالا بۇ  .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +30 يىغىش سەۋەبى
qimbulak + 30 قوللايمەن ، پىكىرىمىز.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 19:18:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشىلىرى ئۇتۇقىلۇق بۇلىسۇن.........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 19:47:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن، مۇشتاق تىمىلارنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرۇڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 19:51:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخرىمىزنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 19:59:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي، تىخىمۇ چاخنىشىنى ئۈمۇد قىلىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 20:01:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى ئورۇننى ئوينايدىغاندۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 20:07:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخىمۇ چاقنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 21:08:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا  ئۆزىمىزنىڭ  خەۋەرلىرىنى  كۆرەك  يوللاڭلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 21:11:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇندا   ئوغلانلىرمىز  كۆپلەپ  چىقسا   بۇلاتتى  ، ئشلىرىڭ  ئوڭشلۇق  بولغاي  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 21:12:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
freerunning يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 20:01
قايسى ئورۇننى ئوينايدىغاندۇ ؟

خوتەنگە كىلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقاندا ئوڭ كىراي ئورنىدا ئوينىغان ، توپنى ئاساسەن سول پۇتىدا تىپىدىكەن ، سۈرئەت ۋە شەخسى تېخنىكىسى ئاجايىپ قالتىسكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 22:02:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئىشلىرىڭى ئوڭوشلۇق قىلسۇن قىرىندىشىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 13:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش