akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1004|ئىنكاس: 32

لوڭقا تەلۋىسى مورىنىيو (يۈكسەل)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 18:18  


تەلۋە دىگەن نام بۇ ئادەمگە بىكاغا بىرىلمىگەن. چۈنكى ئۇ چىمپىينلۇق ئۈچۈن تەلۋىلەرچە تاكتىكا تۈزىدۇ.مۇسابىقىدىن بۇرۇن ھىچكىم ئۇنىڭ تۈزگەن جەڭ تاكتىكىسىنى پەرەز قىلالمايدۇ. نەچچە كۈن ئاۋال مورىنىيۇ چىلسى كۇلۇبى ئۈچۈن بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن چىلسى كۇلۇبى مورىنىيۇنىڭ قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكى تۇنجى لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىشتى.
ئىنگىلانت پوشتا گىزىتى خەۋەر ئىلان قىلىپ بۇ پورتۇگالىيلىك تەلۋىنى  ھەل قىلغۇچ شاھى دەپ تەرىپلىدى. چۈنكى بۇ مورىنىيۇنىڭ  تىرنىرلىق ھاياتىدا11-قىتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينىشى بولۇپ،10قىتىم غەلبە قىلىپ 1 قىتىم ئۇتتۇرغان. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر پەۋقۇلاددە نەتىجە بولۇپ قالغان. يۇقارقى 11مەيدان ھەل قىلغۇچنىڭ ئىچىگە ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاتارلىق بىرلا مەيداندا چىمپىيۇنلۇق بىكىتىلىدىغان مۇسابىقىلە كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇندىن باشقا ھەرقايسى بىرلەشمىلەنىڭ ئايلانما خاراكتىرلىك بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇنداقتا ئۇ 11مەيدان مۇسابىقە قايسىلا قاراپ باقايلى.
2003-يىلى6-ئاينىڭ15-كۈنى پورتۇگالىيە بىرلەشمە لوڭقىسى                      پورتو 1-0سايلىگو        چىمپىيۇن
2003-يىلى5-ئاينىڭ21-كۈنى ياۋرۇپا ئىتىپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ             پورتو3-2كىلىتلىقلا       چىمپىيۇن
2004-يىلى5-ئاينىڭ26-كۈنى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ                      پورتو3-0موناگو           چىمپىيۇن  
2005-يىلى2-ئاينىڭ27-كۈنى ئىنگىلانت بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ      چىلسى3-2لىۋىرپول      چىمپىيۇن   
2007-يىلى 2-ئاينىڭ25-كۈنى ئىنگىلانت  بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ    چىلسى2-1ئارسىنال      چىمپىيۇن
2007-يىلى5-ئاينىڭ19-كۈنى ئىنگىلانت ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ       چىلسى1-0مانچىستىر     چىمپىيۇن
2010-يىلى 5-ئاينىڭ5-كۈنى ئىتالىيە بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ           ئىنتىر 1-0روما             چىمپىيۇن
2010-يىلى 5-ئاينىڭ22-كۈنى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق ھەل قىلغۇچ                  ئىنتىر 2-0 بەيرىن          چىمپىيۇن
2011-يىلى 4-ئاينىڭ21-كۈنى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ       مادرىت1-0بارسىلونا     چىمپىيۇن
2013-يىلى5-ئاينىڭ17-كۈنى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ        مادرىت1-2ئاتلىتكا        2-بولغان
2015-يىلى3-ئاينىڭ1-كۈنى ئىنگىلانت بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ        چىلسى2-0توتىنھام         چىمپىيۇن
يۇقارقى مۇسابىقىلەرنىڭ ئىچىدە مورىنىيۇ پەقەت بىر مەيدان يەنى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئويلىمىغان يەردىن 1-2نەتىجە بىلەن سىمونى باشچىلىقىدىكى مادرىت ئاتلىتكىغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇندىن باشقا 10مەيدان ھەل قىلغۇچتا تولۇق غەلبە قىلغان. يۇقارقى نەتىجىلىرى بىلەن بۇ ئاقباش پورتۇگالىيلىك ھەقىقەتەن لوڭقا تەلۋىسى دىگەن نامغا لايىق بولۇپ كەلمەكتە.



مورىنىيۇنىڭ ئېنگىلانىد بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشكەندىكى خۇشاللىقى
093547z48bijmh0j142526014774132.jpg
093546qiyl4d25tp1425260146648200.jpg
093546e18i04ftwq1425260146129854.jpg
093545t7a4d5pz9c1425260145703972.jpg
093544iiddo66l0l1425260144624786.jpg
093544d5a1n2jiry1425260144919932.jpg
0935452oz78afztw1425260145330356.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 17:57:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سىمۇنىغا ئۇتتۇرغان  ئۇ مەيداندا   تەلەي  ئامىلى  ئازراقلا بولۇپ كەتكەن بولسا  ،   بارسىلۇنالىقلار  گۇدىئاۋلانى  ئۇزاتقاندەك بىزمۇ  ئۇنى  ئۇزتۇپ قۇيغان بولار ئىدۇق   ھەي ... ئىشقىلىپ بىر ئارمان بولۇپ قالغان  ئۇ مەيدان .  

ھەل قىلغۇچتىكى رىكۇرتى يەنە داۋاملىشىۋەرگەن بولار ئىدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:01:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:04:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ھەلقىلغۇچ شاھى بوپ قاپتۇ،،،،، تەلۋە مورىنيۇ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:09:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس تەۋەككۈلچې   !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:10:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bughraoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 16:17  

لۆكۈچەك ئىكەنسىز ،ئىملاغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ ،72%

ماۋۇ يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ بىر تەكشۈرۈپ  بېقىڭ .
http://www.alimahat.com/?p=4501
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:16:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس  بۇ  ئادەمنىڭ  تاكتىكا  ئۇرۇنلاشتۇرىشىنى  پەرەز   قىلماق   بەك  تەسكەن   .پارىژ  ۋە    رېس  بىلەن  بولغان  مۇسابىقىدە  شۇنداق  ھېس  قىلدىم   .ھېچكىم   ئويلاپ  باقمىغان   سەپ  شەكلى  تۇزەيدىكەن   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:21:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:35:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلىتكا بىلەن بولغان شۇ مەيدان مۇسابىقە ئېنىق ئۇتۇشقا تېگىشلىك مۇسابىقە ئىدى، تەلەي كەلمىسە ئامال يوقكەن. خۇددى ئاخشامقى مۇسابىقىدە كارۋاخال ۋارتاردا تۇرغاندەك، گودىنمۇ ئىشقىلىپ بىرسى كىردىغان توپتىن بىرنى توسۇۋالغان، تۈۋرۈك سوقاشلار بولغان. رىپىرمۇ كونتىرول قىلالماي قالغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:38:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئامراق تېرنىر... تېخىمۇ قالتىس شان-شەرەپ ئۈچۈن ئالغا ئاقباش قوماندان....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:43:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دىمەمسىلەر ،  ئۇزارتىلغان باسقۇچلاردا    بولۇپ كەتكەن ھۇجۇم ، ئۆزىلنىڭ كىرىشكە تىگىشلىك توپىنى بىرسى توسىۋىلىپ   ،  ياندۇرۇپ تەپسە تۆمۈرگە تىگىپ ...دىگەندەك .  ئاتلىتكا  بىر قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن      يەنە شۇ ئاتام ئىيتقان بايىقى دىگەندەك ، نوقتا تىپىدىكى ھۇجۇمدىن بىرنىلام چىڭ تۇتۋىلىپ  لوڭقىنى ئىلىپ كەتكەن .

ھازىرغىچە مادىرىتنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ  ، ئۇتتۇرۇشلىرىغىمۇ خېلى گۇۋاھ بولۇپ ئۆتكەن بولساممۇ ،     پەقەت شۇ بىرلا مەيداندا  تەلەيدىن ئاغرىنىپ بىقىپتىمەنكەن  ئويلاپ باقسام  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:44:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان  تەلۋە  جۇمۇ   توپچىلامۇ  بەكلا  قايىلكەن  بۇنڭغا  ، مادىرىتن  كېتىپ  قالدڭدە  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش