akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1076|ئىنكاس: 23

پۇتبول مەيدانىدىكى سەنئەتكار - رونالدىنخو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anwar310 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 18:58  

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، ھەممىڭلار سالامەت تۇرىۋاتامسىلەر؟ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇنبەرگە ئىككى يىلدەك كىرمىگەن ، مانا ئەمدى مۇنبەرنى سېغىنىپ قايتىدىن كىرىپ تۇرۇپتىمەن . شۇڭا ئۆزۈمنىڭ مۇنبەرگە قايتىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىمنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىرەر تېما يېزىشنى لايىق تاپتىم. ھەم بىر بارسېلونا مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بارسېلوناغا مۇناسىۋەتلىك تېما يازاي دەپ ئويلاپ قالدىم ئۆزەمچە. ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم ، بۇ تېما ئارقىلىق ئەسلىمەكچى بولغان چولپان بولسا ئاساسەن ھەممەيلەنگە دىگۈدەك تونۇش بولغان ، چىملىقتىكى سەنئەتكار دەپ نام ئالغان رونالدىنىخو . چۈنكى بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مۇشۇ پۇتبولچى مېنى تەڭلا بارسېلونا كوماندىسىغا مەستانە قىلغان دېسەم بولىدۇ .
       تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا( 2002-يىلدىن2005-يىلغىچە ) پۇتبول دۇنياۋىي پۇتبول كوماندىسى دېسە ھەممەيلەن ئەينى چاغدىكى«يەتتە بۆرە» بار بولغان رېئال مادرىد كۇلۇبى بىلەن بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنى تىلغا ئېلىشاتتى ، شۇڭا شەخسەن مەنمۇ غايىۋىي ھالدا شۇلارغا مەستانە بولۇپ يۈرگەن . ( سەھرالىق بولغاچ ئۇ چاغلاردا قىزىقىپ توپ تەپكەن بىلەن ،تېلىۋىزوردا پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كۆرەلمەيتۇق،چۈنكى سىملىق تېلىۋىزىيە يوقتە...2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىمۇ تولۇقسىزدىكى سىنىپ مەسئۇلىمىز ئۆزى سېتىۋالغانمۇ ياكى يىغىپ ساقلىغانمۇ ئىشقىلىپ  د ۋ د پىلاستىنكىسىدا قويۇپ بەرگەندە كۆرگەن .) شۇنداق قىلىپ شەخسەن مەنمۇ شۇ ئىسمىنىلا ئاڭلىغان ئەمما كۆپىنچىسىنىڭ چىرايىنى بىلمەيدىغان «يەتتە بۆرە» بار رېئال مادرىد كوماندىسىغا غايىبانە مەستانە بولۇپ تولۇقسىزنىمۇ پۈتتۈردۇق. شۇنداق يۈرگەن كۈنلەردە تاساددىبىي پۇرسەتتە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ قالدىم(تېخى ئۇ مۇسابىقىمۇ نەخ مەيدان مۇسابىقە ئەمەس) ۋە شۇ قېتىم كۆرگەن مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى(ئۇششاق پاسلار گۇئاردىئولا دەۋرىدىكىدەك ئۇنچىۋالا جىق ئەمەس) ھەمدە بۈگۈن تونۇشتۇرۇلماقچى بولغان شەخىس رونالدىنخونىڭ توپ كونتىرول قىلىشى ۋە ئالداپ ئۆتۈشلىرى مېنى ئۆزىگە مايىل قىلىۋالدى . شۇنىڭدىن كېيىن مەن ھېلىقى غايىۋىي مەستانە بولغان رېئال مادرىدنى تاشلاپ بارسېلوناغا ئامراق بولۇپ قالدىم.تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بارا بارا پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى بىۋاستە تارقاتقاننى  كۆرەلەيدىغان بولدۇق ،شۇنداق قىلىپ بارسېلونانىڭ مۇسابىقىلىرىنىمۇ خېلى كۆپ كۆرەلەيدىغان بولدۇم. نىمە رونالدىنخونى تونۇشتۇرىمەن دەپ ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇپ كەتكەندىمەن؟!
         ئەمدى گەپنىڭ مەركىزىي ئىددىيىسى رەسمىي ھالدا رونالدىنخوغا يۆتكەلدى.
1c158b8a33b71ad177576787726e7131.jpg
         رونالدو دې ئاسسىس مورېيرا ياكى رونالدىنخو گائۇچو دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە دائىم رونالدىنخو دەپ  ئاتىلىپ كەلگەن. ئۇ 1980-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى (نورۇز بايرىمى كۈنىكەن ھە؟!) پۇتبول پادىشاھلىقى دەپ نام ئالغان دۆلەت بىرازىلىيەنىڭ پورتۇ ئالېگرى شەھرىدە دە كۈچلۈك پۇتبول ئەنئەنىسى بار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
رونالدىنخونىڭ يۇرتى
adaf2edda3cc7cd9b39e3afa3901213fb80e9165.jpg
ئۇنىڭ بىر ئاكىسى ۋە بىر ھەدىسى بار ئىدى. رونالدىنىخونىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پۇتبولغا ئوتتەك ئىشتىياقى بار بولۇپ ، ئۇنىڭ دادىسى ئىلگىرى پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى،ئاكىسىمۇ پۇتبولچى،  ئاپىسى بولسا پۇتبول مەستانىسى ئىدى، شۇڭىلاشقا رونالدىنىخومۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە ئىنتايىن كىچىك چېغىدىلا پۇتبول بىلەن ئۇچراشقانىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ھەر كۈنىدىكى ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىشى بولسا پۇتبول مەيدانىغا بېرىپ پۇتبول تېپىش ئىدى.
xin_5120406291441890642247.jpg
        تاكى ئۇ سەككىز ياشقا كىرگۈچە ئۇنىڭ كۈنلىرى ئىنتايىن خۇشال خۇرام ۋە بەخىتلىك ئۆتكەنىدى. شۇ يىلى رونالدىنخو پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار تۇرالغۇغا كۆچۈپ كەلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى بەختلىك كۈنلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان شۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇنىڭ دادىسى يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىزلا قازا قىلىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇش يۈكى ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ زىممىسىگە ئارتىلدى. تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ بەختسىزلىكتن رونالدىنخو ئاكا ئۇكىلار قانداق قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى، ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكى يوق بولغان ،كەلگۈسىنى بىر خىل قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندەك تۇيۇلغان بۇنداق شارائىتتا ، شاكىچىك رونالدىنخونىڭ ئاكىسى ئۇنى «ئويغاتتى» ھەمدە ئۇنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى . ئۇنىڭ ئاكىسى شۇ چاغلاردا گرېمىئو كۇلۇبىدا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ بولغانىدى ، شۇڭا بىر كېچىدىلا «چوڭ » بولۇپ كەتكەن شاكىچىك رونالدىنخو ئاكىسىنىڭ ئىزىنى بېسىشنى قارار قىلدى ھەم ئۆزىنىڭ خۇيىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ ، ئىلگىرىكى ئۆزىنىڭ «زېرەك»لىكىدىن پايدىلىنىپ پۇت ئاستى تېخنىكىسىغىلا تايىنىشنى تاشلاپ ، ھەربىر ئۇششاق ھالقىلارنىمۇ پىششىق مەشىق قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدى. ئەڭ دەسلەپتە ئۇنىڭ قىزىقىشى قۇملۇق پۇتبولى ۋە بەش كىشىلىك پۇتبولدىن باشلانغان بولۇپ ، كېيىنچە ئۇ بارا-بارا رەسمىي ھالدا 11 كىشىلىك پۇتبولغا يۈزلەنگەن. ئۇ تۇنجى قېتىم تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان چاغدا 13 ياش بولۇپ ، شۇ چاغدا ئۇ يەرلىكتىكى بىر كوماندىنى 23:0 يېڭىگەن مۇسابىقىدە ئۇرۇلغان 23 توپنىڭ ھەممىنى ئۆزى يالغۇز كىرگۈزگەنىدى.
5.jpg
         بىر مەيداندىلا داڭق چىقىرىش:
        1997-يىلى مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ياش-ئۆسمۈرلەر(17ياشلىقلار) لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى رونالدىنخونىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان سەھنىسىگە ئايلاندى ، ھەمدە ئۇنىڭ ئىسمى گېزىتلەرنىڭ باش بېتىگە چىقىشقا باشلىدى، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتىنى كۆرسەتتى . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇلار گانا كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيون بولدى ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە جەمئىي 7 توپ كىرگۈزگەن رونالدىنخو ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالاندى ھەمدە چىمپىيون كوماندىنىڭ(بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ) مەرگىنى بولدى. بۇ ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق «ئەڭ» ھېسابلىناتتى ھەمدە پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى نۇرغۇن «ئەڭ»لەرنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۇنى كىشىلەرگە تونۇتۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا باشلاپ بەردى. شۇنىڭدىن كىيىن رونالدىنخونى كىشىلەر رونالدودىن كىيىنكى چاقنىغان چولپان دەپ ئاتاشتى. بۇ قېتىمقى شەرەپ ئۇنىڭ دۇنيادىكى زەردار كۇلۇبلارغا قاراپ مېڭىشىغا يول ئېچىپ بەردى.

         كەسپىي پۇتبولچىلىققا قاراپ مېڭىش:
         1998-يىلىغا كەلگەندە رونالدىنخو ئۆز يۇرتىدىكى گرېمىئو كۇلۇبى بىلەن تۇنجى كەسپىي توختامىنى تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇۋەپپىقىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باستى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تېزلا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىدا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشتى.1999-يىلى6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇ بىرازىلىيە بىلەن لاتىۋىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالەتەن مەيدانغا چىقتى. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ29-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ18-كۈنىگىچە پاراگۋايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئامېرىكا لوڭقىسى»دا 6توپ كىرگۈزۈپ بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇشىغا كۈچ چىقاردى. خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەردە توختىماي كۆزنى قاماشتۇرغان بۇ «يورۇق يۇلتۇز» بارغانسېرى ياۋروپادىكى زەردار كۇلۇبلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى، ھەمدە ئۇنىڭ كۆزگە بەك چېلىقىدىغان چىشى ئۇنىڭ سىرتقى ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى   ھەمدە كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.
        ياۋروپاغا سەپەر:
       1.پارىژ سانت گېرمان
300000559649129550431895470_950.jpg
       2001-يىلىىغا كەلگەندە رونالدىنخونىڭ ياۋروپا سەپىرى رەسمىي باشلاندى. شۇ يىلى 3-ئايدا ئۇ تۆت مىليون 500مىڭ ياۋرولۇق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن فىرانسىيە زەردارى پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى بىلەن بەش يىللىق توختام تۈزدى ، ئەمما يۆتكىلىش ئىشىدا ئىككى كۇلۇپ ئوتتۇرىسىدا بەزى بىر ئىختىلاپلار كۆرۈلگەنلىكتىن رونالدىنخو بەش ئايدىن كېيىن ئاندىن رەسمىي ھالدا پارىژغا كەلدى.بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۇ ناھايىتى تېزلا پارىژ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئەڭ ئامراق ئادىمىگە ئايلاندى، ھەمدە كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس پۇتبولچى دەپ تەرىپلەندى ، ھەتتا شۇ ۋاقىتتىكى پارىژ شەھرىنىڭ باشلىقى بېرتراند دېلانومۇ ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭغا شەھەر ئوردېنى بەرگەنىدى. 2002- يىلى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن رونالدىنخو تېخمۇ پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ پارىژغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزى ئەڭ ئامراق 10-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيدى ، ھەمدە ئانچە مۇنچە كوماندا باشلىقى يەڭ بەلگىسىنىمۇ تاقاپ قوياتتى.  پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىغا كەگەندىن كېيىنكى ئىككى پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇ پارىژغا ۋاكالىتەن 65 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ جەمئىي 20 توپ كىرگۈزدى. گەرچە پارىژدا توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن ئىنتايىن ئەتىۋارلانسىمۇ ، ئەمما ئۆزىنىڭ تېخىمۇ چوڭ شەرەپكە ئىنتىلىشىنىڭ تۈرىتكىسىدە ھەم كۇلۇبنىڭ ئىقتىسادىي كىرزىسىنىڭ تەسىرىدە،كۇلۇپ بىلەن ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكتىن، 2003-يىلىغا كەلگەندە رونالدىنخو پارىژدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
رونالدىنخونىڭ پارىژدىكى ئىپادىسى:
        

پارىژ

پارىژ

2.بارسېلونا
2003-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىسپانىيە زەردارى بارسېلونا كۇلۇبى رونالدىنخونىڭ 27 مىليون ياۋرۇلۇق يۆتكىلىش باھاسى بىلەن كوماندىغا قېتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
tPQdVAmBEKhF.jpg
شۇنداقلا ئۇ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قەدەم قويدى. شۇ چاغدا ئۇ كۇلۇب رەئىسى لاپورتا بىلەن نوكامپۇ مەيدانىغا قەدەم باسقاندا كۆرۈش سۇپىسىدا 30مىڭدەك توپ مەستانىسى ئۇنى قارشى ئالدى.
300000559649129550432089031.jpg
بارسېلوناغا كەلگەندىن كېيىن رونالدىنخو خۇددى بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك كوماندىغا سىڭىپ كەتتى ، ئۇنىڭ كېلىشى «كېسەل» ھالەتتە ياتقان بارسېلوناغا قايتىدىن ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. شۇ پەسىلدە سېۋىللا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدىنخو ئۆزىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى. بارسېلوناغا كەلگەن تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدە رونالدىنخو بارسېلونانى يېتەكلەپ ئۇدا 17 مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك نەتىجىنى ياراتتى ،شۇ پەسىللىك ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسىدا ئالدىنقى ئۇچرىشىشتا ئۆز مەيدانىدا1:2  نەتىجە بىلەن رېئال مادرىدقا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ، كېيىنكى ئۇچرىشىشتا بېرنابۇدا ئالدىنقى ئۇچرىشىشتىكى 1:2 نەتىجىنى مادرىدقا قايتۇرۇپ بەردى. شۇنداق قىلىپ بارسېلونانى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە بىۋاستە كېلەر پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈردى،ھەمدە 2004-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى. ئىككىنچى يىلى يەنى 2004-2005-مۇسابىقە پەسلىدە رونالدىنخو ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى بىراقلا  پارتىلىغانىدى، ئۇچاغدا رونالدىنخو ، ئېتتو ، لارسون، گيۇلى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن كۈچلۈك ھۇجۇم سېپى بار بارسېلونا شۇ پەسىللىك دۆلەت دېربىسىدا نوكامپۇدا 3:0 ئۇتقان ۋە بېرنابۇدا 2:4 ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ،يەنىلا پەسىل باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرىغىچە ئۈزلۈكسىز ئالدىدا مېڭىپ، بەش يىلدىن بۇيان ھەممە ئىنتىزار بولغان ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى بولغان، «يەتتە بۆرە» بار رېئال مادرىد كۇلۇبىغا بوزەك بولىۋەرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى.
300000559649129550433284677_950.jpg
W020140324430928110613.jpg
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا-بارا گىگانت چولپانغا ئايلىنىشقا باشلىدى . 2005-2006-مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونا كوماندىسى بىلەن ئۇ ئالدىنقى يىلدىكى قالتىس ھالىتىنى ساقلاپ، بۇ پەسىلدىمۇ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى.  بۇ پەسىللىك بېرنابۇدىكى دۆلەت دېربىيسىدا يەنىلا شۇ داڭلىق چولپانلار يىغىلغان رېئال مادرىد كۇلۇبىغا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، ھەتتا بېرنابۇ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بارسېلونانى باشلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەپ ،پارىژدا ئوينالغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ھېنرى باشچىلىقىدىكى ئارسېنال كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن يېڭىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى ئىككىنچى لوڭقىنى كۆتۈردى. ھەمدە 2005-يىلىمۇ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ۋە ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ۋاقىتتا رونالدىنخو شەرەپ ۋە ئۆز ھالىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققانىدى. شۇنداقلا ئۇ يېڭى «يۇلتۇز» مېسسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى زور تۈرتكە بولدى.
img-17607fa6d9adb6d8e4d59b1fa0a5d0bb.jpg
22a80bb5392489bf0fd94f423c3a34d1.jpg
300000559649129550432893512_950.jpg
300000559649129550432576307_950.jpg
BbsImg140547413673668_339-512.jpg
1406083328601.jpg
2006-يىل دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئاران سەككىز كۈچلۈك ئىچىگە كىرگەن رونالدىنخو كۇلۇبقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئىپادىسىدە ئېگىز پەسلىك كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ھەمدە مېسسىنىڭ بارغانچە چاقناپ نوكامپۇ مەستانىلىرىنىڭ پەپىلىشىگە ئېرىشىشى ئۇنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى پەسىلدە بارسېلونا يەنە ئىككى قولى قۇپقۇرۇق ھالدا ھېچقانداق لوڭقىغا ئېرىشەلمىدى. 2007-2008-مۇسابىقە پەسلى رونالدىنخو ئۈچۈن «قاباھەتلىك»بىر يىل بولدى، بۇ پەسىلدە بارسېلونا ئارسېنالدىن فىرانسىيىلىك ھۇجۇمچى ھېنرىنى يۆتكەپ كەلدى، مېسسىمۇ بارغانسىرى ئاساسلىق ئورنىنى ئىگىلىدى. رونالدىنخونىڭ ئىپادىسىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى ھەمدە كەچلىك كۇلۇپلارغا بارغانلىق خەۋىرىنىڭ توختىماي چىقىشىغا ئەگىشىپ ،ئۇ سوغۇق ئورۇندۇق ۋە كۆرۈش سۇپىسىنىڭ دائىملىق ئەزاسىغا ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىدى. 2007-يىل 12- ئايدىكى دۆلەت دېربىسى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى، ئەمما ئۇ مۇسابىقىدە بارسېلونا 0:1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن رونالدىنخو ئۈزۈل-كېسىل ئېتىبارسىز قالدۇرۇلدى. 2008-يىلى 1-ئايدا بارسېلونا رونالدىنخونىڭ سول تىزىنىڭ يارىلانغانلىقىنى،خېلى كۆپ مەيدان مۇسابىقىگە چىقالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەمما 4-ئايغا كەلگەندە يالغان يارىدار ئىكەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىدى. شۇ ئىشلاردىن كېيىن بارسېلونا كۇلۇبى رونالدىنخونىڭ ساقايغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭ ئوڭ پاقالچىقىنىڭ پېيى يارىلىنىپ بۇ پەسىللىك مۇسابىقە بىلەن خوشلاشقانىدى. يىغىپ كەلسەك ،بۇ رونالدىنخونىڭ بۇ بىر يىلى ئىسراپ بولۇپ ئۆتۈپ كەتتى. 2008-يىلى يازدا ، رونالدىنخوغا بولغان سەۋىر-تاقىتى توشقان بارسېلونا كۇلۇبى ئۇنى سېتىۋېتىش قارارىغا كەلگەنىدى.  ئا س مىلەن ، چېلسى ۋە مانچىستېر شەھىرى قاتارلىق ئۈچ كۇلۇب ئۇنىڭغا قىزىقىشىنى ئىپادىلەشتى.
گەرچە مانچىستېر شەھرى ئۇنىڭغا ئىزچىل ئىپادە بىلدۈرۈپ كەلگەن، ھەتتا چىقارغان باھاسىمۇ مىلەندىن يۇقىرى بولغان بولسىمۇ ،ئەمما كۇلۇپنىڭ شان-شەرىپى ۋە نامىنىڭ ئانچە يۇقىرى بولماسلىقى سەۋەبىدىن رونالدىنخو تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا كاكا ، پاتو ، دىدا قاتارلىق يۇرتداشلىرى بار بولغان مىلەنگە قوشۇلۇشنى تاللىدى. رونالدىنخو كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ 10-نومۇرلۇق كىيىمىگە يېڭى چولپان مېسسى ۋارىسلىق قىلدى. رونالدىنخو بارسېلونادىكى مەزگىلىدە جەمئىي207 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 94توپ كىرگۈزدى.
رونالدىنخونىڭ بارسېلونادىكى ئىپادىسى:
          QQ截图20150303163513.jpg
       3.مىلەنگە سەپەر
يەرلىك ۋاقىت 2008-يىل 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ، ئىتالىيە زەردارى ئا س مىلەن كۇلۇبى بايانات ئېلان قىلىپ، مىلەن بىلەن بارسېلونانىڭ رونالدىنخونىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى، توپچىنىڭ شۇ كۈنى سالامەتلىك تەكشۇرىدىغانلىقىنى،ھەمدە توپچى بىلەن 2011-يىلى6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە توختام تۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن رونالدىنخونى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۆتكىلىش ئىشى بىر ياقلىق بولدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا يۆتكىلىش ھەققى 18مىليون 500مىڭ ياۋرو بولغانىدى.
300000559649129550475836875_950.jpg
300000559649129550476065125_950.jpg
300000559649129550476975641_950.jpg
مىلەنگە كەلگەندىن كېيىن تۇنجى پەسىلدە ئۇنىڭ ئىپادىسى بەكمۇ كۆرۈنەرلىك دېگۈدەك بولمىدى ، بۇ پەسىلدە بىرلەشمىدە 29مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ كىرگۈزدى.
2009-2010-مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە كاكانىڭ رېئال مادرىدقا يۆتكەلدى، رونالدىنخومۇ قايتىدىن پارتىلدى ،  ئۇ سېيىنا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قالپاق ئويۇنى ئويناپ ، ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان سامبا ئۇسۇلى يەنە مەستانىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى. رونالدىنخو يەنە ئىككى قېتىم يۇۋېنتۇس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككىلا قېتىم ئىككىدىن توپ ئۇردى.
U3948P6T12D4784160F44DT20100111055211.jpg
U3948P6T12D4784155F44DT20100111053846.jpg
بۇ پەسىلدە رونالدىنخو جەمئىي 13توپ كىرگۈزۈپ ۋە 14 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
2010-2011-مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىۋېتسىيە پۇتبول چولپىنى ئىبراھىموۋىچ ۋە بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى سەبدىشى روبىنخونىڭ مىلەنگە قوشۇلىشى بىلەن ، رونالدىنخونىڭ كوماندا ھۇجۇم سېپىدىكى مۇھىملىقى ئىلگىرىكىدەك بولمىدى، ھەم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىش سانىمۇ بارغانسىرى ئازلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىلەن قىشلىق يۆتكىلىش ۋاقتىدا ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى ھەم ياش بولغان كاسانونى قېتىۋېلىشى، ھەمدە قىشلىق ئارام ئېلىش ۋاقتىدا رونالدىنخونىڭ دۇبەيدىكى مەشىققە ئۆز مەيلىچە كەلمەسلىكى باش تېرىنىر ئاللىرگىلىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن يەنى 2010-يىلى 12- ئايدا تاراتقۇلار ئۇنىڭ مىلەندىن ئايرىلىپ ،بىرازىلىيەگە قايتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا باشلىدى.  
         بىرازىلىيەگە قايتىش
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى  30 ياشلىق رونالدىنخو بىرازىلىيەنىڭ رىئودى ژانىرودا مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ ، ئۆزىنىڭ مىلەن كۇلۇبى بىلەن بىرلىككە كېلىپ بولغانلىقىنى ، بۇنىڭدىن كېيىن بىرازىلىيەگە قايتىپ توپ تېپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،ھەمدە 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بىرزىلىيەنىڭ فلامىگو كۇلۇبىغا قېتىلدى.

بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۇ توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشىپ ، قالتىس ئىپادىسى بىلەن مەستانىلەرگە جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى ، ھەمدە 2014- يىلى دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيەگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئالتىنچى قېتىم لوڭقا كۆتۈرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.   بۇ كۇلۇبقا كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىپادىسى راستىنلا قالتىس بولۇپ كەتتى. سانتوس كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قالپاق ئويۇنى ئويناپ ، 0:3 ئارقىدا قالغان شارائىتتا ئوڭۇشلۇق ھالدا نەتىجىنى تەتۈر ئۆرۈپ غەلبە قىلدى. رونالدىنخو بۇ كوماندىنى باشلاپ ئۇدا 14 مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك يېڭى رىكورتنى ياراتتى . ھەمدە گۇئانابارا لوڭقىسى ، رىئودى ژانېرو لوڭقىسى ۋە رىئودى ژانېرو بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقى قاتارلىق ئۈچ چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
مىنېيرو ئاتلىتكاغا قېتىلىش
2012-يىلى 6-ئايدا رونالدىنخو فلامىنگودىن ئايرىلىپ مىنېيرو ئاتلىكىغا قېتىلدى ،ھەمدە ئۆزى ئامراق 10- نومۇرلۇق كىيىمنى كىيمەي ، يېقىندا ئوپىراتسىيە قىلىنغان ئاپىسىنىڭ تۇغۇلغان يىلى يەنى 1949-يىلنى خاتىرلەش ئۈچۈن 49- نومۇرنى تاللىدى.  

بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولدى ، قىسقىغىنە 6ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ،رونالدىنخو مىنېيرو ئاتلىتكىغا ۋاكالىتەن 31 مەيدان مۇسابىقىدە 9توپ ئۇرۇپ ۋە 11قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ، بىرازىلىيە بىرلەشمىسىدە ئاران 15- ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ كوماندىنى يېتەكلەپ خېلى كۆپ زەردارلارنى بېسىپ ئۆتۈپ ، بىرلەشمىنىڭ ئىككىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە كېلەر پەسىللىك جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى 12-ئايدا رونالدىنخو بىرازىلىيە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2013-يىلى مېنېيرو ئاتلىتكا كوماندىسى رونالدىنخونىڭ يېتەكچىلىكىدە جەنۇبىي ئامېرىكا ئازاتلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئوڭۇشلۇق ھالدا نەتىجىنى تەتۈر ئۆرۈپ ، نۇقتا توپ جېڭىدە ھوندۇراسنىڭ ئولىمپىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ،كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن رونالدىنخو ياۋروپا ئۇزگۇنلۇق لوڭقىسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن يەتتىنچى توپچى بولۇپ قالدى.



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
رىپىر + 50 قوللاش!
باشئەگىم + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 16:52:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مەيداندا 23 توپ ئۇرغانلىقىنى ئەمدى ئاڭلىدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-3 16:57:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anwar310 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 19:02  

ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسى ھاياتىنى يازماقچى ئىدىم ، ئۇنىڭغا بۈگۈن ۋاقتىم يار بەرمەيدىغاندەك تۇرىدۇ ، ئەتىگىچە ۋاقىت چىقىرىپ توقۇقلاپ قويىمەن ، شۇڭا ھازىرچە مۇشۇنى باھالاپ تۇرارسىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 17:13:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل توپچى ئىدى  بۇ   ،   مەن ئامراق توپچىنىڭ بىرسى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 17:25:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسسىل  تېما بوپتۇ ، قولىڭىزغا دەرت بەمىسۇن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 17:31:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپنى بەك   ئ‍ىسىل  ئ‍وينايتى   كاساپەت      كىچىلىك   كۇلۇپقا   قاتىراپ  ئ‍ۈزىنى  ئ‍ۈزى تۈگەشتەدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 17:36:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىگە ئۆزى قىلىپ قويغان بالا دە بۇ ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 17:42:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بۇ توڭكاينىڭ بالىلىقتىكى ئارزۇسى پۇتبول رېپپىرى بولۇش ئىدى، كېيىن ئۇ تەبئىيلا پۇتبول تەنھەرىكەتچىسىگە ئايلىنىپ قالغانىكەن. ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىلىرىگە پۇشتەك چالىدىغانلىقىنى بىلىدىكەنمەن.
تېما ياخشى يېزىلىپتۇ.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 17:42:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول تارىخىدا  ياخشى توپچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدىدە ، توپنى ياخشى ئوينايدۇ ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:02:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پۇتبولغا قىزىقىپ ئ‍ىككىنجى بۇلۇپ تۇنىغان پۇتبولچى،،،، بىرىنچىسى تاشقى پىلانىت ئ‍ادىمى رونالدو،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:12:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىگە ئۆزى قىلدى بۇ توڭكاي لىكىن توپ ئېلىپ مىڭىشىزە بۇنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-3 18:49:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مەيداندا 23توپ ئۇرۇش ئاسان گەپ  ئەمەس جۇمۇ ،،،ھەي باللا مۇشۇ ئىبرايىم نوچىنىڭ تەرجىمالى بار تىما بارمۇ يۇقمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:36

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش