ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4041 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىلگىرى مەنمۇ مۇنبەرداشلار ئالبومى ئىشلەيمەن دەپ نۇرغۇن تورداشلارنىڭ رەسىمىنى ۋە ئارخىپىنى يىغقان، پىرېمىر ئارقىلىق خېلى كۆپ بالىلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى ئىشلەپ چىققانىدىم، كېيىن خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ۋە بەزى تېخنىكىلىق مەسىللەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىش بىر مەزگىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىپ، كېيىن قارىسام ماڭا ماتىرياللىرىنى ئەۋەتىپ بەرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇنبەردىن ئايرىلىپ، نۇرغۇنلىرى مۇنبەرگە كىرمەس بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قىلۋاتقان ئۇ ئىش بەكمۇ قول تۇتىدىغان ۋە كۆپ ۋاقىت كېتىدىغان ئىش بولغاچقا داۋامىنى ئىشلەپ بولالماي تاشلاپ قويغان. ئىشلەپ بولغان بىر قىسىم فىلىم ھۆججەتلىرى ۋە ئىشلەنمەي تاشلىنىپ قالغان نۇرغۇن تورداشلارنىڭ رەسىم ۋە ماتىرياللىرى كومپىيۇتېرىمدا ھازىرغىچە ساقلاقلىق تۇرۇپتۇ. بەلكىم ئاشۇ ماتىرياللارنى رىۋايەت ئىنىمگە ئەۋەتىپ بەرسەم قىسمەن پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن، پات ئارىدا ئەۋەتىپ بېرەي. |
|