ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 456 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bughraoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-3 13:57
مەنبەنى ئەسكەرتكىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ ،لېكىن ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن ،تەھرىرلەپ قويۇڭ .
‹‹ كىرىستىيانۇ نوقتا توپقا ئېرىشكەندىن كىيىن ئاندىن چىرايى ئىچىلدى›› كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى پورتۇگالىيەلىك ھۇجۇمچىغا مۇشۇنداق باھا بەردى، كىرىستىيانۇ ئۆزى ئېرىشكەن نوقتا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزگەندىن باشقا بىرەر توپ كىرگۈزەلمەي ،نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى ، مۇسابىقىدىن كىيىن نوقتا توپ قىزىق نوختا بولۇپ قالدى .
كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا كىرىستىيانۇ نىڭ ئېرىشكەن نوقتا توپ پۇرسىتى ،مىسسى خىلىلا كۆپ بولغان .كىرىستىيانۇ 2009 -يىلى مادرىدقا قوشۇلغاندىن كىيىن جەمئىي 48 نوقتا توپ ئۇرغان ، ھەر مۇسابىقە پەسلىگە 8دىن توغرا كەلگەن، بۇ پەسىل 25 ئايلانمىغىچە 10 نوقتا توپ ئۇرغان.
رونالدو مادرىدقا قوشۇلغاندىن بۇيان مىسسى 30 نوقتا توپ ئۇرغان بولۇپ رونالدودىن 18 كەم بولغان. بۇ پەسىل بارسېلونا پەقەت 3 نوقتا توپقا ئېرىشكەن، مىسسىنىڭ بارسېلوناغا قۇشۇلغىنىغا 11 يىل بولدى ، بۇ جەرياندا مىسسىنىڭ ئۇرغىنى 38 نوختا توپ بولۇپ 6 يىللىق رونالدودىن 10 توپ كەم .
ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مەرگەنلەر قاتارىدا مىسسى 269 توپ ئۇرۇپ ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ ، كىرىستىيانۇنىڭ بولسا 207 توپ بولۇپ ، ئەگەر نوقتا توپنى چىقىرىۋەتكەندە ( ماۋۇ گەپنى مەن دېمىدىم ، كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى دەپتۇ ) مىسسىنىڭ توپى 235 ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ بولسا 163 توپ بولىدىكەن ، مىسسىنىڭ ئومۇمىي توپىدا نوقتا توپ %12.6 نى ، كىرىستىيانۇ رونالدونىڭ بولسا %21.2 نى ئىگىلەيدىكەن .
كىرىستىيانۇ ئاللىقاچان نوقتا توپ شاھى بولۇپ قالدى ، تارىختىكى نوقتا توپنى ئەڭ جىق ئۇرغىنى توتى بولۇپ 96 نوقتا توپقا ئېرىشىپ 78نى كىرگۈزگەن، رونالدو بولسا 91 نوقتا توپقا ئېرىشىپ 79 نى ئۇرۇپ كىرگۈزگەن. كىرىستىيانو رونالدو بولسا ئەمدىلا 30 ياشقا كىردى ، بەلكىم بۇنىڭدىن كىيىن باشقا توپچىلار يېتىشەلمىگۇدەك بىرەر نەتىجە قالدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
مەنبە: 直播首页>足球新闻> |
|