akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1284|ئىنكاس: 39

مانچىستىر شەھرى ئالتۇن ئۆسمۈرنى قوشۇۋالماقچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تىڭشۈن تورى خەۋرى .
21554.jpg
0000.jpg
كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بىرلەشمىدىكى چىمپىيونلىقتىن يىراقلىشىش ۋە ئالدىنقى ھەپتە ئۇزغۇنلىقتىكى كونا رەقىبى بارسىلوناغا ئۆز مەيدانىدا 2-1 نەتىجە بىلەن يېڭلگەندىن كىيىن  كۆك ھىلال ئاي قوشۇنى  يازلىق بازاردا قايتىدىن  قان تولۇقلاش ئۈچۈن يېڭى نىشان ئىزدىگەن . ئۇلارنىڭ بىرىنچى نىشانى بولسا خانلىق مادىرىد ئوتتۇرا مەيدان يادىروسى ئسپانىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىنستانىڭ ئىز باسارى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ياۋرۇپا ئالتۇن ئۆسمۈرى ئىسكو ئىكەن . ئىسكو ئىسپانىيە مالاگا كوماندىسىدىن يېتىشىپ چىققان بولۇپ پۇت ئاستى ماھارىتى ۋە ئالداپ ئۆتۈش ماھارىتى ناھايىتى قالتىس . ئالدى بەل ۋە ئوڭ ھۇجۇم قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھۆددىسىدىن تامامان چىقالايدۇ . مالاگادىكى ۋاقتىدا ئۇستازى ھازىرقى مانچىستىر شەھرى كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى پىلەرگىنىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى ئاستىدا بۇ ئىسپانىيلىك تالانت ئىگىسى 2011-2012- يىللىق مۇسابىقە  پەسلىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ماھىر بولۇپ قالغان  . 2012- يىلى مىلەن يۇلتۇزى كىچىك پىرئەۋىن دەپ نام ئالغان ئەل شاراۋىنى يېىڭپ شۇ يىللىق ياۋرۇپا ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشىكەن ھەمدە  شۇ يىلى نۇرغۇن زەردارلارنىڭ كۆزى چۈشكەن بۇ ئالتۇن ئۆسمۈر ئاخىرى 27 مىلىيون ياۋرولۇق باھا بىلەن  سامان يولى جەڭ كېمىسىگە قوشۇلغان . 2013-2014 مۇسابىقە پەسلىدە ئىسكو 38 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 8 توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ رىقابەت كەسكىن بولغان مادىرىد كوماندسىدا بىر مەزگىل سوغۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ . بۇ يىلقى مۇسابىقە پەسلىدە ياردارلارنىڭ كۆپيىشى سەۋەپلىك ئۆزىگە كەلكەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئىسكو 39 قېتىم ئاساسلىق ئەزا سۈپۈتىدە مەيدانغا چىقىپ 6 توپ كىرگۈزۈپ 12 ياردەمچى پاس بېرىپ ئۆزىنىڭ ئالتۇن ئۆسمۈر دىگەن نامغا لايىق ئىكەنلىكىنى  يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ مادرىد ئوتتۇرا مەيدان يادىروسىغا ئايلىنىدۇ .
مانچىستىر شەھرى باش مەشقاۋۇلى پىلەرگىنى بىلەن ئىسكونىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ ئىسكو بۇ كونا ئۇستازىنى ئۆز دادىسىدەكلا بەك ھۆرمەتلەيدۇ .  2013- يىلى پىلەرگىنى مانچىستىر شەھرىگە يۆتكەلگەندىن كىيىن شۇ يىلى ئىسكونى كوماندغا يۆتكەپ كىلىشكە تەييارلانغان بولسىمۇ بىر قەدەم كەينىدە قېلىپ خان مادىرتقا تاتقۇزۇپ قويغان . بۇ قېتىم مانچىستىر شەھرى ئۇستاز شاگىرىتلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ئىسكونى يۆتكەشكە تەييارلانغان . پىلەرگىنىنىڭ قارىشىچە يايا تورى ۋە ئىسكودىن تەشكىل تاپقان ئوتتۇرا مەيدان ناھايىتى مۇكەممەللىككە ئىگە بولىدىكەن . پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مالىيەدە ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن مانچىستىر شەھرى  ئىسكوغا ئېرشىش ئۈچۈن  بىر ماھىرنى سېتىپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ قېتىمقى كوماندىدىن تازلىندىغان توپچى فىرانسىيەلىك توپچى ناسىرى ئىكەن .  . . ئىتالىيە يۇۋېنتىس كۇلۇبى ناسىرىنى قوشۇۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ پوگىبانىڭ كېتىش خەۋىرىنىڭ توختىماي چىقىشى بىلەن كۇلۇپ تەرەپ ناسىرىنى سېتىۋېلىش سودىسىغا پوگىبانى قېتىشنى خالايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپتۇ . . .
02548.jpg
02416.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-2 23:15:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكونى بەرمەيمىز، بازا كۆرۈپ باقسۇن ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-2 23:19:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكونى كۆزلەپتىما ؟ بۇ خۇددى يۇقۇرى بىسىملىق توكقا چاقچاق قىلغانلىق مادىرىتنىڭ ئاچچىقى كەلسە شەھىرى مانچىستىرنىڭ ھەممە ئادىمىنى سىتۋالدۇ تازا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-2 23:22:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئېسكو ئالدىراپ مادرىتتىن ئايرىلماسلىقى مۇمكىن ئۇنىڭ مادرىتتىكى ئورنىمۇ ھازىر ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالدى دىيىشكە بۇلىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-2 23:24:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسكونى  ساتمايمىز  قەتتىيلا..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-2 23:25:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىرشەھرى ئىسكو بىلەن ناۋاسنى ئوڭ- سول ئىككى يان تەرەپ ھۇجۇمغا ئىشلەتسە بەك ياخشى بولتى دەپ خىيال قىلىپ قالدىم ئۆزەمچە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-2 23:35:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكو سىتىلسابۇلمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-2 23:35:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكو شەھەرگە ،
ناسىرى تاغىلئاتلارغا،
پوگبا ئالەم كوماندىسىغا ،
ئالتۇنچىشلىق غالجىر شەھەرگە ..........................بارغۇدەكمىش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-2 23:42:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيەدىن باشقا يەلىك بولسا سېتىلىشى مۇمكىنتى لىكىن يەرلىك توپچىلارنى مادرىت ئاسانلىقچە ساتمايدۇ دەپ ئويلايمە(ئۈزەمچە)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-2 23:42:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكونى شەلىكلىرىمىز سېتىۋالسا قەتئىي بولمايدۇ، ۋانگالغا ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللاپ “بوگبانى تېزرەك سېتىۋال ” دېسەم بولغۇدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-2 23:43:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ناسىرى بۇرۇن بەك ياخشى ئوينايتى، ھازىر بەك ئىغىر بوپ قاپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-2 23:44:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 23:25
مانچىستىرشەھرى ئىسكو بىلەن ناۋاسنى ئوڭ- سول ئىككى يان  ...

ھەر قانچە بولسىمۇ ۋارتارنى ھۇجۇم ئويناتمايدىغانسىز......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 02:49

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش