ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
خامىس رودىرىگىز بېرنابۇنىڭ ھەشەمەتلىك كۈرۈش سۇپىسىدا كولومبىيە زوڭتۇڭى بىلەن بىرگە مۇسابىقە كۆردى
بۈگۈن ئەتىگەن خانلىق مادرىد كوماندىسى بېرنابۇ مەيداندا سېرىق رەڭلىك سۇ ئاستى قوشۇنى بىلەن 1-1نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. خامىس رودىرىگىز كۈرەش سۇپىسىدا كولومبىيە زۇڭتۇڭى سانتوس بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرۈپ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گەرچە خانلىق مادرىد كوماندىسى رونالدونىڭ بىر نۇقتا توپ ئۇرشى بىلەن دەسلىپىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ ئاخىردا تەڭلىشىپ قېلىپ ئىككى نومۇردىن قۇرۇق قالدى.لېكىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ،بېرنابۇ مەيدانىڭ ھەشەمەتلىك كۈرۈش سۇپىسى ئاخباراتچىلارنىڭ كامىراسىنى توغورلايدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، كولومبىيە زۇڭتۇڭى سانتوس بۇ قېتىم 34-نۆۋەتلىك خەلقئارا ھۈنەر-سەنئەت كۆرگەزمىسىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقىلى كەلگەن بولۇپ ، شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كولومبىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ يېڭى ئۈمىدى خامىس رودىرىگىز بىلەن بىرگە بۇ مەيدان مۇسابىقىنى بىللە كۆرگەن. پۇتبولچىلارنىڭ بۇنداق شەرەپكە نائىل بولۇشى ئاز ئۇچرايدۇ.
كارۋاخال :بارىسېلونامۇ نۇمۇر كەتكۈزۈدۇ، بىرلەشمە ئۇنچە ئاسان ئەمەس
خانلىق مادرىد كوماندىسى بۇ قېتىم تەڭلەشكەندىن كىيىن ، كارۋاخال كوماندا كاپىتانى كاسىيلاس نىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىنى ماختىدى ھەم بىرلەشمىنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كارۋاخال ئىپادە بىلدۈرۈپ: بۈگۈن كاسىيلاس ئىنتايىن قالتىس بىر مەيدان مۇسابىقىنى تاماملىدى. ئۇ قارشى تەرەپنىڭ نۇرغۇن قېتىم تەپكەن خەتەرلىك توپلىرىنى تۇسۇۋالدى. ئىشقىلىپ ئۇ تۇسۇۋېلىشقا تېگىشلىك توپلارنىڭ ھەممىنى توسۇپ قالدى.
مۇخبىر ئۇنىڭدىن بىرلەشمىدە بارىسېلونا كوماندىسى بىلەن بولغان نومۇر پەرقىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلىگەنلىكىگە قارىتا ئەنسىرەمسىز دەپ سورىغاندا، كارۋاخال :بىز ئەنسىرمەيمىز،چۈنكى بۈگۈن سېرىق رەڭلىك قوشۇننىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى.بارسېلونا كوماندىسىمۇ نەچچە قېتىم نومۇر كەتكۈزدى، ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ھېچكىم بىرلەشمىنى ئۇنچە ئاددىي دەپ ئويلىمايدۇ.بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ مۇسابىقىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ،ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ نومۇرنى تۇلۇق ئېلىشنى ئويلايمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا كارۋاخال ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ھازىرقى سەۋىيەسىگە قارىتا: ناھايىتى ئېنىقكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ سەۋىيەسى باشقا بىرلەشمىگە قارىغاندا ئەڭ يۇقىرى ھەم بۇيەرنىڭ پۇتبول سەۋىيەسىمۇ بەك يۇقىرى دېدى. |
|