ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1085 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۆگىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-2 12:26
ئېنگىلاد بىرلەشمىسى 27- ئايلانمىسىدا ئارسىنال ئۆز مەيدانىدا ئېۋىرتوننى كۈتىۋالدى .
مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىلى تەرەپ ھۇجۇمنى باشلىدى ، 39- مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ئارسىنالغا بۇلۇڭ توپ پۇرسىتى كەلدى ، ئۆزىل توپ تاشلىدى جىرۇ تىپىپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى .
كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ مۇسابىقە تىخىمۇ كەسكىنلەشتى ، ئاخىرلىشىشقا ئازلا قالغاندا يەنە شۇ ئۆزىل پاس بىرىپ روسىتىسكىي (Rositskiy)كىرگۈزۈپ غەلبىنى مۇقۇمدىدى .
ئارسىنال بۇ غەلبىسى بىلەن بىرلەشمىدە 3-لىك ئورنىغا چىقتى ، ھەمدە 2- ئورۇندىكى مانچېستىر شەھىرى بىلەن بولغان پەرىق 4 نۇمۇرغا كىچىكلىدى .
ئېنگىلاد بىرلەشمىسى 27- ئايلانمىسىنىڭ يەنە بىر قىززىق نۇقتىلىق مۇسابىقىسى مانچېستىر شەھىرى بىلەن لېۋېرپول ئوتتۇرسىدا ئوينالدى .
لېۋىرپول 2-1 مانچېستىر شەھىرى
مۇسابىقە باشلىنىپ 11- مىنۇتقا قەدەم قويغاندا لېۋىرپول مۇداپىيەچىسى ھېندىرسۇن 18 مىتىر يىراقلىقتىن ۋارتارغا تەپتى ، توپ ۋارتار لىمىغا تىگىپ ۋارتارغا كىرىپ كەتتى . 2 مىنۇت ئۆتۈپ ئاگۈيرۇ ئوتتۇر مەيداندىن پاسنى قۇبۇل قىلىپ ۋاراتار بىلەن يەكمۇ يەك قالغان ئەھۋال ئاستىدا تۈۋرۈككە تىگىپ قايتتى . مۇسابىقە 25- مىنۇتقا كەلگەندە ئاگۈيرۇ 3 مۇداپىيەچىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۇزۇن پاس پەردى جىكو يەكمۇ يەك ھالەتتە توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى ، ئالدىنقى مەيدان ئاياقلاشتى .
كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ لېۋىرپول ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ مانچېستىر شەھىرىنى مۇداپىيەدە ئويناشقا مەجبۇرلىدى . مۇسابىقە كەسكىنلىشىپ 75- مىنۇتقا كەلگەندە كۇۋتىنو چەكلەنگەن رايون ئەتراپىدىن ۋارتارغا تەپتى ، توپ كىردى ، بۇ توپ بىرىنچى كىرگەن توپ بىلەن ئوخشىشىپ كىتەتتى .
لېۋىرپولنىڭ بۇ غەلبىسىدىن كىيىن 48 نۇمۇر بىلەن 4- ئورۇنغا چىقتى ، شەھەر بۇ مەغلۇبىيىتى بىلەن چېمپىيۇنلۇقتىن بىر ئاز يىراقلاشتى .
ئارسىنال بىلەن لېۋىرپولنىڭ مۇسابىقە سىن فىلىمى
http://uzfifa.net/xabar/74319 |
|