ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 454 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bughraoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-1 20:59
پۇتبول مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىمغا ئىككى يىلچە بولۇپ قاپتۇ ،ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش نىيىتىدە بىرە تېما يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ پۇتبولغا ئائىت بىلىملىرىم مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن يېزىپ بولالمىدىم .بۈگۈن ئۈزۈمنىڭ ئاز تولا تەكلىپ پىكىرلىرىنى مۇنبەرداشلارغا ئەكەلدىم .بەزى تەكلىپلەر سەل ئارتۇقچە كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ بەزى تەكلىپلەر ھەقىقەتەن پايدىلىنىشقا، ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن ئۆزۈمچە.
1.ئىملا مەسىلىسى
ھەممىمىز بىلىمىز ئۇيغۇر يېزىقىدا ئويلىغاننى ،تىلىمىزدىن چىققاننى تولۇق يېزىپ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ .مۇشۇ سەۋەب يېزىقىمىز بىرئاز ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ ئىملا ئىشىغا كەلگەندە بەزى ئاۋارىچىلىكلەرنى ئىلىپ كەلدى .ئەڭ يارقىن ئىپادىلىنىشى ئىزدەش ماتورى ،ئاددىي مىسال :
سىز تېما يازماقچى ماۋزۇسى ‹.....بارسېلونا.....›،ئىملا خاتالىقى تۈپەيلى ‹.....بارسلونا....›دەپ يېزىپ قويدىڭىز ،سىز مەيلى Googleياكى ئۆزىمىزنىڭ http://web.izda.com/ تور بېتىگە بولسۇن ‹بارسېلونا › دەپ تولۇق ئۇيغۇرچە يازسىڭىز تېمىڭىز تېپىلمايدۇ ياكى ئەڭ ئاخىرقى بەتلەرگە چۆكۈپ كېتىدۇ .بۇ بىر ئاددىي مىسال شۇڭا تىل-يېزىقىمىز كىرىزىسقا يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىملانى توغرا يېزىش ،ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى
ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش يۇمشاق دېتالى ،2014 يىلنىڭ ئاخىرىدا ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى)نى ئېلان قىلدى .
دېتال توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى شۇنداقلا چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشقا كىرىڭ.
http://www.alimahat.com/?p=4246.
بۇ ھەممە ئۇيغۇرنىڭ كومپيۇتېرىدا بولۇشقا تېگىشلىك يۇمشاق دېتال ،بۇ دېتالنىڭ مۇكەممەل ،تورسىز مۇھىتتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان پۇللۇق نۇسخىسى بار، ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە تۆھپىكار ئالىملىرىمىزغا بولغان رەھمىتىڭىز يۈزسىدىن بىرنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەگەر بۇ يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشتە ئاۋارىچىلىككە يولۇقسىڭىز ماۋۇ ئادرېستىن ۋاقىتلىق پايدىلىنىڭ:
http://imla.uyghurdev.net/
بۇ تور بەت شەكىلدىكى نۇسخا بولۇپ ھەرقانداق تورغا چىقىدىغان كومپيۇتېردا نورمال ئىشلەيدۇ ،خېلى بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ كېيىنچە يېڭىلىنىشى بولمىغان شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ.
باشقۇرغۇچىلار تېمىنى تەستىقلاشتىن ئىلگىرى مۇشۇ كوررېكتورلارنى ئىشلىتىپ تەھرىرلەپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ،باشقۇرغۇچىلارنى خىزمىتى پەقەت قاماقخانىنى باشقۇرۇشتلا بولۇپ قالمىسۇن.
2. ئىسىم ۋە ئاتالغۇ مەسىلىسى
مۇنبىرىمىزدە ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى ،
قائىدە جەھەتتىن ھەرقانداق ئاتالغۇ ۋە ئىسىملارنى باشقا مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئىشلەتكەندە ئەسلى تىلدىكى تەلەپپۇزنى ئاساس قىلىدۇ ،لېكىن ھەممە تىلدا مۇكەممەل ئۆز ئەسلىدىكىدەك ئىپادىلەپ كەتكىلى بولمايدۇ ،خۇددى خەنزۇ يولداشلار ‹ق،غ› نى تەلەپپۇز قىلىپ يازالمىغاندەك.
xavi:شاۋى مۇ خاۋى مۇ ؟
van Gaal:ۋانگال مۇ ياكى ۋانجال مۇ؟
يۇقىرىقى ئىككىسى مىسالغا ئېلىندى، بۇنداق سوئاللار نۇرغۇن ئەلۋەتتە.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى
‹1›ئالدى بىلەن سىنلىق خەۋەر ۋە جەۋھەرلىرىدىن ئەسلى تىلدىكى(ئەسلى تىلنى تاپقىلى بولمىسا ئىنگلىزچىدىن پايدىلانساق بولىدۇ) چۈشەندۈرۈشتىن ئاڭلاپ شۇ ئىسىم ياكى ئاتالغۇنى بىۋاسىتە يازساق مېنىڭچە خاتالاشمايمىز .
‹2›مۇنبەردىكى خەۋەرلەر 90%نى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنىدۇ ،شۇڭا خەنزۇچە ئىسىمدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىشتىن ساقلانساق،يولداشلار گەرچە ‹ر،گ› دېگەن ھەرپلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلىرى بولسىمۇ ‹ر› نى ‹ل› دەپ ،‹گ›نى ‹ج ›دەپ ئىپادىلەيدۇ ،مىسال :‹رونالدو›نى ‹罗纳尔多لونائېردۇ›، ‹گالاتا ساراي›نى ‹加拉塔萨雷جالاتاسالىي› .شۇڭا ئامال بار مۇشۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلساق ھازىر نۇرغۇن ئىسىملار ئومۇملىشىپ مۇقىملىشىپ بولدى لېكىن يېڭى تەنھەرىكەتچى ۋە كۇلۇبلارنىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىشتە باشتىلا توغرىسىنى بەلگىلىۋالساق كىيىنكى كۈنلۈكتە ياخشى بولاتتى.
‹3› دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىر قېرىندىشىمىز قوللانمىدىن بىرنى تۈزۈپتىكەن ،مەن كۆرۈپ بەك ياقتۇرغان ئىدىم .
ئاتالغۇ مەسىلىسىگىمۇ بىر قوللانما تۈزسەك دەپ ئويلايمەن .بارسېلونا ،مادرىد دېگەن سۆزلەرنى كوررېكتوردىن ئىزدىسەك ھەقىقەتەن سۆزلۈك ئامبىرىدا بار ئىكەن يەنى خاتا يېزىۋالسىڭىز ئاپتوماتىك توغرىلىيالايسىز ،لېكىن باشقا نۇرغۇن سۆزلەر ئۇنداق ئەمەس .شۇڭا ئاۋۋال كۇلۇبلارنىڭ بىر بېكىتىلگەن ئىسىملىرىنى ئىنگلىزچە ،خەنزۇچە ۋە بېكىتىلگەن ئۇيغۇرچە بويىچە رەتلەپ سۆزلۈك ئامبار (لۇغەت) تۈزسەك ئاندىن ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ۋە باشقا ئېرپان شىركىتىگە ئوخشاش لۇغەت ۋە كوررېكتور تۈزۈۋاتقان كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ،لۇغەت ھەم كوررېكتورلارغا كىرگۈزسەك ياخشى بولاتتى بەلكى بۇ چوڭ ئىش بىر ئىككى ئادەم ئاسانلىقچە تۈگىتەلمەسلىكى مۇمكىن ،شۇنداقتىمۇ بىرلەشمە بويىچە كۇلۇبلارنى ئاندىن كۇلۇبلار بويىچە تەنھەرىكەتچىلەرنى رەتلىسەك مېنىڭچە تەس ئىش ئەمەس.
3. تېما كۆچۈرۈش
تېما يېزىپ باققان كىشىلەر بىلىدۇ ،بۇ بىر ئاسان ئىش ئەمەس نۇرغۇن زېھىن ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان ئىش .شۇنداق چىرايلىق رەتلەپ يېزىپ قويغان تېمىڭىز ئوغرىلىنىپ باشقا تور بەتلەردە يۈرسە ئىچىڭىز ھەقىقەتەن ئاچچىق بولىدۇ .ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز كۆچۈرۈش بىر ئوغرىلىق .بەزىلەر ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن دەپ يوللايدۇ ،بەزىلەر ياخشى تېما ئىكەن بىزنىمۇ كۆرسۇن دەپ يوللايدۇ ،لېكىن ھېچقايسى ئەسلى تېما ئاپتورنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلاشمايدۇ .
تېما كۆچۈرۈشكە قانداق پوزىتسىيە تۇتىمىز ؟
ھەل قىلىشى ئۇسۇلى
1.تولۇق كۆچۈرۈشكە بولىدىغان تېمىلار :
بىر نەچچە كۈن ئالدىدا مەن ‹30 ئوغۇل لوڭقىسى كارخانىچىلار پۇتبول مۇسابىقىسى› ناملىق بىر تېما يوللىدىم (كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم )، مەنبە ناھايىتى ئېنىقكى پۇتبول خەۋەرلىرىنى يوللايدىغان تور بەت ئەمەس ،پۇتبول مۇنبىرى ئەمەس بەلكى بىر مەركەز(شىركەت) نىڭ سالونى ،دېمەك بۇ خىلدىكى تېمىلارنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا كۆچۈرسە بولىدۇ دەپ قارايمەن .يەنە ئىلىپ ئېيتساق ھەرەمباغ شىركىتى ئۆز تور بېتىدە ياكى سالونىدا ئۇيغۇر پۇتبولغا ياكى ئۆز شىركىتىنىڭ پۇتبولغا مەبلەغ سېلىشقا دائىر خەۋەرنى ئېلان قىلسا ئۇنىمۇ مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۆچۈرسە بولىدۇ (مىسال ئۈچۈن ئىلىندى).
بۇ خىلدىكى تېمىلارنى يازغۇچى توربەتلەر مەخسۇس پۇتبول خەۋەرلىرىنى يوللاپ شۇ ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتقانلار ئەمەس يەنى نۇر تورى ياكى 11 ئادەم تورى ئەمەس .بۇ خىلدىكى تور بەت ياكى شىركەت-كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ پۇتبول توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنى تارقىتىش ئارقىلىق ئۆز خېرىدارلىرىنى كۆپەيتىدۇ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىدۇ ،شۇڭا مەنبەنى كۆچۈرۈپ ئەسكەرتسەك شۇ شىركەتكىمۇ مۇنبىرىمىزگىمۇ پايدىسى بار ئەلۋەتتە .
يەنە بىرىگە ئاپتور ‹كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلسە بولىدۇ› دەپ ئەسكەرتكەن ياكى ئاپتوردىن رۇخسەت ئېلىنغان بولسا تامامەن كۆچۈرۈلسە بولىدۇ ،شەرتى مەنبەنى ھەم ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئەسكەرتىش لازىم.
2. يېرىم كۆچۈرلىدىغان تېمىلار:
ماۋزۇسى تولۇق كۆچۈرۈلسە بولىدۇ ،‹كۆچۈرۈلگەن ›دەپ ئەسكەرتسە تېخى ياخشى ،
مىسال:
تېما ماۋزۇسى :شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىدىكى يېڭى ئەزالار
تېما مەزمۇنى :تور ئويناۋېتىپ تۆۋەندىكىدەك خەۋەر كۆرۈپ قالدىم ،يەنى
2015-يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلىنىشقا يەنە بىر ئايغىچە ۋاقىت بار بولۇپ ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ كوماندا ئەزالىرىنى رەتلەش ، يېڭى ئەزا ئېلىشتەك ئىشلىرى بىرقۇر تۈگەپمۇ قالدى ، بۇ يېڭى ئەزالار ئىچىدە بىزنىڭ ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى شىنجاڭلىق يەرلىك پۇتبولچىلار بىلەن بىرگە چەتئەللىك توپچىلاردۇر ، بۇ قېتىملىق تىزىملىكتە 28 ئەزا بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 3 چەتئەللىك توپچى ، 9شىنجاڭلىق توپچى بار ............(تەپسىلاتى ئەسلى مەنبەدە)
تېمىنى تولۇق كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ تولۇق كۆرۈڭ ،مەنبە :ھۇررا مۇنبىرى
http://www.urraclub.com/forum.php?mod=viewthread&tid=107
مەنچە ھەرقانداق‹ كۆچۈرمىسەم قەتئىي بولمايتتى ›دەپ ئويلىغان تېمىنى مۇشۇ خىل شەكىلدە يۆتكەپ كەلسەك تامامەن بولىدۇ .يەنى تېما مەزمۇنىنى تولۇق ئەسكەرتمەي بىر قىسمىنى ياكى تەخمىنەن مەزمۇنىنى يېزىپ تولۇق كۆرۈش ئۈچۈن ئەسلى مەنبەنى تور بەت ئادرېسى بىلەن قېتىپ يېزىش .
3.كۆچۈرۈشكە بولمايدىغان تېمىلار:
ئاپتور رۇخسەت قىلمىغان ھەرقانداق تېما.
نۇر تورى ،ئوكيان تورىغا ئوخشاش پۇلغا خەۋەر تەرجىمە قىلغۇزۇپ ۋە شۇ ئارقىلىق كىرىم قىلىۋاتقان تور بېكەتلەردىكى تېمىلار.
پۇتبول مۇنبىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ ئىلگىرىلەۋاتقان باشقا پۇتبولغا ئائىت مۇنبەرلەردىكى ئىجادىي تېمىلار (ئوخشاش بىر ئادەم ئىككى تور بەتتە ئېلان قىلغان بولسا ئەسكەرتىش بەرسە بولىدۇ) ،مىسال :11ئادەم ،ھۇررا مۇنبىرى.
بەزىلەر خەۋەرنىڭ پاتېنتى يوق دەپ قارايدۇ( يەنى كۆچۈرۈلسە بولىدۇ ،كىم باشتا ئېلان قىلىۋالسا شۇ مېدىيانىڭ ئىناۋىتى ئۆسىدۇ دەپ قارايدۇ )لېكىن بۇ خىل قاراش بىزنىڭ ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىمىزگە مۇناسىپ ئەمەس ،نۇر تورى 50 سوم خەجلەپ بىر خەۋەر تەرجىمە قىلدۇرسا سىز ئۇنى كۆچۈرۈپ باشقا يەرگە ئىشلىتىۋالسىڭىز ،ئەسلىدىكى نور تورىدىن كۆرۈشكە تېگىشلىك ئابۇنىت سىزنىڭ تور بېتىڭىزدىن كۆرۈپ بولۇپ نۇر تورىغا كىرمىسە ،ئۇ چاغدا نۇر تورى خەجلىگەن ئاۋۇ 50 سومنى سىز ئوغرىلىغان بولامسىز قانداق .
كۆچۈرۈشمۇ بىر ئوغرىلىق كىچىككىنە گۇناھ بولسىمۇ ئۆزىڭىزگە يۈكلىۋالماي دېسىڭىز ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇڭ.
يۇقىرىقىلار مىنىڭ ئويلىرىم خالاس ،پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ ئويلىغان بولساڭلار ھەممىمىز مۇشۇنداق پايدىلانساق ،مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار بولسا مۇنازىرە قېلىپ باقساق دېگەن ئۈمىدتە .
ئاخىرىدا مۇنبىرىمىز ئۈچۈن ،ئۇيغۇر تىل يېزىقى ئۈچۈن كۈچ قوشۇۋاتقان ھەربىر تۆھپىكارغا رەھمەت ،ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|