elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1100|ئىنكاس: 17

پوتبول دۇنياسىدىكى 10 چوڭ پاجىئە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

موسكىۋا پاجىئەسى

1982-يىلى10-ئاينىڭ 20-كۈنى سوۋىت روسسىيەسىنىڭ موسكىۋا لېنىن تەنتەربىيە مەيدانىدا  موسكىۋا بارداك كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى خارلىم كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ياۋرۇپا ئازغۇنلۇق  لوڭقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى،10مىڭ نەپەر تاماشىبىن بىر كۈرۈش سۇپىسىدا مۇسابىقە كۆردى، خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىخەتەرلك مەسلىىسى تۈپەيلى پەقەت ۋە پەقەت بىرلا چىقىش كىرىش ئېغىزى قالدۇرۇلۇپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسنى ئىتىۋەتكەنىلىكتىن ساھىپخان كوماندا موسكىۋا بارداك كوماندىسىنىڭ قايتا قايتا توپ ئۇرۇشى نەتىجىسىدە خارلىم مەستانىلىرى مەيداندىن ئايرىلدى،شۇ جەرياندا  قارشى تەرەپ مەستانىلىرى ئۆز ئارا تۇقۇنۇشۇپ قېلىپ،دەسسلىش  بىلەن 340 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

mmm.jpg

پىرو پاجىئەسى

1964-يىلى5-ئاينىڭ24-كۈنى پىرو دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا جەنۇبى ئامىكا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى ئارگىنتىنا بىلەن پىرو ئوتتۇرسىدا ئوينالدى،مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا 2 مىنۇت قالغان ۋاقىتتا پىرونىڭ ئۇرغان بىر توپى رىپىر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلۋىتىلگەنلىكتىن پىرو كوماندىسى ئارگىنتىنا تەرپىدىن شاللىنىپ كەتتى،ئەمما ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەي پىرونىڭ مەستانىلىرى قارشى تەرەپ مەستانىلىرى بىلەن قاتتىق تۇقۇنۇشۇپ ئاخىردا 318 ئادەم ئۈلۈپ كەتتى،500دىن ئارتۇق ئادەم يارلاندى.

A20331C_5.jpg

ۋولسىنبۇرۇگ پاجىئەسى

1989-يىلى4-ئاينىڭ15-كۈنى كۈنى ۋولسۇنبۇرىگتا، نوتىڭھام ئورمان بۈرىسى بىلەن لىۋىرپول كوماندىسى  ياۋرۇپا ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇچراشتى،3-4-نۇمۇرلۇق كۈرۈش سۈپىسى تۈشۈپ قالغان بولسىمۇ مەستانىلەرنىڭ مۇسابىقىنى ئېنىق كۈرۈشى ئۈچۈن كىرىشگە يول قۇيۇلدى،شۇنداق قىلىپ3-4 نۇمۇرلۇق كۈرۈش سۈپىسى خۇددى ۋاقىتلىق بومبىغا ئوخشاش پارتىلاشنى ساقلاپ تۇراتتى،دەل شۇ پەيىتتەئالدىنقى قاتاردا تۇرغان بىر لىۋرپولنىڭ قان مەستانىسى نوتتىڭھام مەستانىسى بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قېلىپ چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كىتىپ 2 تەرەپ مەستانىلىرى قانلىق تۇقۇنىشتى،نەتىجىدە 96 نەپەر مەستانە جېنىدىن ئايرىلدى،1000دىن ئارتوق ئادەم يارلاندى.

aaaa.jpg

بىرادىفورد پاجىئەسى

1985-يىلى5-ئاينىڭ11-كۈنى بىرادىفوت كوماندىسى بىلەن ئېنگىلاد س دەرجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇن كوماندىسى بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى،مۇسابىقە جەريانىدا مەستانىلەر تاشلىغان تاماكا قالدۇقى ياغاچ ئورۇندۇققا تۇتۇشۇپ كەتكەنلىك تۈپەيلى  قالايمىقانچىلىق پەيدا بۇلۇپ 56 ئادەم ئۈلۈپ،265 ئادەم ئېغىر يارلاندى. بۇ ئېنگىلاد تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك پۇتبول مەيدانىدىكى قانلىق ۋەقە بۇلۇپ قالدى.

001cc43562f814b8377809.jpg

جوھانىسبوروگ پاجىئەسى

2001-يىلى4-ئاينىڭ16-كۈنى جوھانىسبوروگنىڭ ئېللىس مەيدانىدا جەنۇبى ئافرىقا بىرلەشمىسىنىڭ  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينالدى،مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھايانكەشلەر 70مىڭ كىشلىك بىلەتنى 120مىڭ كىشلككە  ئۆزگەرتكەنلىكتىن مۇسابىقە مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى70 مىڭ ئادەم ئورۇندۇقىسز يەنى ئۆرە تۇرۇپ مۇسابىقە كۆدى،مۇسابىقە جەريانىدا ساھىپخان كوماندا توپ ئۇرغانلىق خەۋىرى ئاڭلىتىلغاندىن كىيىن مەستانىلەر پاتپاراق بۇلۇپ دەسسلىش ۋەقەسى يۈز بىرىپ 47 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى،160دىن ئارتوق تاماشىبىن ئېغىر يارلاندى،4-ئاينىڭ16-كۈنى جەنۇبى ئافرىقا پۇتبولچىلىقىغا نىسپەتەن زۇلمەتلىك بىر كۈن دىيىشكە بۇلدۇ.

2009040119323409.jpg

ھايسىل پاجىئەسى

1989-يىلى5-ئاينىڭ7-كۈنى ۋېلشىنىڭ ھايسىلدىكى دىساستار تەنتەربىيە مەيدانىدا ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى لىۋرپول بىلەن يۇۋىنتىس ئوتتۇرسىدا ئوينالدى،لىۋپول مەستانىلىرنىڭ 5- قېتىملىق لوڭقا كۈتۈرۈش ئارزۇسى يوققا چىقتى،ئەكىسچە ئېنگىلادقا قايتىدىغان ۋاقتىدا ھەر ئىككى تەرەپ  مەستانىلىرى قاتتىق تۇتۇشۇپ كەتتى،نەتىجىدە 38 نەپەر ئىتالىيەلىك،بىر نەپەر ۋېلشىلىق توپ مەستانىلىرى قازا قىلدى.

u=933001264,403376789&fm=21&gp=0.jpg

ئىتالىيە ئايرۇپىلان پاجىئەسى

1949-يىلى 5-ئاينىڭ4-كۈنى ئىتالىيەنىڭ بىر ئايرۇپىلانى پورتىگالىيەدىن قايتىش يولىدا سۇپىجا تېغىغا سۇقۇپ كەتتى،ئايرۇپىلاندا ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 19 نەپەر توپچىسى بۇلۇپ ھەممىسى بۇ ۋەقەدە قازا تاپتى،كىيىن ئىتالىيە دۆلىتى  بۇلار ئۈچۈن قەھرىمانلىق ئابىدىسى تىكلىدى

d01373f082025aaf02b50316f9edab64024f1a63.jpg

زامبىيە ئايرۇپلان پاجىئەسى

1993-يىلى 4-ئاينىڭ27-كۈنى زامبىيە پۇتبول كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىش ئۈچۈن ئايرۇپىلان بىلەن سىنگالغا قاراپ يولغا چىقتى،كىم بىلسۇن ئۇلار قايتىپ كىلەلمەيدىغىنىنى ..؟ئايرۇپىلان ناچار ھاۋاراينىڭ تەسىرىدە ھادىسىگە يۇلۇقۇپ 18 نەپەر زامبىيە توپچىنسىنىڭ ھەممىسى قازا تاپتى،توپچىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكىنىڭ يېشى 18 ياش بۇلۇپ،ئايرۇپىلان ھادىسىسى شۇ قېتىملىق تۈپەيلى زامبىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى.

Img392204576.jpg

مانچىستىر ئايرۇپىلان پاجىئەسى

1958-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ، ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى  يۈگىسىلاۋىيە بىلگىرىد قىزىل يۇلتۇز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشىپ 4:5 ئۇمۇمىي نەتىجە بىلەن ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا كىردى . ئېنگلانىد پۇتبولچىلارنىڭ بىرلەشمىسنىڭ مانچىستىرنىڭ شۇ ھەپتىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقە ۋاقتىنى تەڭشەپ بىرىشكە قۇشۇلماسلىقى سەۋەبلىك مانچىستىر كوماندىسى دەرھال ئېنگلانىدقا قايتىشقا مەجبۇر بولدى ، قايتىش سەپىرىدە مىيۇنخىن شەھىرىگە كەلگەندە ئايرۇپىلاندا مەسلە كۈرۈلۈپ ئايروپىلان پاچاقلىنىپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئايروپىلاندىكى 44 كىشىنىڭ ئىچىدە 23 قازا تاپىتى ، بۇ 23 كىشىنىڭ ئىچىدە 8 نەپەر مانچىستىر توپچىسىمۇ بار ئىدى ،

U10014P6DT20150206092205.png

سالى گۈمۈرلۈش ھادىسىسى

2001-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېراننىڭ شەرقى قسمىدىكى سالى شەھىرىدە پۇتبول مايدانىدىكى كۈرۈش سۈپىسى گۈمۈرلۈپ كەتكەنلىك تۈپەيلى 15 ئادەم قازا قىلدى،100دىن ئۇشۇق ئادەم يارلاندى،ئېران ئاگىنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئەينى ۋاقىتتكى مۇسابىقىدە 20 مىڭ نەپەر توپ مەستانىسى مۇسابىقە كۈرىۋاتقان بۇلۇپ،گۈمۈرلۈش ھادىسىسى ناھايىتى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەنلىكتىن ھەمدە كۈرۈرمەنلەرنىڭ كۆپلىكى تۈپەيلى قۇتقۇزۇش خىزمىتى كىچىكىپ كەتكەن،ۋەقەنىڭ سەۋەبى مەستانىلەرنىڭ مەيدانغا ئوت قۇيۇپ ئەسەبىيلىك قىلغانلىقى تۈپەيلى گۈمۈرلۈش ھادىسىسى پەيدا بولغانمىش.....

1_1-1-23-275_2002101415944.jpg
A20331C_4.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
بوغدا + 100 ئىسىل تىما!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-1 15:02:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى ياخشى تېما بوپتۇ.
سەمىمىي تەكلىپ: ئىملا خاتالىقىنى ئامال بار تۈزەتسەك،باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ بولۇپ تەستىقلىسەڭلارمۇ بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-1 15:45:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلقى لىۋىرپولنىڭ 96ئادىمى ئۆلۈپ كوماندىغا گېربىغا ئىككى مەشئەل كىرگۈزۈشكە سەۋەپ بولغىنى قايسى ۋەقە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-1 15:51:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئىتالىيە   بىلەن زامبىيەنىڭ توپچىلىرىنىڭ ۋەقەسى  ھەجەپمۇ بىر  كىلىشمەسلىك  بۇلۇپ قاپتۇ  ھە  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-1 15:52:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسىردىكى پاجىئە كىرگۇزۇلمەپتۇدە ، ئىسىل بىر تىما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-1 16:25:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  چىقىپتۇ          ،ھە   راس  سىز   ھەر    ئ‍ككىلى   مۇنبەرگە   تەڭلا    يوللامسز      تىرويا        تىروي     ۈ   سىز   شۇما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-1 16:44:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىچىنىشلىق  ۋەقەلەر...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-1 16:54:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايروپىلان پاچىئەسىگە  بەك ئېچىندىم ھەممىدىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-1 17:07:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول دۇنياسى يەنىلا بىزدەك مەستانىلەر بىلەن گۈزەل، شۇڭا مەستانىلەر ئۇچرىغان پاجىئە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-1 17:18:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ساندىكى ۋەقەلەرنى مەن بىلمەيدىكەنمەن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-1 17:53:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق خەۋەر ، دەسسىلىش ۋەقەسىنى مەن تېلۋېزوردا كۆرگەن ، ئادەم بەك كۆپكەن ، ساقچىلارمۇ ئامال قىلالماي قاپتىكەن ،   ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە بىر توپچى ھايات  قاپتىكەن بۇ قايسى ۋەقە بولغۇيتتىكى ، شۇ ۋەقەدە  توپچىلار مۇسابىقىنى تۈگۈتۈپ ئايرۇپىلاندا قايتقان ، تۇيۇقسىز ئايرۇپىلان سىلكىنىپ چۈشۈپ كەتكەن ، ھەمدە بىرلا توپچى ھايات قالغان ، لىكىن ئۇمۇ يارلىنىپ پۇتبول مەيدانىغا قايتىپ كىلەلمىگەن ، ئۇ ماھىر باشقا سەپداشلىرىنى ئويلاپ بەكلا ئازابلانغان .  بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-1 18:58:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 15:02
بۇ ناھايتى ياخشى تېما بوپتۇ.
سەمىمىي تەكلىپ: ئىملا خاتا ...

كۈپۈنچە ئەزالار شۇنداق دەيدۇ، تىمىنى تەستىقلىماي تۇرۇپ تەھرىرلىگىلى بولمايتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش