ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7111 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-1 19:16
تۈنۈگۈن ئوينالغان ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 25-ئايلانمىسىدا گېرانادا ئۆز مەيدانىدا بارسېلوناغا 3-1نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى،بۇ مەيدان مۇسابىقىدە داڭلىق چولپان مېسسى بىر توپ ئۇردى. شۇنىڭ بىلەن بارسېلونانىڭ رەت تەرتىپتىكى نومۇرى بىر مەيدان ئارتۇق ئوينىغان ئەھۋالدا بىرىنچى ئورۇندىكى رىئال مادرىدتىن بىر نومۇر كەينىدە قالدى. مېسسىنىڭ كىرگۈزگەن توپى 27گە يېتىپ رونالدوغا يېتىشىدىغانغا يەنە ئىككى توپ قالدى.
بۇ مېسسىنىڭ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە قارشى تەرەپ مەيدانىدا 75-قېتىم توپ كىرگۈزۈشى بولۇپ ،ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك مۇسابىقىسى تارىخىدا مېھمان مەيداندا ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان رائولنىڭ رىكۇرتى بىلەن تەڭلەشتى.
2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان مېسسىنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولماقتا، بۇ ئىككى ئاي ئىچىدە بىرلەشمە مۇسابىقىدە 12توپ ئۇرۇپ بولدى،يېڭى يىل كىرىپ رىئال جەمئىيەت كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇ مادرىد رىقابەت، لاكىرۇنىيە ،ئىۋار،ۋىللارېئال، بىلبائو ئاتلىتىكا، لىۋانىت كوماندىلىرى بىلەن بولغان 6مەيدان مۇسابىقىدە 12توپ ئۇردى،ئىككى قېتىم قالپاق ئويۇنى ئوينىدى. ئوخشاش مەزگىل ئىچىدە رونالدو يارىدار بولۇپ ساقايغاندىن كېيىنمۇ ھالىتى ياخشى بولمىدى،بۇ جەرياندا رونالدو ۋالىنسىيە ،ئىلچى، گېتاف كوماندىلىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىلەردە 4توپ ئۇردى.
تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى تەھلىل قىلغاندا مېسسى جەمئى 15توپ ئۇردى،بۇنىڭدىن باشقا 10قېتىم تۆھپە پاس بەردى. ئوخشاش مەزگىلدا نىيمار 10توپ ئۇرۇپ بىر قېتىم تۆھپە پاس بەردى. سۇئارىز 7توپ ئۇرۇپ 3قېتىم تۆھپە پاس بەردى. رونالدو بولسا 6توپ ئۇرۇپ 3قېتىم تۆھپە پاس بەردى. بۇ مەيدان مۇسابىقە مېسسىنىڭ بارسېلونا ھاياتىدىكى 461-مەيدان مۇسابىقە بولۇپ بۇ جەرياندا جەمئى 392توپ ئۇرغان.
مېسسى يەنە بۇ مەيدان كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ تارىختا بىرىنچى بولۇپ بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى ئۇدا 6مۇسابىقە پەسلىدە كىرگۈزگەن توپى 27دىن ئاشقان توپچىغا ئايلاندى.
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مېسسىنىڭ بارسېلونا ئۈچۈن كىرگۈزگەن توپى 38گە يەتكەن بولۇپ ،ئۇدا 7مۇسابىقە پەسلىدە كىرگۈزگەن توپى ئەڭ ئاز بولغاندا 38بولغان.
ئىسپانىيە دۆلەت دىربىيسى باشلىنىشتىن بۇرۇن مېسسى ئۈچ سەپتىكى جەڭدە 2015-يىلى 14مەيدان مۇسابىقىدە 15 توپ ئۇرۇپ رىئال مادرىد ‹‹ ب ب س گۇرۇپپىسى›› نىڭ جەمئى ئۇرغان توپىدىن ئېشىپ كەتتى.
2015-يىلى كىرگەندىن ھازىرغىچە بولغان مۇسابىقىلەردە مېسسى پەقەت 4مەيدان مۇسابىقىدە توپ ئۇرالمىدى،ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا رىئال جەمئىيەت، مالاگا بىلەن بولغان بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى، مادرىد ئاتلىتىكابىلەن بولغان شاھلىق لوڭقىسى 2-ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ۋە شەھەر بىلەن بولغان ئۇزغۇنلۇق تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىلىرىدۇر.
2015-يىلى مېسسىنىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ھەر 80مىنۇتقا بىردىن توپ توغرا كەلگەن، رونالدونىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى بولسا 2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىپ ھەر 138مىنۇتقا بىردىن توپ توغرا كەلگەن، بېنزىمانىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ھەر 197مىنۇتقا بىردىن توپ توغرا كەلگەن ،بىلنىڭ بولسا ھەر 353مىنۇتقا بىردىن توپ توغرا كەلگەن. ‹‹ ب ب س گۇرۇپپىسى›› نىڭ يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان كىرگۈزگەن جەمئى توپى پەقەتلا 14 بولۇپ بىر مېسسىنىڭ كىرگۈزگەن 15توپىدىنمۇ ئاز بولغان. |
|