ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 112 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kapsizbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-1 02:20
ئەسسلامۇ ئەلەيكوم .……
ۋانجال بۇ يىل مانچىستىر بىرلەشمىسىنى يىتەكلەۋاتقاندىن بۇيان 26 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە،14 مەيدان ئۇتۇق ، 8 مەيدان تەڭلىشش ، 5 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن بىرلەشمىدە ۋاقتىنچە ئۈچىنجى ئورۇندا تۇرماقتا ، بۇ مۇسابىقىلەردە مانچىستىر بىرلەشمىسى جەمئىي 46 توپ كىرگۈزۈپ 26 توپ كەتكۈزدى . بۇ نەتىجە يىللاردىن بىرى ئىنگلاد بىرلەشمىسىنى بوي سۇندۇرۇپ كىلىۋاتقان مانچىستىر بىرلەشمىسىگە نىسپەتەن ياخشى نەتىجە ئەمەس . بۇ يىل ۋانجال دىمارىيا ، فالكاۋ قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنى قوشىۋىلىپ ھۇجۇم سىپىنى كۈچەيىتكەن بولسىمۇ ، ۋان پىرىسنىڭ يشىنىڭ چوڭىيپ قلىشى ، فالكاۋنىڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى ، دىمارىيانىڭ پەسىل بىشىدا ئىپادىسى ياخشى بولغان بولسىمۇ ھازىرقى ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلى كۆزلىگەن نىشانىغا يىتەلمىدى . ۋانجال بۇ توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ ، 60 مىلىيۇن ياۋرۇ چىقىرىپ لەيۋەندۇرۇسكى ھەم گىرمانىيە بۆرە قەلئەسىدىكى دىبۇلاڭنىينى قوشۇۋالماقچى ئىكەنلىكنى بىلدۈردى . فالكاۋغا ئاخىرقى پۇرسەت بەرگەنلىكنى ھەمدە فالكاۋنىڭمۇ تىرىشىۋاتقانىلىقنىمۇ يەنىلام ياخشى بولمىسا ۋاز كىچىدىغانلىقنى بىلدۈردى . بۇلتۇر يازلىق يۆتكىلىش بازىردا دورتمونىد كۇلۇبىدىن ھەقسىز يۆتكەلگەن كەلگەندىن بۇيان بايرىندا بىرلەشمە مۇسابىقىدە 21 مەيدان مۇسابىقىدە 11 توپ ئۇزغۇنلۇقتا ئىككى توپ كىگۈزدى ، ھەمدە بايرىننىڭ ھازىرقى تاكتىكىسغا ماس كەلمەسلىكى سەۋەبىدىن ،كۇلوب يۇقىرى قاتلىمى لەيۋەندۇرۇسكىنى ساتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىنىق ئىپادە بىلدۈردى ، ھازىرقى بازار باھاسى 30 مىليۇن ئەتراپىدا بولىشى مۆمكىن . دىبۇلاڭنىي ھەرقايسى مۇسابىقىلەردە 16 ياردەمچى پاس چىقارغان بولۇپ ، بايرىننى 4-1 يەڭگەن مۇسابىقىدىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولغان ئىپادىسى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلغان ، بۇ توپچىىنىڭمۇ باھاسى 30 مىليۇن ئەتراپىدا بولىشى مۆمكىن . |
|