ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4437 |
تۆھپىسى: سەر |
|
كۆك قۇشۇن ،ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ پاكىز كوماندا
ئەنگىلىيە تاراتقۇسى بولغان ‹‹كۈندىلىك پوچتا گىزىتى›› يېقىندا ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئوينالغان 26مەيدان مۇسابىقىدە ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانىنى تەپسىلى خۇلاسىلاپ چىققان. ئادەمنى ئەجەپلەندۈردىغىنى شۇكى تاراتقۇلارنىڭ نەزىردىكى قۇپال ھەركىتى كۆپ دەپ قارالغان چېلسى كوماندىسى 26مەيدان مۇسابىقىدە 28دانە سېرىق كارتا جازاسىغا ئۇچىرغان بۇلۇپ ،بۇ سان ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى بارلىق كوماندىلار ئىچىدە ئەڭ ئاز سېرىق كارتىغا ئىرىشكەن كوماندا بۇلۇپ ، پاكىزلىق دەرىجىسى جەھەتتە 1-ئۇرۇندا تۇردى. توپ كىرگۈزەلمىگەنسىرى توپچىلىرىنىڭ پۇتى قىمىرلاپ قالدىغان ئارسىنال كوماندىسى جەمئى 46دانە سېرىق كارتىغا ئىرشىپ ، قائىدىگە ئەڭ كۆپ خىلاپلىق قىلىپ سېرىق كارتا ئىستىمال قىلىش جەھەتتە پۈتۈن ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 2-ئۇرۇندا تۇردى. قارا مۈشۈك ساندىرلاند 55سېرىق كارتىغا ئېرشىپ ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ قۇپال كوماندا بۇلۇپ 1-ئۇرنغا تىزىلدى.
چېلسى كوماندىسىدىكى كوستا لېۋىرپول بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ 3مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەندى، يەنە بىر ئوتتورا مەيدان توپچىسى ئوخشاشلا مۇسابىقىدىن چەكلەندى.شۇنىڭ بىلەن كىشلەرنىڭ نەزىردە چېلسى توپچىلىرى بەك قۇپال، توپ مەيدانىدىكى قۇپاللىق مۇرىنھو يىتەكلىگەن چېلسىنىڭ بەلگىسى بۇلۇپ قالدى دىگەن قاراشلار مەيدانغا چىققان ئىدى.
مانا ئەمدى ‹‹كۈندىلىك پوچتا گىزىتى›› ئېلان قىلغان خۇلاسىدە چېلسى كوماندىسى 26مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت 28 دانە سېرىق كارتىغا ئىرشىپ ،ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى بارلىق كوماندىلار ئىچىدە ئەڭ ئاز سېرىق كارتىغا ئىرىشكەن كوماندا بۇلۇپ ،كىشلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. سېلىق سىپايە كۈرنىدىغان ۋېنگىرنىڭ قۇشۇنىمۇ بۇ قېتىم چېلسى ئالدىدا ئاشكارلىنپ قالدى. ساندىرلاند كوماندىسى ئىسمى-جىسمىغا لايىق مۈشۈك بۇلۇپ چىقتى.
ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىىدىكى كوماندىلارنىڭ 26مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانى:
1.ساندىرلانىد كوماندىسى: ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانى-55دانە
2.ئارسىنال كوماندىسى :ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانى-46دانە
3.ئايال پادىشاھ باغچا:ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانى-45دانە
4.مانچېستىر شەھرى:ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانى-44دانە
5.سىتوك شەھرى:ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانى-43 دانە
6.مانچېستىر بىرلەشمىسى:ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانى-42دانە
9.لىۋىرپول كوماندىسى :ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانى-39دانە
10.ئېۋىرتون كوماندىسى:ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانى-38دانە
11.توتىنھام :ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانى-38دانە
17.جەنۇبى ئامپىتون:ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانى-33دانە
20.چېلسى كوماندىسى:ئىرىشكەن سېرىق كارتا سانى-28دانە |
|