akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1126|ئىنكاس: 41

گۇل خورىزى ۋە پامپاس بۈركۈتىنىڭ كەلگۈسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئازىغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 21:07  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!



79f0f736afc37931b4e98af9e9c4b74542a91158.jpg aa18972bd40735fab4eef5699c510fb30e2408c7.jpg








ئەڭ ئاۋۋال گۇلۋا توخۇسى ۋە پامپاس بۈركۈتىگە ئېنىقلىما بېرىۋىتەي. پامپاس بۈركۈتى- بۇ بولسا ئارگىنتىنانىڭ پامپاس يايلىقىدىكى بىر بۈركۈتنىڭ نامى بولۇپ، ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
گۇل خورىزى- گۇلۋا توخۇسى بولسا فىرانسىيەدىكى تارىخى ئۇزۇن قۇش بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ دۆلەت قۇشى.







    ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك مەن ھازىر سىلەر بىلەن ئۆزكۆزقارىشىم (2018- يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى ۋە باشقا خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە قىززىق نوقتا بولىدىغان كوماندا) نى ئورتاقلىشىپ ئۆتەي دىدىم. مېنىڭ نەزىرىمدە 2018-يىلىدىكى قىززىق نوقتا بولىدىغان كوماندىلار بولسا: گىرمانىيە، فىرانسىيە، ئارگىنتىنا، بىرازىلىيە، بىلگىيە، ئىتالىيە، ئەنگىلىيە. چۈنكى يۇقارقى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېگە بولغان ياش، ئىستىقباللىق توپچىلار كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. بىز بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ئاساسەن 25ياش ئەتراپىدىكى ياش توپچىلاردىن تەركىپ تاپقان گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق ۋە كۆپلىگەن ياش توپچىلار ۋە بىرنەچچە يىتەكچىلىك، قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان تەجرىبىلىك توپچىلاردىن تەشكىل تاپقان كوماندىنىڭ كۈچىنىڭ زور بولىدىغانلىقىغا (مۇتلەق شۇنداق دېگەنلىك ئەمەس) تېخىمۇ ئىشەندۇق. شۇڭا مەن ھازىر گېرمانىيەدىن قالسا ئىستىقباللىق توپچىلىرى بىرقەدەر كۆپ يىتىشىپ چىقىۋاتقان ئىككى كوماندىنى، يەنى ئارگىنتىنا كوماندىسى ۋە فىرانسىيە كوماندىسىدىكى 90- يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان ئىستىقباللىق توپچىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.








فىرانسىيە





1. ۋارانىي


63d0f703918fa0ece59a6e1a259759ee3d6ddb4c.jpg


ئىسمى :ۋارانىي
ئېنگىلىزچە ئىسمى : Varane
دۆلەت تەۋەلىكى :فىرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى :   1993 -يىل 4- ئاينىڭ 25 -كۈنى
بوي-ئىگىزلىكى: 191cm
ئېغىرلىقى : 85kg
كۇلۈبى: رېئال مادىرىت كۇلۇبى
مەيداندىكى ئورنى:  ئوتتۇر بېك ،ئارقا بەل

ئالاھىدىلىكى:
بويى ئىگىز، بوشلۇقتىكى توپنى بىرتەرەپ قىلشى ياخشى، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس. توپ كۈرەش (铲球) تىخنىكىسى يۇقىرى.




2. پوگبا


b999a9014c086e066712a99500087bf40bd1cbb2.jpg




ئىسمى:  پائۇل پوگبا
ئېنگىلىزچە ئىسمى: Paul Pogba
دۆلەت تەۋەلىكى: فىرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1993- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى
بوي ئېگىزلىكى:  186cm  
ئېغىرلىقى: 73kg
كۇلۇبى:  يۇۋىنتۇس
مەيداندىكى ئورنى: ئارقابەل، ئوتتۇرا


ئالاھىدىلىكى:  ياخشى بولغان پۇتئاستى تىخنىكىسىغا ئىگە، ئۇنىڭدىن باشقا باشتوپ، يىراقتىن ئۇرۇلغان توپ ۋە توپ تالىشىش قاتارلىقلاردا كۆزگە كۆرۈنگەن.



3. گرېزمەن


a686c9177f3e6709a3e1212b39c79f3df9dc5504.jpg


ئىسمى :  گرېزمەن
ئېنگىلىزچە ئىسمى: Antoine Griezmann
دۆلەت تەۋەلىكى:  فىرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى:  1991- يىلى  3-ئاينىڭ 21- كۈنى  ( نورۇز كۈنىكەن)
بوي ئېگىزلىكى: 176CM
ئېغىرلىقى: 70KG
كۇلۇبى: ئاتلىتكو مادرىد
مەيداندىكى ئورنى: نەشتەر ھۇجۇم، سول ھۇجۇم


ئالا ھىدىلىكى:
ئىنتايىن تېتىك، چاققان، پۇرسەت تۇتۇشى ياخشى ئۇنىڭدىن باشقا قارشىلىق كۈچى (对抗力) كۈچلۈك.



4. زۇما


U10321P6T12D6808914F44DT20130930124439.jpg


ئىسمى: زۇما
ئېنگىلىزچە ئىسمى: Kurt Zouma
دۆلەت تەۋەلىكى: فىرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1994- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى
بوي ئېگىزلىكى: 187cm
ئېغىرلىقى: 79kg
كۇلۇبى: چېلسى
مەيداندىكى ئورنى: بېك


ئالاھىدىلىكى:  
بېكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بار








ئارگېنتىنا




1. روخو


cdbf6c81800a19d85e92797531fa828ba61e4629.jpg


ئىسمى: روخو
ئېنگىلىزچە ئىسمى: Marcos Rojo
دۆلەت تەۋەلىكى: ئارگېنتىنا
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1990- يىلى 3- ئاينىڭ 20-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى: 187cm
ئېغىرلىقى: 80.0KG
كۇلۇبى: مانچېستىر بىرلەشمىسى
مەيداندىكى ئورنى: بېك


ئالاھىدىلىكى: بىك بولىشىغا قارىماي توپ ھەيدەش تىخنىكىسى يۇقىرى، سۈرئىتى تىز، پۇتئاستى تىخنىكىسى يۇقىرى.




2. گىيوۋاننى سىمونى

(ئاتلىتكونىڭ مەشقاۋۇلى سىمونىنىڭ ئوغلى)


10318801631530889168.jpg




ئىسمى: گىيوۋاننى سىمونى
ئېنگىلىزچە ئىسمى: Giovanni Simeone
دۆلەت تەۋەلىكى: ئارگېنتىنا
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1995- يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى
بوي ئېگىزلىكى: 183cm
ئېغىرلىقى:  79kg
كۇلۇبى: ئارگېنتىنا دەريا قىنى كۇلۇبى
مەيداندىكى ئورنى: ھۇجۇمچى


ئالاھىدىلىكى:  پۇرسەت تۇتۇشى ياخشى، توپ ئۇرۇش ئۈنىمى يۇقىرى



3. ئىكاردى



13003920Q07.jpg


ئىسمى: ئىكاردى
ئېنگىلىزچە ئىسمى: Mauro Emanuel Icardi Rivero Fonseca Nacimiento
دۆلەت تەۋەلىكى: ئارگېنتىنا  (ئىتالىيە پاسپورتىغا ئىگە)
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1993- يىلى 2-ئاينىڭ 19- كۈنى
بوي ئېگىزلىكى: 180cm
ئېغىرلىقى:  75kg
كۇلۇبى: ئېنتىر مىلان
مەيداندىكى ئورنى: نەشتەر ھوجۇمچى


ئالاھىدىلىكى:  ئېنتىر مىلاننىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ياكى دىققەت قىلىپ تۇرىۋاتقان بولساڭلالا مەن دېمىسەممۇ سىلەرگە ئايان،  ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى، ئورۇن ئىلىش، ۋارتاغا ئۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى ناھايىتى كۈچلۈك











كېيىنكى تېما:  "ياۋروپادىكى قىزىل ئالۋاستى بىلگىيەنىڭ كەلگۈسى"


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-28 11:19:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئازىغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 12:21  
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 11:15
ئىسپاننىڭ كىچىكلىرىمۇ بوش ئەمەس، دېھىيا، بارتىرا، مون ...


ئىسپانىيە گىرمانىيە بىلەن تەڭ تۇرىدۇ، 2018- يىلىدىكى پۈتۈن كوماندا بويىچە ياشلىشىدىغان بىردىنبىر كوماندا بولۇپ قىلىشى مۇمكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 10:18:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئىسپانىيە تۇپچىلىرىمۇ خىلى ئىشتىرىپ قۇيامدىكى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 10:22:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە  بىرسى   باتتىغۇ    ئ‍ىتالىيەنىڭ   بىر   كۇلىبدا   توپ  تىپىدىغان          ھۇجۇمچى   باھاسىنى   40  مىلىيۇن  دىگەن  شۇنىمۇ   قۇشۇپ  قويماي     ئ‍ۇمۇ  90   نىڭ  بالىسىتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 10:24:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بىلگىيە كىيىنچە كۆچلۈك كوماندا بوپ كىتەرمىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 10:33:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 10:45:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىكاردى ئۇزاققا قالماي ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەزا بۇلۇپ قالىدۇ  

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 11:01:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ياشلارغا قوشۇلۇپ راۋۇرۇس تەجرىبىلىك ماھىردىن بىرسى بولسا كوماندىغا پايدىسى زوركەن، بېلگىيەدە ۋان بوممىلنىڭ ئورنىغا گوللاندىيەلىك كۈيىت بوپ كەتكەن بولسا ئارگىنتىنادىن ئۆتۈپ كىتەتتىدە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 11:06:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنادىن ئەسلى ياراملىق بېك بىلەن ئارقا بەل چىقسا بولاتتى، ھۇجۇمچى كۆپ بولغان بىلەن ئوتتۇرا مەيدان بولمىسا بولمايدۇدە، ئاساسلىق ئوتتۇرا مەيدانلىرىدىن 2018 قاتنىشالايدىغانلىرى ئازراق، مېسسىمۇ ئارقىغا سۈرۈلۈپ ئوتتۇرا مەيدان ئوينىدى دېسەكمۇ ئارقا بەل بىلەن بېك ئويناپ بولالمايدۇدە. ھېچ بولمىسا روخوغا يانداش بىر بېك ۋە يەنە بىر ماسچىرانودەك ئارقا بەل بوپ كەتسە تېخىمۇ كۈچلۈك بولاتى، راست ۋارتار مۇ بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 11:09:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىرانسىيەنىڭ ۋارتارسى 2018 كىچە تۇرالايدۇ،  بېكلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ياشلاشتى، لىۋىرپولدىمۇ ئىشقىلىپ يەنە بىر كوماندىدا ساكو دەپ يەنە بىر بېك بار، ئارقا بەلگە پوگبا بىلەن ماتۇيدى بار، ھۇجۇمدا گېرىزمان بار، جىرۇ بىلەن بېنزىمامۇ خېلى كۈچ بېرىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 11:15:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپاننىڭ كىچىكلىرىمۇ بوش ئەمەس، دېھىيا، بارتىرا، مونتويا، ئىسكو، كوكى، خېسى، موراتا، ئەلقاسىر، مۇنىر....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 11:29:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوللاندىيەمۇ ياشلىشىپ بىر چېمپىيۇن بولۇپ كەتسە بولاتتى ، 3-2 بوپلا يۈرۈمدۇ دەيمە . ئىشقىپ بىر چېمپىيۇن بولسا . روبېن چىكىنمىگەن ۋاقىتتا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 00:26

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش