akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1055|ئىنكاس: 19

ئاتۇشلۇقلارنىڭ 'دۇنيا لوڭقىسى' پۇتبول مۇسابىقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بارچۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 01:40  


ئاتۇشلۇقلارنىڭ 'دۇنيا لوڭقىسى' پۇتبول مۇسابىقىسى
ئەنۋەر ئەزىز (ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىنىڭ مۇخبىرى)
- بۇ شەنبىلىك بازىرىڭلار ئوخشىمامدۇ؟
14-فېۋرال كۈنى قەشقەردىن ئاتۇشقا قاراپ ماڭغان يول ئۈستىدە، ساناقسىز موتوسېكىلىت ۋە ئاپتىموبىللار يىغىلىپ قالغان بىر كۆرۈنۈش دېھقىتىمنى ئىختىيارسىز تارتقان ئىدى. گەرچە ئادەملەرنى قاتناش ۋاستىلىرىدەك كۆپ كۆرمىگەن بولساممۇ، ئەمما بىرەر تۈمەندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بۇ يەرگە جەم بولغانلىقىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس ئىدى. ھەرقايسى ناھىيىلەردە 'جۈمە بازىرى'، 'شەنبىلىك بازار' دېگەندەك ئۆزگىچە بازارلارنىڭ ناھايىتى قايناق بولىدىغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان بولغاچقا، ئۆزەمچە قارىسىغىلا ئىسىم قويغان ئىدىم. بىراق شوپۇرىمىز دېلشات ئابلىزنىڭ "ياق، بۇ دىگەن ئاتۇشتىكى 'دۇنيا لوڭقىسى' پۇتبول مۇسابىقىسى" دېگەن جاۋابىدىن بىلەرمەنلىكىم چانغان ئىدى.
-ۋايۋۇي، ھەجەپ جىق ئادەم كېلىپتا؟! ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوخشايدۇ، كۆرۈپ چىقمايلىمۇ؟
-ياق، ئالدى بىلەن سەپەر ھاردۇقىڭنى چىقرىۋال. يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى دۇشەنبە، سەيشەنبە كۈنلىرى چوقۇم كۆرىمىز. بۇگۈنكى مۇسابىقە گۇرۇپپا مۇسابىقىسى بولىشى ئېنىق.
سەپەردىشىم سادىر ئابلىزنىڭ بۇ جاۋابىدىن يەنە چانغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئېسىدە بولىشى مۇمكىن، 2003-يىلى ئېلان قىلغان "'ئىزچىلار' پۇتبول بۆشۈكىنى تەۋرەتتى" ناملىق ماقالەمدە، ئاتۇشتىكى پۇتبول قىزغىنلىقى توغرىسىدا توختىلىپ بولغانىدىم. يەنى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ، مەيلى قانداق دەرىجىدىكى مۇسابىقە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، تاماشىبىنسىز قالمايدىغانلىقىنى 'ئىزچىلار لوڭقىسى' پۇتبول مۇسابىقىسى ھەمدە شۇ يەردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن سىنىپلار ئارا پۇتبول مۇسابىقىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، يۈزەكى يېزىپ چىققان ئىدىم. بۇ قېتىم مۇسابىقىنى كۆرۈش ھەمدە تاماشىبىنلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، بۇ توغۇرلۇق تېخىمۇ تەپسىلى توختۇلۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتىم.
16-فېۋرال كەلگۈچە مەيلى ئاشخانا ياكى كوچىلاردا بولسۇن، ۋەياكى دوس-بۇرادەرلەرنىڭ مېھماندارچىلىقىدا بولسۇن،  بۇ مۇسابىقە توغۇرلۇق نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. چۈنكى ئاتۇشتا تۆت ئەركەك بىر يەرگە يىغىلسىلا، سۆھبەت تېمىسى ئىختىيارسىز ھالدا پۇتبول مۇسابىقىسى ھەققىدىكى پاراڭلارغا مەركەزلىشىپ قالاتتى. بۇ پاراڭلار ئارىسىدا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىش- ھەرىكەتلەر؛ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يۆتكۈلۈش سوممىسى ھەققىدىكى زىيىنىغا ماڭغان سودىلار؛ ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى توغۇرلۇق ئۇچۇرلار تولۇق ئىدى.   
ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىغا بەزىدە ئىشەنگىم كەلمەي، بىر سۇئالنى بىرقانچە ئادەمدىن سوراپ، ئېنىق جاۋابىنى جەزىملەشتۈرگەن چاغلىرىممۇ بولدى. مەسىلەن ئالايلۇق، ئاتۇشلۇقلارنىڭ سودا ئېڭى ھەممەيلەنگە ئايان، ئۇلار ئالدىراپ زىيانىغا ماڭىدىغان سودا بىلەن ھەپىلەشمەيدۇ. بىراق بۇ يەردىكى مۇسابىقىدە ھەممە كوماندىلار زىيىنىغا دەسسىگەندەك قىلاتتى. ئىگىلىشىمچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونىغا 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات تەسسىس قىلىنغان بولسىمۇ، ئازاق يېزىسىدەك بىر قىسىم يېزىلارنىڭ مۇسابىقە چىقىمى، مۇكاپات سوممىسىنى 10~20 ھەسسە قاتلىۋەتكەن ئىكەن. بىر قىسىم غوللۇق پۇتبولچىلارنىڭ مۇئاشىمۇ 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن، ھەتتا چېمپىيون كوماندىدىكى بىر قىسىم پۇتبولچىلارنىڭ مۇئاشى ۋە ئۆرۈمىدىن چۈشكەن پۇللىرى قوشۇلۇپ 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن. يەنە تېخى بىر شەھەرنىڭ ئۆزىدىكى يېزىلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە بولسىمۇ، پۈتۈن كوماندىلار مۇسابىقە مەزگىلىدە ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن.
  

دۇشەنبە كۈنى ئەتىگىنى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ 2015-يىللىق 'بۇغرا لوڭقىسى' ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى. مۇسابىقە مەيدانىغا يېقىنلاشقانسېرى قايناق بازار شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ يەردە كاۋاپ، لەمپۇڭ، تۇخۇم، گازىر-پۇرچاق ھەتتا تەنتەربىيە كىيىمى سودىلىرى ئەۋج ئالغان، ھەركىمنىڭ ھەرياڭزا خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلىرى ياڭراپ تۇرغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىكەن. ئەتراپقا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتىموبىل ۋە موتوسېكىلىتلارنىڭ سانى خېلى كۆپكەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن كەسپىي تېخنىكوم مەكتىۋىنىڭ قوروسىغا كىرىپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم. ھېلىقى كۈنى كۆرگەنلىرىم پەقەت، مەكتەپ قوراسىغا پاتمىغان بىر قىسىم ئاپتىموبىللار ئىكەن.بۇ مەكتەپنىڭ ئاپتىموبىل توختۇتۇش مەيدانى ناھايىتى كەڭرى بولسىمۇ، مۇسابىقە كۆرۈشكە كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ ئاپتىموبىلى بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ.
سەل كىچىكىپ بارغان گۇنايىمىزغا مۇخبىرلىق كىنىشكەمنى كۆرسۈتۈپ ، ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملارنىڭ يول ئېچىپ بېرىشى ئارقىسىدا،  قىستىلىپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە مۇسابىقە كۆرگۈدەك بىر پەشتاققا چىقىۋالدىم. مەيلى كۆرۈش سۇپىسىدا بولسۇن ياكى پەشتاختا بولسۇن، مۇسابىقىنى ئولتۇرۇپ كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن. 20 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىننىڭ ئالدى رەتنى ئىگىلىلەپ ئولتۇرىۋالغان ئازغىنە بىر قىسمىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ھەممەيلەن دېگۈدەك تىك تۇرۇپ، بويى پاكار كېلىپ قالغانلىرى ئورۇندۇقنى دەسسەپ تۇرۇپ مۇسابىقە كۆرسە، يەنە بەزىلىرى خۇددى ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىۋالغاندەك پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ مۇسابىقە كۆرۈۋاتاتتى.
مۇسابىقىدە توپ كىرىش ئەھۋالى كۆرۈنسە ياكى ياخشى پاسلار بېرىلسە تاماشىبىنلار 'ھو!' دەپ چۇقان سالاتتى. تاماشىبىنلار بېسىققاندا، ئۇچەتتىن بۇچەتكە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ سېتىقچىلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ "مانا گازىر ئېلىۋېلىڭلار گازىر، ئۇسىغانغا سۇ باغۇ!" دەپ توۋلاشلىرى قۇلاقنى بوش قويمايتتى. ئەتراپتىكىلەرنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سالسام تېخىمۇ قىززىق. ئەيتاۋۇر ھەممىلا تاماشىبىن خۇددى پۇتبول مۇلاھىزىچىلىرىدەك بىردەم مەيداندىكى پاسلارنىڭ يۆلۈنۈشىنى كۆرسۈتۈپ سۆزلىسە، بىردەم رېپىرلارنىڭ خاتالىقى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشاتتى. خاتا سۆزلەپ سالسا يېنىدىكى بىلەرمەنلەر دەرھال تۈزۈتۈش بېرىشەتتى. ئىشقىلىپ مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىچى تېشىنى ئىنتايىن قىزغىن كەيپىيات قاپلىغان بولۇپ،  بۇ يەردە مۇگدەپ قالغان ياكى بىكار قالغان بىرەرمۇ ئادەم تېپىلمايتتى.
ئەتىگەن توققۇزدا باشلىنىپ، چۈشتىن كېيىن ئىككىلەردە ئاياقلىشىدىغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى كۆرۈشكە يىراق- يېقىندىكى يېزىلاردىن، ھەتتا قەشقەردىن كەلگەن دېھقان تاماشىبىنلار ئۈچۈن، بۇ يەر بىر كوڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەتىگىنى بىر كەلسە مۇسابىقە تۈگىگەن تەقدىردىمۇ كەشكىچە بۇ يەردىن ئايرىلمايدىكەن. ناۋادا ئاپتىموبىلىڭىزنى مەكتەپ قوراسىغا توختاتقان بولسىڭىز، مۇسابىقە ئاياقلاشقاندا ئاز دىگەندىمۇ بىر سائەت ساقلىماي تاش يولغا ئۇلىشالمايسىزكەن.
ئەتىسى يەنى 17-فېۋرال كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا، ئاتۇشلۇقلارنىڭ 'دۇنيا لوڭقىسى' پۇتبول مۇسابىقىسى دەپ تەرىپلەنگەن بۇ مۇسابىقە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويدى. بۇ كۈنى كەلگەن تاماشىبىنلار تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، شەھەر باشلىقىدىن تارتىپ نەق مەيدانغا كېلىپ مۇسابىقە كۆرگەن ئىدى.
3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۈستۈن ئاتۈش بازار كوماندىسى بىلەن ساقچىلار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۈستۈن ئاتۇش كوماندىسىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياقلاشتى. چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى بولسا، ئازاق كوماندىسى بىلەن سۈنتاغ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىپ، ئازاق كوماندىسىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياقلاشتى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئاياقلىشىش بىلەن تەڭ، كۆرۈش سۇپىسىدىكى ئازاق يېزىسىدىن كەلگەن تاماشىبىنلار ھاياجىنىنى باسالماي مەيدانغا يۇپۇرىلىپ كىردى. ئۇلار چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئازاق كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇل ۋە پۇتبولچىلىرىنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، مەيداندا ئامانلىق ساقلىغۇچىلارغا بوي بەرمەي يېرىم سائەتچە سۈرەن- چۈقان سېلىشىپ تەرتىپنى بىرئاز قالايمىقانلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ھىچقانداق يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلماي يېپىلىش مۇراسىمىنىڭمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
ئەمەلىيەتتە بۇ مۇسابىقە خېلى بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، ھەرقايسى كەنتلەر بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆزگە كۆرۈنگەن ماھىرلار تاللىنىپ يېزا كوماندىسىغا يىغىلىپ ئاندىن بۇ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇسابىقىنىڭ تاماشىبىنلىرى گۇرۇپپىلار ئارا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىلەردىمۇ ئىزچىل تۈمەندىن ئېشىپ كەلگەن. ھەتتا ھەرقايسى يېزىلارنىڭ ئىچكى جەھەتتە ئېلىپ بارغان تاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ تاماشىبىنلىرىمۇ نەچچە مىڭدىن كام بولۇپ باقمىغان. ھېلىغۇ ئاتۇشلۇقلارنىڭ 'دۇنيا لوڭقىسى' پۇتبول مۇسابىقىسىكەن، بۇ يەردە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككى سىنىپى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىمۇ ھەرگىز تاماشىبىنسىز قالمايدۇ. ئۇلار پۇتبولغىلا ئەمەس چېلىش، ۋاسكېتبول، ۋالىبول، توخو سوقۇشتۇرۇش... ئەيتاۋۇر قانداقلا مۇسابىقە بولىدىكەن، مەيداننى تولدۇرۇپ ئولتۇرۇپ زور ئىشتىياق بىلەن كۆرۈشىدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولۇدىكى، ئاتۇشلۇقلارنىڭ مۇسابىقە كۆرۈش نىسبىتىنى شىنجاڭنىڭلا ئەمەس، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقانداق يېرىگە سېلىشتۇرساقمۇ مۇتلەق ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەيدۇ. ئۇنداقتا ئاتۇشلۇقلارنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتى نەدىن كەلگەن؟ نىمە ئۈچۈن 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ھەممەيلەن، ھەتتاكى مومايلارغىچە مۇسابىقە كۆرۈشكە ئامراق كېلىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئەتىكى ساندا ئېلان قىلىنىدىغان "ئاتۇشلۇقلارنىڭ يۇرتۋازلىقى" دېگەن ماقالە سەمىڭىزدە بولسۇن.

مەنبە:ئەنۋەر ئەزىز (ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىنىڭ مۇخبىرى)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 21:17:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتۇشتا چوڭىراق مۇسابىقە ئ‍ۆتكۈزۈلۈپ قالسا چۇقۇم بىرىپ كۈرۈپ كەلمىسەم،،،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 12:43:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە بۇلۇۋاتقان پۇتبول قىزغىنلىقىنى  ئاتۇشلۇقلارنىڭ يۇرتۋازلىقى دەپ تەبىر بىرىش مىنىڭچە توغرا ئەمەس...
ئاتۇش ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ باشلانغان جايى...ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى بەزى قىرىنداشلىرىمىز مازارلاغا پوشكال تۇشۇپ خۇراپاتلىق پاتقاقلىرغا پىتىىپ يۈرگەندە ئاتۇش بايلىرى دۇنيانى ئايلىنىپ باشقا ئەل خەلىقلىرىنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى بىزنىڭ ئەل خەلىقنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر نادانلىقلارغا پىتىپ ياشاۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان..ھەمدە خەلىقنى بۇ ئوقۇبەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىنبىر ئامالىنىڭ پەقەت مائارىپتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىپ ئاكا ئۇكا مۇسسا بايۇفلار خەلىق ئارسىدا ئاقارتىشى ئىشلىرىنى ئىلىپ بارغان..شۇ قاتاردا پۇتبولمۇ تەڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگەن.گەرچە قوشنا يۇرتلارغا ئىلىپ بارغان ئاقارتىش ھەركەتلىرى خەلىق بىشىغا چىقىۋالغان جاھىل موللىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇقلارغا ئۇچىرىغان ۋە نەچچە ئالىملىىرىمىز ئۆز نادان قىرىنداشلرى تەرپىىدىن قەستكە ئۇچراپ توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ بىراق ئاتۇشتا مۇھاپىقىيەت قازانغان...شۇنداق دىيشكە بولىدىكى پۇتبول ئاتۇش خەلقىگە نسىبەتەن ناتونۇش نەرسە ئەمەس بەلىكى ئاتا بوۋلىرىدىن مىراس مەنۋى بايلىقى
شۇڭلاشقا ئۇنى يۇرتۋازلىققا كۈتۈرۈش تازا توغرا ئەمەستەك..يۇرت بايلىرىنىڭ پۇتبولچىلارغا پۇل ئۈرۈمە قىلغىنى بولسا تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشتىكى بىر ۋاستە خالاس..ھازىر ئىقتىساد پۇتبول بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى..موشۇ تىمىنىڭ ئاستىدىكى تىمىدا پارمانىڭ مائاش تارقىتالماي ۋەيران بولۇش گىردابىقىغا بىرىپ قالغىنى دىيلىپتۇغۇ..
ئاتۇشتىكى بۇ پۇتبول قىزغنىلىقى مەھمۇدىينىڭ ئىكساقلىقلار چەتئەللىك ئاياللار بىلەن توپ ئويناپ يىڭىپتىكەن دىگەن ھىلقى تىمىسىغا ناھايىتى ياخشى جاۋاپ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-28 01:29:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگىيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 01:34  

مەنبە؛ 阿图什足球 ‹‹ئاتۇش پۇتبول سالونى››
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 02:02:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ قەشقەردىمۇ شۇنداق مۇسابىقىلەر بولۇپ تۇرسا ، بېرىپ كۆرۈپ تۇرساق دەيمەن … ياكى بولمىسا ئۆتكۈزۈلسىمۇ مەن بىلمەي قالامدىغاندىمەن ؟! ھېچ ئۇقالمىدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 02:07:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anwar310 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 02:02
بىزنىڭ قەشقەردىمۇ شۇنداق مۇسابىقىلەر بولۇپ تۇرسا ، بې ...

شۇنى دەڭلا,بۇرۇن بىر قېتىم ئۆتكۇزۇپلا يوقاپ كەتتى بۇنداق ئىشلار,ئەينى ۋاقىتتا ئەمىن,ئىسكەردەر قايماقلىق ماروژنى شىركەتلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۆتكۇزۇلۇپ,ئاجايىپ قىززىپ قويغان لىكىن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 02:46:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىزچىلار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 02:47  

تىنىچلىق بولسا ئاتۇشتا ھەر يىلى بىر -ئىككى قېتىمدىن مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغاننىڭ گىپى بار ،ئىككى يىلدىن بېرى مۇسابىقىلەر ئۈزۈلدۈرمەي ئۆتكۈزىلىۋاتدۇ
تاماششىبىنلارنىڭمۇ  قوللىشى بەك ياخشى بولۋاتدۇ ،بايلار پۇلىنى ئايىماي خەجلەۋاتدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 09:04:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتۇشقا كۆز تەگمىسۇن مۇشۇنداق مۇسابىقىلەر داۋاملىق ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 11:15:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن پۇتبول قىزغىنلىقى يۇقۇرى ئىكەن . داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغاي .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 13:33:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەممار718 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 02:07
شۇنى دەڭلا,بۇرۇن بىر قېتىم ئۆتكۇزۇپلا يوقاپ كەتتى بۇن ...

شۇ شۇ ، 2006-يىلىغۇ دەيمەن ، شۇ چاغدا ئىسكەندەر لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە بىر كۆرگەن ، ئاندىن كېيىن يەنە بىر يىلى قىشتا 6-ئوتتۇرىدا بىر قېتىم 7 كىشىلىك مۇسابىقە ئۆتكۈزدى ،شۇنى كۆرۈپتىكەنمىز ، ئانىڭدىن كىيىن تۈزۈك بىر مۇسابىقىمۇ بولغاندەك يادىمدا ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 13:54:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 14:10:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى بىر مەيدان مۇسابىقە بولغان ئوخشىمامدۇ  ھەي كۆرەلـمەپتۇق دە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 14:51:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20مىڭ مۇكاپات دەيدىغۇ…چىمپىيۇننىڭ مۇكاپاتى 50مىڭ  تۇرسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش