elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1100|ئىنكاس: 31

پارما كوماندىسى مۇسابىقە ئويناشنى رەت قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 00:35  

2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا پارما كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بايانات ئېلان قىلىپ كوماندىنىڭ يەكشەنبە كۈنى رىنايا كوماندىسى بىلەن بولىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقىگە چىقىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
parma.png

پارما كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئالىسساندىرو.روكالىللى كوماندا ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن يەكشەنبە كۈنىدىكى رىنايا بىلەن بولىدىغان مۇسابىقىنى ئوينىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن،پارما كوماندىسىنىڭ  بۇ مۇسابىقىسى  ئىتالىيە  ۋاقتى بويىچە يەكشەنبە كۈنى 15:00تە قارشى تەرەپ مەيدانىدا ئوينىلىدىغان بولۇپ قائىدە بويىچە بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ ئەتە قارشى تەرەپ مەيدانىغا قاراپ مېڭىشى كېرەك ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا پارما ئۆز مەيدانىدا ئۇدىنىس كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىمۇ  كۇلۇبنىڭ مەيداننى باشقۇرۇش ھەققى ۋە توك پۇلىنى تۆلىيەلمەي قەرز بولۇشى سەۋەبىدىن مەيدان مەسىلىسى ھەل بولماي  كېچىكتۇرۇلگەن ئىدى.

كوماندا كاپىتانى چۈشەندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ‹‹ بىز بۇ قارارنى بارلىق توپچىلار بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ چىقاردۇق،بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كۇلۇب خۇجايىنىغا بېسىم قىلماقچى،كوماندا ئەزالىرى بىرھەپتە قاراپ باقىمىز،كۇلۇب بۇ ئىقتىسادىي مەسىلىنى ھەل قىلامدۇ -يوق؟ بىز 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن بۇرۇن نەتىجە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز››.
پارما كوماندىسى يېقىندىن بۇيان ئېغىر مالىيە كىرىزىسىگە يولۇققان بولۇپ كوماندا ھازىر ئاساسىي مەشققىمۇ كاپالەتلىك قىلالمىغان، بىر قېتىملىق مەشىقتىن كېيىن كوماندا ئەزالىرى ھەتتا ئىسسىق سۇدا يۇيۇنىشقىمۇ ئامالسىز قالغان. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ رىنايا بىلەن بولىدىغان مۇسابىقىگە چۈشۈشنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبىمۇ ناھايتى ئاددى،ئۇلارنىڭ قاتناش مەسىلىسمۇ ھەل بولمىغان.
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە كوماندا مۇسابىقە تاشلىسا شۇ مەيدان مۇسابىقە نەتىجىسىدە مۇسابىقە ئوينىمىغان كوماندىنى 0-3ئۇتتۇرغان دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چارە كۆرۈلىدۇ.
پارما كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىل بىرلەشمىدىكى نەتىجىسىمۇ ئىنتايىن ناچار بولۇپ 22ئايلانمىدا 3مەيدان ئۇتۇپ  2مەيدان تەڭلىشىپ 17مەيدان ئۇتتۇرۇپ بىرلەشمە رەت تەرتىپتە ئەڭ ئاخىرىدا قالغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 00:36:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانچە  بىچارە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 00:37:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەدا  گۇرۇھى ئۇ نىڭ  بۇنىڭ  پىيىنى  سېتىۋېلىپ  يۇرگىچە  مانداق  كۇلۇپتىن  بىرنى  سېتىۋېلىپ   بىر  نەچچە  يىل  پۇل  كۇيدۇرسە  خېلى  نامى  چىقىپ قالاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 00:38:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نىمانچە ئېغىر كۈنگە قالغاندۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 00:44:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىسىنى كۆرىدىغان تاماششىبىن شۇنداق جىقكەن، بىلەت كىرىمى چىقىمغا بويلاشماپتۇدە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 00:50:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە ئىشلار بولاۋاتىدۇ ھوي…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 01:04:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارما مۇشۇ كۈنگە قالدىما ؟ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 01:34:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيەنىڭ مالىيە ئىخسادى غا چىتىشلىق مۇدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 01:38:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇراتتىنىڭ بۇ كۇلۇپنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن دىگەندەك خەۋەرنى كۆرگەندەك يادىمدا بار مۇشۇنداق ۋاقىتتا سېتىۋالسىمۇ بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 01:52:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق كۈنگە قاپتۇ .  يەنە كۇلۇپ خوجايىنى گىزىتكە كۇلۇپنى ساتىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئېلان بىرىپتۇ .  ئىتالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 5 مىليون ياۋرۇ قەرىز بىرىپ بۇ پەسىلدىكى ئون نەچچە ئايلانمىنى ئوينىۋېتىپ ئاندىن كۇلۇپنىڭ مۇسابىقە ئوينىشىنى چەكلىۋېتىدىكەن . قارغاندا قەرىز ئەمىلىلەشمەي شۇڭا ما مۇسابىقىنىمۇ ئوينىمايدىغان ئوخشايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 01:56:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارچۇق يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 01:38
مۇراتتىنىڭ بۇ كۇلۇپنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن دىگەندەك خەۋە ...

شۇنداق خەۋەر چىققان   

ئەمما ھازىر سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان ھەر قانداق باي پارمانىڭ بەھاسىدىن  ئەمەس  تۇلەشكە تىگىشلىك قەرزىدىن ئەنسىرەيدۇ   

خەۋەرلەرگە قارىغاندا 200مىليۇنغا يېقىن قەرزى بارمىش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-28 02:02:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azimat-9 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 01:56
شۇنداق خەۋەر چىققان   

ئەمما ھازىر سېتىۋېلىشنى ئويلاش ...

ئەمسە ئالىمەن دىسە ئازراق ئۈستەك بىرىپ ساتسا بولغىدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 05:41

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش