elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1723|ئىنكاس: 14

گۇاڭجۇ خىڭدادىكى پۇتبولچى ئۆسمۈرلەر بىلەن كورلىدا سۆھبەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  گۇاڭجۇ خىڭدادىكى پۇتبولچى ئۆسمۈرلەر بىلەن كورلىدا سۆھبەت
2015- يىلى 2- ئاينىڭ 25- كۈنى ئوبلاستلىق تەنرۇس تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ پىلانلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ، ئالتۇن بۇلاق رېستۇرانىدا كورلا شەھىرىدىن گۇڭجۇ خىڭدا پۇتبول مەكتپىگە ئوقۇشقا بارغان ياش-ئۆسمۈر پۇتبولچىلاربىلەن بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە گۇڭجۇ خىڭدا پۇتبول مەكتپىدىن  ئەسقەرقۇربان ، دىلشات ئابلىمىت، سەردار سىيىت،ئەكرەم ئۆمەر، قەمىردىن يۈسۈپ،ئابدۇللا تايىر،كەۋسەر ئابدۇغېنى قاتارلىق ياش پۇتبولچىلار  ھەمدە ئاتا- ئانىلار ۋەكىلىمۇ قاتناشتى. سۆھبەتكە تەكلىپ بىلەن شەھەرلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى كوماندىلار ، تېرنېرلار ،رېپىرلار ۋەككىلىرى،شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبى  ياشلار كوماندىسىدا  تۇرۋاتقان ياش ۋاسكىتبولچى ئارمانجان قادىر قاتارلىق قىرىقايېقىن  كىشى قاتناشتى. سۆھبەتكە ئوبلاستلىق تەنرۇس تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېليار تۇرسۇن ئەپەندىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا گۇڭجۇ خىڭدا پۇتبول مەكتپىگە ئوبلاستىمىزدىن ئوقۇشقا بارغان ئۆسمۈر پۇتبولچىلىرىمىزنى كۈتىۋىلىش،قوللاش،مەددەت بېرىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.سۆھبەتتە كورلا شەھەرلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، پىشقەدەم ئۇستاز،تېنېر ئىسمايىل مۇئەللىم ئوبلاستىمىزنىڭ ۋە شەھىرىمىزنىڭ يېقىندىن بۇيانقى پۇتبول تەرەققىيات ئەھۋالىنى خۇلاسىلىدى ۋە بارلىق پۇتبولچىلاردىن، كوماندىلاردىن ،بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەردىن كۈتىدىغان ئارزۇ- ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئاتا- ئانىلار ۋەكىلى سىيىتجان مۇئەللىم  ئۆزپەرزەنتى سەردارجاننى پۇتبول مەكتىپىگە ئاپىرش جەريانىدىكى  ئىشلارنى سۆزلەپ،شىىنجاڭ  پۇتبولچىلىقى بىلەن ئىچكىردىكى پۇتبوچىلىقنىڭ  پەرىقىنى ، بىزنىڭ ئىشلەشكە تىگىشلىك  يەنە قانداق خىزمەتلەرنىڭ بارلىقىنى خۇلاسىلىدى. گۇڭجۇ خىڭدا پۇتبول مەكتپىگە ئوقۇشقا بارغان ئىنىلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ پۇتبول مەكتىپىگە بارغاندىن كېيىن كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنى،ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى  ،ئىتالىيىگە مەشىق، مۇسابىقىگە بارغاندىن كېيىنكى ھېس قىلغانلىرىنىمۇ سۆلەپ ئۆتتى.
سۆھبەتتە ئالتۇنبۇلاق رېستۇرانىنىڭ دېرىكتورى تۇرغۇنجان ئەپەندىم بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئەھمىيىتىنى خۇلاسىلاپ، بۇنداق يىغىلىشلارنىڭ، پىكىر ئالماشتۇرۇشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىشىنى، ئىتتىپاقلىشىپ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىمزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بىر بالداق ئۆرلىشى ئۈچۈن ئورتتاق كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.شەھەرلىك بەشىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن ياش تېرنېر، گۇڭجۇ خىڭدا پۇتبول مەكتپىگە بارغان بالىلارنىڭ تەربىيىچىسى مۇزەپپەر مۇئەللىم باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول تەرەققىيات ئەھۋالىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭ شۇ بالىلارنى تەربىيىلەش جەريانىدىكى ئىشلارنى، مەكتەپ پۇتبولچىلىقىمىزدا كۆرۈلگەن قېيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرغا قويدى.شەھەرلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپدىن ياقۇپجان مۇئەللىم، قارايولغۇن مەكتەپتىن قۇربانجان مۇئەللىممۇ ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
تەكلىماكان كوماندىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يېتەكچىسى قەيسەر قەھرىمان ئەپەندىم كوماندىلارغا ۋەكىل بولۇپ سۆز قىلدى. بىخلان تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى يۈسۈپجان ئەپەندىم ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ، رادىئو-تېلېۋزىيە ئىدارىسىدىن راھمانجان ياسىن دۆلىتىمىزنىڭ ۋە ئاپتونوم  رايونىمىزنىڭ مەكتەپ پۇتبولچىلىقىغا قارىتا چىقارغان يېڭى سىياسەتلىرىدىن چۈشەنچە بەردى.
ئاخىرىدا ئوبلاستلىق تەنرۇس تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىليار تۇرسۇن ئەپەندىم سۆھبەتكە قاتناشقان ياش پۇتبولچىلارغا خاتىرە بويۇمى سوۋغا قىلدى.بۇ قېتىمقى پائالىيەت باشتىن ئاخىرى يۇقىرى قىزغىنلىققا ئېلىپ بېرىلدى، چاۋاككلار ئۈزۈلمەي تۇردى،ناھايىتى ياخشى بىر قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش بولدى، ھەمدە بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىندى. ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 26- چىسلا چۈشتىن كېيىن رويال بەش كىشىلىك زال ئىچى پۇتبول مەيدانىدا گۇڭجۇ خىڭدا پۇتبولچىلىرى بىلەن كورلا شەھىرىدىن تەشىلەنگەن كوماندا بىر مەيدان دوستلىق مۇسابىقىسى ئوينىدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت كورلا پۇتبولچىلىقىغا ئاكتىپ رول ئوينايدىغان پائالىيەت بولدى، بىز بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئورتتاق ھەمكارلىشىپ بىرنىيە- بىر مەقسەتتە پۇتبولچىلىق ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
IMG_2583_副本.jpg

IMG_2595_副本.jpg

IMG_2600_副本.jpg

IMG_2604_副本.jpg

IMG_2607_副本.jpg

IMG_2613_副本.jpg

IMG_2618_副本.jpg

IMG_2648_副本.jpg

IMG_2736_副本.jpg

IMG_2741_副本.jpg

IMG_2766_副本.jpg

IMG_2795_副本.jpg



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-27 20:54:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ نىسىپ  قىلسا  يەنە  كەم  دىگەندە 5  يىلغا  يەتمىگەن  ئۋاقىتتا  بىر  قانچە   ئىنىلىرىمىزنىڭ    ئۇتۇق  قازانغىنىنى   كۇردىغان  ئوخشايمىز  .بىرسى  بولسىمۇ   ياۋرۇپادا   توپ   تىپىپ  توپ  ئۇرغاندىن  كىيىن  كىيىمىنى  سېلىپ  شىردەك  ھۇكىرەپ  تۇرۇپ       كۇك  ئىچ كىيىمىنىڭ  ئۇستىگە  يېزىقلىق  ئويغۇر  دىگەن  خەتنى  مۇشلاپ  تۇرۇپ   ھې مەن  ئويغۇر  دەپ  توۋلىغان  كۇرۇنىشنى  ئويلىسام  ھاياجان  ئىلكىدە  كۇزلۇرۇم  نەملىنىدۇ    شۇ  كۇنلەرنىمۇ  كۇرەرمىزمۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-27 20:24:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ئۈمۇدلىرى ، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-27 20:29:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورلىدا پۇتبول قىزغىنلىقى بارا بارا يۇقۇرى كۆتۇرۇلىۋاتىدۇ ئاللاھ خالىسا…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-27 20:41:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۈسى ئۈمىد يۇلتۇزلىرى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-27 20:44:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئ‍ىش بوپتۇ، لىكىن مەن خەۋەرسىز قاپتىمەن،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-27 20:47:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمى  چىققانلارنىڭ  ھەممىسي كورلىدىنما  شۇنداق  بولسا  ھەقىقەتەن  كۇپكەن  .خېڭدادا  تەربىيلىنىۋاتقان  ئۇكىلاردىن  ئالدى  كەينى  قارار  بۇلۇپ  قانچىلىك  باللا  بادۇ  قىزىقىپ   قالدىم  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-27 21:05:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 20:54
ئاللاھ نىسىپ  قىلسا  يەنە  كەم  دىگەندە 5  يىلغا  يەتمىگە ...

ئاللاھ نىسىپ قىلسا ئۇ كۇنلەرمۇ كىلىپ قالار،ئاستىدىن سانىغاندا ئۇچىنچى رەسىم ئوتتۇرىدىكى ئاق كۆك يوللۇق كىيىم كىيۋالغان بالىنىڭ ئىسمى قەيسەر،مەيداندىكى ئورنى ۋارتار بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مەيدانغا چۇشكىنىنى كوردۇق، توپقا بولغان سەزگۇرلىكى،چاققانلىقى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ،بالىلاردىن ئاڭلىشىمچە ئالدىمىزدا گوللاندىيەگە بارىدىكەن،شۇنداق بۇلۇپلا قالسا بۇ بالىدا ئۇمۇدبار…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-27 22:22:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 20:47
ئىسمى  چىققانلارنىڭ  ھەممىسي كورلىدىنما  شۇنداق  بولسا  ...

مەن بىر زىيارەت فىلىمىدە 150 ئۇيغۇر بالا تەربىيلىنىۋاتىدۇ   دەپ  كۆرگەن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-27 22:54:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  ئ‍ەزمەتلىرىمىزدىن  بىر نەچچىسى  ياۋرۇپادىكى  كۇلۇبلاردا  توپ تەپسە،شۇلارنىڭ  مەستانىسى بۇلۇپ  ئ‍ورتاق ھۇرااااا توۋلىساق،،، ،شۇ كۈنلەرنى  نىسىپ  قىلغاي  ياراتقۇچىمىز،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-27 23:30:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھتىن سىلەرگە  مەدەت  تىلەيمەن  ئۇيغۇرۇم     ھۇررا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-27 23:34:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ باللارنىڭ ئىپادسى بەك ياخشى بوپتۇ  كىيىنچە ئۈمۈد زور
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 13:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش